ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-09-03
ئاۋاتلىقى: 1435 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۈرۈمچىدە ئىنسانلارنىڭ ياشاش تارىخىنى بۇندىن 5000 يىل ئىلگىرىدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلاش مۇمكىن. بولۇپمۇ 1985 – يىلى شىنجاڭ مۇزېي خادىملىرى ئېلىپ بارغان ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە ئۇلانباي ئەتراپىدىن چىققان جەسەت بىلەن كۆمۈلگەن بۇيۇملاردىنبۇ يەرنىڭ قەدىمدىن باۇيان ئىنسانلار پائالىيەت مەركىزى بولغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز، ئۇندىن باشقا سەيۋۇپۇ رايونى ۋە نەنسەن ئەتراپىدا خېلى بۇرۇنلا ئىنسانلار ياشىغان بولۇپ، يۇقىرىقى جايلاردىن تېپىلغان ئاسارە – ئەتىقىلەر ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ساقلانماقتا.
ئۈرۈمچىنىڭ تەبىئىي شارائىتى تاغ ۋە ئۇنىڭ باغرىدىكى بوستانلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، قەدىمدىن بۇيان دەل – دەرەخ ۋە ئوتلاق – بوستانلىق بىلەن مەشھۇر بولغان. كېيىنكى يىللاردا ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ كېڭىيىشى ۋە كۈچىيىشى نەتىجىسىدە تەبىئىي بوستانلىقلار تارىيىپ، ھازىرقى ھالەت شەكىللەنگەن. جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ئۆلچىگەندە، شەرقىي مېردىئان ′55°88-′40°86، شىمالىي پاراللېل ′20°44-′15°43 غا توغرا كېلىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 11440 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كۆپىنچە يەرلىرى تاغلىق ۋە ئېدىرلىقلاردىن ئىبارەت. شەرق، جەنۇب تەرىپىگە تەڭرى تېغى جايلاشقان، ئوتتۇرىچە يغىن مىقدارى 250 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 160 كۈن ئەتراپىدا، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى2000 – 3000 مىللىمېتىر بولىدۇ. نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ ئىنسان ياشايدىغان جايلىرىدا قۇرۇلۇشنىڭ كۆپ بولۇشى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، دەل – دەرەخنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، تەبىئەتتىكى نورمال ئايىنىش مەلۇم تەسىرەە ئۇچرىماقتا ھەمدە نەملىك مىقدارى ئازايماقتا. شۇڭا ئۈرۈمچىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى قۇرغاق ۋە نەملىك جەھەتتە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان ھالەت شەكىللەندى.
ئۈرۈمچى 1913 – يىلى شەھەر قىلىپ قۇرۇلغاندىن بېرى ئۇنىڭ كېڭىيىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن سىايسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى مەنپەئەت تۈپەيلىدىن بۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئىجتىمائىي مۇھىتى شىنجاڭ بويىچە نىسبەتەن ئوبدان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىش ۋە كۆچۈپ كېلىش تارىخى ئۇزۇن، ھەر يۇرتنىڭ مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرى بىرگە ساقلانغان بولىدۇ.
مىزاجى: مۇھىت، يېمەك – ئىچمەك، تۇرمۇش تەرتىپى تۈپەيلىدىن ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ مىزاجى ھۆللۈككە مايىل كېلىدۇ. ھۆللۈك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن.
خىلىتى: ئۈرۈمچى كۆپ مەنبە مەدەنىيىتىگە ئىگە كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر، بۇ يەردە ھەر خىل خىلىتلىق كىشىلەر ياشايدۇ. 4 – 3 ئەۋلادتىن بېرى يشاپ كېلىۋاتقانلارمۇ، تېخى يېڭىلا ئورۇنلاشقانلارمۇ بار. يۇرت ئۆزگەرگەن، كېلىماتى، يېمەك – ئىچمەك ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ئۆزگەرگەن شارائىتتا، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەردە مىزاج ئۆزگىرىش، ھەتتا كېيىنكى ئەۋلادلىرىدا خىلىت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۈرۈمچى كىشىلىرىنى كەلگەن ئورنىغا قاراپ مۆلچەرلەشتىن سىرت، مۇھىمى ئۈرۈمچى مۇھىتىنى كۆزدە تۇتۇپ باھالاش ناھيىتى مۇھىم. شۇڭا كۆپ خىل پېئىللارنى نەزەردە تۇتۇپ ئېيتقاندا ھازىرقى ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ خىلىت تەرتىپى: بەلغەم، سەۋدا، سەپرا، قان.
ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ چىراي شەكلىنى مەلۇم دائىرىدە دەپ ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى قايسى كىشىلەرنى ئۈرۈمچىلىك دەپ ئېيتىشقا ئېنىق بەلگىلىمە يوق، بىراق يۈز تېرىسىنى ئاساس قىلغاندا تەرتىپى: ئاق، تاتىراڭغۇ، سېرىق، قىزغۇچ، شەھەر تۇرمۇشىدىكى جىسمانىي ھەرىكەتنىڭ نىسبەتەن ئازراق بولۇشى، مۇقىم ۋە سايىلىق ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئەقلىي مەشغۇلات قىلىدىغان نىسبەتنىڭ يۇقىرىلىقى، «ئاق» تىپىدىكى يېمەك ۋە ئىچمەكلەرنى نىسبەتەن كۆپرەك ئىستېمال قىىشى، ئۈرۈمچى مۇھىتىدىكى نەملىك، شۇنداقلا ئاپتىكا دورا ئىستېمالىنىڭ يۇقىرىلىقى، مۇھىتتىكى پۈتۈن بەدەن ۋە تېرىگە زىيانلىق ئامىللارنىڭ تەسىر قىلىشى، ئۈرۈمچى ئىچىملىك سۈيىنىڭ سۈپىتىدىكى بەزى ئامىللار، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن بىخەۋەر كىشىلەر نىسبىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۈرۈمچى كىشىلىرى قېنىدىكى قىزىل قان دانچىلىرى مىقدارى «ئەنئەنىۋى ئىنسان» لەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن، شۇڭا ئاق كىشىلەر، تاتىراڭغۇ كىشىلەر نىسبەتەن كۆپ، يەنە ئۈرۈمچىدە ئاياللارنىڭ سەمىرىپ، ئاقىرىپ كېتىشى ئەينى يۇقىرىقى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان. ئومۇمەن ئۈرۈمچى كىشىلىرى بەدىنىدە تۆت خىلىت مۇھىتىدا بەلغەم (غەيرىي تەبىئىي بەلغەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ماددىسى كۆپىيىپ، قان ۋە سەپرا ماددىسىنىڭ ئۇلغىيىشىنى توسىدۇ، كىشىلەر گەرچە سەمرىگەندەك قىلسىمۇ، يۈرەك ۋە بۆرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى ئازادىلىك قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر سەۋەبىدىن ئومۇمىي سالامەتلىك كۆرسەتكۈچى باشقا ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭكىدىن ياخشىراق.
مېڭىش – تۇرۇش: ئۈرۈمچىلىكلەر ئادەتتە ئۆزىنى ئاسراپ، ئاۋايلاپ ماڭىدۇ. باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا ئۆزىنى ئەركىن – ئازادە تۇتتىدۇ، بەك تېزمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس نورمال ماڭىدۇ.
كىيىنىش: ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى نىسبىي ئەۋزەللىكلەر ھەمدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۇ نۇقتىدىن ئۈرۈمچى كىشىلىرى كىيىم ئىستېمالىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىيىمنى يېڭى، رەتلىك، پاكىز كىيىشنى ئويلايدۇ، ئىمكانىيىتى يەتسە شۇنداق قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ، بولۇپمۇ كىيىم رەڭەىنىڭ ماسلىشىشى، يۇقىرى – تۆۋەننىڭ ماس كېلىشىگە دىققەت قىلىدۇ. خىزمەت، دەم ئېلىش، ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەردە سورۇنغا قاراپ كىيىم تاللايدۇ. گالىستۇك تاقاش، كاستيۇم – بۇرۇلكا كىيىش، خۇرۇم ۋە يۇڭ يىپ كىيىملەرەە ئېتىبار بىلەن قاراش نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ كىيىم جەھەتتىكى قىممەت قارىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يېمەك – ئىچمىكى: ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە بىرلىككە كېلىشىنىڭ بۆشۈكى دېيىشكە بولىدۇ. كۆپ خللىق دېەىنىمىزدە ھەر قايسى يۇرت كىشىلىرىنىڭ تاماق جەھەتتىكى ئكز ئالاھىدىلىكى مەلۇم جەھەتتە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بىرلىككە كېلىش دېگىنىمىزدە ئاساسەن ئۈرۈمچىگە خاسلىشىپ بولغان ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تاماق تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: پولو، لەغمەن، مانتا، سامسا، كاۋاپ، سۈت چاي ... قاتارلىقلار، بۇ خىل تاماقلار يالغۇز ئائىلىلەردىلا تەييارلىنىپ قالماستىن، بەلكى بازار شەكلىدە سېتىلىدۇ، ھازىر ئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە پېچىنە – پىرەنىكلىرى، ھەتتا بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرى باشقا مىللەتلەرگىمۇ سىڭىپ كىرمەكتە. قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، شىبە، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر ئاللىقاچان يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە ئۇيغۇر ئۇسۇلىغا ئۆزلىشىپ قالدى. كۆپىنچە تاماقلارغا ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە دورا – دارمان سېلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىزاجىنى بىلگەن كىشىلەر ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تاماق ۋە خۇرۇچلارنى ئىشلىتىدۇ.
قىممەت قارىشى: «قىممەت قارىشى» سۆزىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا، نېمىنى مۇھىم بىلىش، نېمىگە قانداق قارش مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قارىماققا ئىجتىمائىي ساھەگە تەئەللۇقتەك قىلسىمۇ، ئۇ يەنە تەن ۋە روھىي جەھەتتىكى فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك تەرەپلەرگە تاقالغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ تېببىي ئىلمىغا چېتىشلىق قىسمىنى قىسقىچە ئېيتىپ ئۆتىمىز. يۇقىرىدا ئيېتىلغاندەك ئۈرۈمچىلىكلەر مۇھىت ۋە شەھەرلىشىشنىڭ تەسىرىدە ئاقۇش، تاتىراڭغۇ ۋە «ئەقلىي بەدەن ھالىتى» تىپىغا كىرىدۇ، جىسمانىي كۈچتىن ئەقلىي كۈچكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرەە نىسبەتەن كۆپرەك قاتنىشىدۇ، ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىتاب ئوقۇش ۋە بىىم ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ، بۇ خىل قىممەت قارىشى كىشىلەرنىيڭ پسىخىك ساغلاملىقىغا پايدىلىق. بۇ يەنە ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن «بىز ئۈرۈمچىلىك» قارىشى ئۇلارنى ھورۇن، ئىچى تار قىلىپ قويغان.
ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى: خىلىت ۋە مىزاج تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچىدە ھۆللۈككە مايىل كىشىلەر ياكى بەدىنىدە ھۆللۈك كۆپرەك ھاسىل بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلار نىسبەتەن كۆپ، شۇڭا 1) پسىخىك جەھەتتە: ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئاشكارا جىددىيلىشىش، پىچاق – پالتا كۆتۈرۈپ ئۇرۇشىدىغان ئەھۋاللار ئاز، كىشىلەر سىلىق – سىپايىلىقنى تەكىتلەيدۇ. 2) جىسمانىي جەھەتتە ھۆللۈكتىن كۆپرەك بولىدىغان كېسەللىكلەردىن ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، زىققە، كانايچىلار ياللۇغى، رېماتىزم، ھەزىم ناچارلىقى، قان كەملىك، كالتسىي يېتىشمەسلىك، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش .. قاتارلىقلار نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ داۋالىنىش شارائىتى ياخشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن، يۇقىرىقى كېسەللىكلەر خەتىرى ئانچە زور بولمايدۇ.
Tags: ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى