يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خەلىقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشى
ۋاقتى: 2016-07-26
ئاۋاتلىقى: 1624 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يېشىل يېمەكلىك ئاساسىي بىلىملىرى
يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خەلىقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋرۇپا، ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر يېزا ئىگىلىكىدە زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېمەكلىكىنى مول تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېز ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى كۆپ مىقدارىدا دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىغا سېلىۋەتتى. ئۇ تۇپراق ۋە سۇ ئارقىلىق جانلىقلار تېنىگە توپلاشتى ھەم ئۇزۇقلۇق زەنجىرى ئارقىلىق توشۇلۇپ، يېمەكلىكنىڭ بولغىنىشىنى كەلتۈرۈپ، ئاخىرىدا ئادەملەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالدى.
-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندە، خىمىيەۋى ماددىلارغا زىيادە مەبلەغ سېلىنىشقا چەك قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش خاراكتېرىدىكى «ئورگانىڭ يېزا ئىگىلىك» دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئامېرىكىدىن ياۋروپا ۋە ياپونيىگە كېڭىيىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسەتتى. 1987-يىلى دۇنيا مۇھىت ۋە تەرەققىيات كومىتېتى 2000-يىلى ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېزا ئىگىلىكىنى يەرشارىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1988-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقرىىشنىڭ خەلىقئارا بويىچە يېزا ئىگىلىكنى تەتقىق قىلىش توغرىسىدا تەلەپلەر» ھۆججىتىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1991-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى گوللاندىيەدە چاقىرىلغان «يېزا ئىگىلىك ۋە مۇھىت خەلىقئارا يىغىنى»دا، «ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرىلەش خىتابنامىسى، ھەرىكەت پروگراممىسى» نى ماقۇللىدى.
بۇ بىر قىسىم دۆلەتنىڭ ئارقا –ئارقىدىن ئىقتىسادىي تەدبىر ۋە قانۇنىي ۋاستە قوللىنىپ ئۆز دۆلىتىدە بولغانمىغان يېمەكلىكلەرنى ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقرىىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قوللاشنى ئىلگىرى سۈردى.