تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۆلچەم يارىتىش ۋە كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يولى

ئۆلچەم يارىتىش ۋە كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يولى

ۋاقتى: 2016-11-01 ئاۋاتلىقى: 2063 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۆلچەم يارىتىش ۋە كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يولى


ئۈچىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئىككىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلار ئىختىساسلىق خادىم يېتىشتۈرىدۇ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلار ئۆلچەم يارىتىدۇ››. مانا بۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى كارخانىچىلار ئارىسىدا ‹‹مودا››غا ئايلانغان سۆز. 


 دەرۋەقە، ھازىر، مەيلى مەملىكەت ئىچىدىكى ياكى خەلقئارادىكى داڭلىق كارخانىلار بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ زادى قايسى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا ئىكەنلىكىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نۇرغۇن كارخانا ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ (ساھە) بويىچە كەسىپداشلار ۋە ئىستېمالچىلار بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆزىگە خاس ئۆلچەم يارىتىشنى كارخانىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەقىدىسى ۋە تىرىشىش نىشانى قىلىدىغان، يەنى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا بەرپا قىلىش يولىدا بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىغان بولدى.  


ئۇنداقتا، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق ساھە، بارلىق تارماق، جۈملىدىن بارلىق كارخانىلار شۇنچە ئېتىبار بىلەن قارايدىغان ۋە تەلپۈنىدىغان ئۆلچەم زادى نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇ زادى كارخانىلارغا نېمىلەرنى ئاتا قىلىدۇ؟ ئۆلچەم ئادەت تىلىمىز بويىچە ئېيتقاندا، ‹‹قېلىپ›› دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. بىز ئادەتتە، ئاياغنىڭ قېلىپى، كېسەكنىڭ قېلىپى دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۆلچەملەشتۈرۈش بولسا، ھەر قانداق بىر ئىشنى سان، سۈپەت، شەكىل قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن بېكىتىلگەن ئۆلچەملىك مىقدارنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلچەم، ئادەتتە، ئۆزىنىڭ دائىرىسىگە قاراپ خەلقئارالىق ئۆلچەم، دۆلەتلىك ئۆلچەم، يەرلىك ئۆلچەم، ساھە ئۆلچىمى ۋە كارخانا ئۆلچىمى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ‹‹ئۆلچەم›› دېگەن بۇ ئىسىم بىر ئاز يېڭىلىق بىلىنسىمۇ، لېكىن غەرب ئەللىرىدە بۇ ئىسىمنىڭ پەيدا بولۇپ ئىشلىتىلىشكە باشلانغانلىقىغا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. ھازىر دۇنيا بويىچە تۇنجى خەلقئارالىق ئۆلچەم تەشكىلاتى ھېسابلانغان ‹‹ISO››غا 100دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى ئەزا بولغان. 1951-يىلى ‹‹ISO›› دۇنيا بويىچە تۇنجى خەلقئارالىق ئۆلچەمنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە 9000–ISO ۋە 9001–ISO قاتارلىق 17 مىڭدىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئۆلچەمنى ئېلان قىلغان.  


‹‹كوكا كولا››نىڭ تەمىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم ياقتۇرىدۇ؟ ‹‹پىئېركاردىن›› ماركىلىق كىيىم-كېچەكلەرنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم كىيىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ ‹‹مېرسىدىس›› ماركىلىق پىكاپ نېمە ئۈچۈن سالاھىيەت، ئىمتىياز ۋە بايلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالىدۇ؟ بەلكى، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز يۇقىرىقىدەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىگەندە بۇلارنى تولىمۇ تەبىئىي ھالدا ‹‹داڭلىق ماركا›› دېگەن سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن. 


 ئەمەلىيەتتە، بۇ سوئاللارغا بېرىلىدىغان جاۋاب بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ‹‹كوكا كولا›› ، ‹‹پىئېركاردىن››، ‹‹مېرسىدىس›› قاتارلىقلار نۇرغۇن پەن تەتقىقات خىراجىتى ئاجرىتىش ئارقىلىق ئۆز ساھەسىدە ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆلچەم ياراتقان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ شىركەتلەر ئۆز قولىدا ئۇزاق يىللار مابەينىدە مەھكەم تۇتۇپ كەلگەن ئاشۇ ‹‹قېلىپ››لارنى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى بىلەن ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئوڭىدىمۇ، چۈشىدىمۇ ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، بىراق زادىلا ئېرىشەلمەيدىغان بىباھا ‹‹گۆھەر››گە ئايلاندۇرغان.  بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان كارخانا ئۆلچىمىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلىرى خېلى نۇرغۇن بولۇپ، بۇلار، ئاساسلىقى، مەھسۇلات ئۆلچىمى، سۈپەت ئۆلچىمى، پەن تەتقىقات ئۆلچىمى، ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات ئۆلچىمى ۋە كارخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى قاتارلىق كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا مۇشۇ مەزمۇنلار ئۆز ئارا بىرلەشسە كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش دېگەن ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا، دۇنيادىكى نۇرغۇن كارخانىلار نېمە ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ كارخانا باشقۇرۇشقىچە ئۆزىگە خاس ئۆلچەم يارىتىشقا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ ئۆلچەم زادى كارخانىلارغا نېمىلەرنى ئاتا قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ: 


 (1) ئۆلچەم يارىتىش كارخانىلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى ۋە ئۆزىگە تەۋە ئىستېمالچىلار توپىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئەڭ ‹‹ئۆتكۈر قورال›› ھېسابلىنىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، مەھسۇلاتنىڭ سان، سۈپەت، شەكىل ۋە تەم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆلچىمىنى بېكىتىش شۇ كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى، شۇنداقلا شۇ كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ. دۇنياغا داڭلىق زەنجىرسىمان تېز تاماقخانا گۇرۇھى بولغان ‹‹ماك دونالد››نى بۇ جەھەتتە ئەڭ ياخشى ئۈلگە ياراتقان شىركەت، دېيىشكە بولىدۇ. 59 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ شىركەت، ئاساسلىقى، ھامبۇرگ بولكىسى، توخۇ پاچىقى، گازلىق سۇ، ماروژنى ۋە مېۋە سالات قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇ شىركەتنىڭ دۇنيادىكى 121 دۆلەت ۋە رايوندا 31 مىڭدىن كۆپرەك دۇكىنى، 390 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار. ماك دونالدنىڭ 2008-يىللىق ئومۇمىي تىجارەت سوممىسى 23 مىليارد 520 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.  ئۇنداقتا، بۇ شىركەتنىڭ بۇنداق كاتتا ئۇتۇقلارنى قازىنالىشىدىكى ‹‹سىر›› زادى نەدە؟ بۇنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، سىز بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ قايسىلا جايىدىكى ‹‹ماك دونالد›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان دۇكانغا قەدەم تەشرىپ قىلماڭ، ئۆزىڭىزگە تولىمۇ تونۇش بولغان ھەم ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان تەمنى تېتالايسىز. چۈنكى، ماك دونالدنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۇكانلىرىدىكى تائام ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ تەمى ۋە مىقدارى ئوخشاش. «ماك دونالد» شىركىتى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىرلا خىل ئۆلچەملىك تاماق رىسالىسىنى ئىشلەتكەن ھەم ھەر قانداق بىر دۇكاننىڭ بۇ ئۆلچەمنى ئۆز ئالدىغا بۇزۇۋېتىشىگە قەتئىي يول قويمىغان. دېمەك، بۇ شىركەت مانا مۇشۇنداق ئۆز ئۆلچىمى بويىچە ئىش كۆرۈشكە قاتتىق ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەم ئۆزىنىڭ ئىناۋىتى ۋە مەنپەئەتىنى قاتتىق قوغدىغان، ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ ھەممىلا يەردە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل تەمدىن بەھر ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. خۇلاسە شۇكى، ئۆزىگە خاس ئۆلچىمى بار مەھسۇلات ئىشەنچلىك، ئىناۋەتلىك ھەم بازارلىق بولىدۇ. 


 شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭدىكى خېلى كۆپ قىسىم كارخانىچىلار، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرى تېخى ئۆلچەمنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە خاس ئۆلچەم يارىتىش ۋە كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ بىر كارخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات مۇساپىسىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى تازا ئېنىق بىلمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بىرى، شىنجاڭدا قۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنىڭ تارىخىنى غەرب ئەللىرىدىكى بىر قانچە ئون يىللىق، ھەتتا بىر قانچە ئەسىرلىك بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ كارخانىلارنىڭ تارىخىغا سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ قىسقا. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار كارخانىدا ئۆلچەم يارىتىش ۋە كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ ئاچچىق ياكى تاتلىق ‹‹تەمى››نى تېتىشقا تېخى ئۈلگۈرمىدى. يەنە بىرى، خېلى كۆپ قىسىم كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ساپاسى يەنىلا تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئۆلچەم، ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ‹‹ھەزىم قىلىشى››غا تازا دېگەندەك ‹‹مادارى›› يەتمەيدۇ. بۇ ئىشلارنى كۆڭلىگە ئاز-تولا پۈككەن ئاز بىر قىسىم كارخانىچىلىرىمىز بولسا ئىشنى نەدىن باشلاپ، نەدە ئاخىرلاشتۇرۇشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىراق، بۇ يەردە بىر نەرسە بىزگە ئېنىقكى، ئۆلچەم يارىتىش ۋە كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يولدا مېڭىش ياكى ماڭماسلىقنى بەلگىلەش ھوقۇقى ھەرگىزمۇ كارخانىچىلارنىڭ قولىدا ئەمەس! بۇ يول دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر جايىدىكى كارخانىچى، دەپ ئاتالغان ھەر قانداق كىشى چوقۇم ماڭىدىغان يول.  


(2) ئۆلچەم يارىتىش كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، يېڭى مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكىدەك رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان رەھىمسىز بازار دېڭىزىدا كىمكى ئىشنى باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا باشلاپ، شۇ ساھە، شۇ كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس ئەڭ ياخشى ئۆلچىمىنى قولىغا ئېلىۋالسا، مۇقەررەركى شۇ بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ‹‹سەركە›› بولۇپ ماڭالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كەسىپتىكى باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىلاجىسىز ئەگىشىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، شىۋېيتسارىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق سائەتچىلىك شىركىتى بولغان ‹‹رولېكس››نىڭ 86 پەن تەتقىقات ئورنى بولۇپ، بۇنىڭدا ئىشلەيدىغان تەتقىقات خادىمى 5000 دىن ئاشىدىكەن. بۇ خادىملار مەخسۇس يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ بازارغا سېلىش بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. دېمەك، بۇ 5000 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى خادىم يىل بويى توختاۋسىز ھالدا شىركەت ئۈچۈن يېڭى-يېڭى ئۆلچەملەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بېرىدىكەن. 


 ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىزنىڭ نۇرغۇن كارخانىلىرىمىز ئاۋۋال چەت ئەل ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا، ئاندىن بىر-بىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا تەقلىد قىلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ‹‹ئالدىراش›› بولۇپ كېتىپ، ئۆزىگە خاس ئۆلچەم يارىتىش ۋە پەن تەتقىقات ئارقىلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىدى. ئاز بىر قىسىم شىركەتلەر بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى يارىتىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەھەتتە بېسىلغان قەدەم، سېلىنغان مەبلەغ ۋە ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى تازا يېتەرلىك، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، مۇتلەق كۆپ قىسىم كارخانىلىرىمىز يېڭى مەھسۇلاتلارنى يارىتىشنى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا ھاۋالە بىلەن قىلغۇزۇۋاتىدۇ. نەتىجىدە، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنى كارخانىلىرىمىز سېتىۋاتقان بىلەن، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆلچىمى يەنىلا باشقىلارنىڭ قولىدا قېلىۋاتىدۇ، يەنى، كارخانىنىڭ يادروسى بولغان ئۆلچەم ھەم كارخانىنىڭ تەقدىرى باشقىلارنىڭ ئالقىنىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىنغاندا گەپ يەنىلا ‹‹مەبلەغ يوق، ئادەم يوق›› دېگەن يەرگە كېلىپ تاقىشىپ قېلىۋاتىدۇ.


  (3) ئۆزىگە خاس ئۆلچەم يارىتىش ۋە كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كارخانىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئىگە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. كارخانىنىڭ ئوخشىمىغان ئىش ھالقىلىرىدىكى ئۆلچەملەر ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچىمى بىر پۈتۈن باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئايلانغاندىلا، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلالايدۇ. خۇددى بىر تۈپ ئالما دەرىخىنى كىچىكىدىن تارتىپلا ھارام شاخلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا پۇتاپ تۇرمىسا، بۇ ئالما دەرىخى تازا ئوبدان مېۋە بەرمىگەنگە ئوخشاش، بىر كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىمۇ، ئۇنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى، ئۆلچىمى، شەكلى ۋە ئىش ھالقىلىرىدىكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جايلارنى ۋاقتى-قەرەلىدە ‹‹پۇتاپ›› تۇرمىسا، بۇ كارخانىنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن سۆز ئېچىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ ‹‹ئۆمرى››نىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشمۇ تەسكە توختايدۇ. ھازىر، ئېلىمىزدىكى يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ‹‹ئۆمرى››نىڭ ئاران 2.6 ياش بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز رېئاللىق بىزنى ئۆلچەم يارىتىش ۋە كارخانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يولىدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. 


 كارخانىچى دوستۇم، سىز كارخانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئىشخانا بېزەش، مەھسۇلات ئىشلەش ۋە ئۇنى تېزرەك سېتىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەن چاغلىرىڭىزدا كارخانىڭىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىدە زادىلا كەم بولسا بولمايدىغان ‹‹قېلىپ›› توغرىسىدا ھەم ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئاز-تولا ئويلىنىپ كۆرۈشنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ! شۇنىسى سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆلچەم يارىتىش يولى سىزنى تېخىمۇ پارلاق مەنزىلگە باشلاپ بارىدىغان داغدام يول!

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى