كارخانا قۇرۇش ئىددىيسى قانچە ئۇلۇغ بولسا كارخانا شۇنچە تىز چوڭىيىدۇ
ۋاقتى: 2016-08-08
ئاۋاتلىقى: 1335 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كارخانا قۇرۇش ئىدىيەسى قانچە ئۇلۇغ بولسا كارخانا شۇنچە تىز چوڭىيىدۇ
كارخانىڭىز قۇرۇلغان ۋاقىتتا قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟
قانداق مۆجىزە خاراكتېرلىك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن كارخانىڭىز قۇرۇلدى؟
بۇ سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمدىكى سەۋەب: بۇ سوئاللار ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشىڭىزگە تۈرتكە بولىدۇ. كىچىك كارخانىنىڭ زورىيىش ئىقتىدارى قۇرۇش ئىدىيەسىگە باغلىق بولىدۇ.
ئالدىنقى مەزمۇندىن ئىدىيەنى باشقىلارنىڭ سىزگە سوۋغات ئورنىدا بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈدىغانلىقىڭىزنى بىلدىڭىز.
جوننىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆردۇق. جون راستتىنلا ئۆزگەردى. ئۇ كىيىمىنىمۇ ئەمەس تەپەككۇرنىمۇ ئۆزگەرتتى. ئىلگىرىكى جون يېڭىچە تەپەككۇر،يېڭىچە ئىدىيەنى بايقىيالمايدۇ. ئۇنىڭ كونىچە تەپەككۇر قارىشى يېڭى ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ. يېڭى جوننىڭ يېڭى تۇرمۇشىغىمۇ ماسلىشالمايدۇ. سىزگە نىسبەتەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان ئىشلار. لېكىن مەسىلە تېخى ھەل بولمىدى. بۇ خىل يېڭى ئىدىيە قانداق شەكىللەندى؟ قاچان،قەيەردە پەيدا بولدى؟
بىزگە نىسبەتەن يېڭى بولغان ئىدىيەلەر ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كەلمىگەن،بەلكى مۇھەببەت تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ خۇددى يېڭى بوۋاقنىڭ بۇ دۇنياغا تۇغۇلغىنىغا ئوخشايدۇ. سىز ھېچقانداق پايدا مەنپەئەتنى كۆزلىمەي،نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ،مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەھلىل قىلسىڭىز يېڭى ئىدىيە،يېڭى كۆز قاراش كاللىڭىزدا تۇغۇلىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر كارخانىنى ئۆزىگە قاراشلىق بېقىندا دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە كارخانىمۇ مۇستەقىل بولغان يېڭى بىر ھاياتلىق.ئۇ سىزنىڭ،ئەتراپتىكى كىشىلەرگە،دۇنياغا،كارخانىغا بولغان مۇھەببىتىڭىز ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. كارخانا كىمگە قانداق پايدىلىق ئىشلارنى ئېلىپ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭدىمۇ مەسئۇلىيەت شەكىللەنگەن بولىدۇ .