يېمەكلىكلەر زاۋۇتىنىڭ تازىلىقى ۋە يېمەك-ئىچمەك قوشۇمچە رېئاكتىپلىرىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى
ۋاقتى: 2016-08-04
ئاۋاتلىقى: 1197 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يېمەكلىكلەر زاۋۇتىنىڭ تازىلىقى ۋە يېمەك-ئىچمەك قوشۇمچە رېئاكتىپلىرىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى
يېمەكلىكلەر زاۋۇتنىڭ تازىلىقى مەھسۇلات سۈپىتنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، يېمەكلىتىن زەھەرلىنىشتىن ئىبارەت يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، دۇنيادىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتلىرىغا نىسبەتەن ئېنىق تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتلىرىغا نىسبەتەن ئېنىق قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرى بار. ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەكلەر قانۇنىدا، تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا، پاسكىنا ماددا، چىرىتكۈچى ماددا قاتارلىقلار بولغان، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ناچار مەھسۇلات قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ سېتىشقا يول قويمايدۇ ھەم قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىپ سېتىشقا يول قويمايدۇ ھەم قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ. ياپونىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، كانادا قاتارلىق مەملىكەتلەردىمۇ مۇۋاپىق بولغان قاتتىق قانۇن-پەرمانلار بار. مەملىكىتىمىزدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھۆكۈمىتىمىز « يېمەك-ئىچمەكلەر قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارنى تۈزدى ۋە ئېلان قىلدى. شۇڭا، يېمەك -ئىچمەك زاۋۇتلىرىنىڭ تازىلىقىغا بولغان تەلەپ ئالاھىدە تەكىتلەندى.
ئۇنداق بولسا، يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتلىرىنىڭ تازىلىقى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ كونسېرۋا زاۋۇتىنى ئالساق، ئۇنىڭ تازىلىق دائىرىسى مۇھىت، قۇرۇلۇش، ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلەر قاتارلىقلارنى تاللاش ۋە لايىھەلەش، ئىشلىتىش، ئاساسىي ۋە قوشۇمچە خام ئەشيا ماتېرىياللىرى، سۇ، ئىشلەپچىقىرىش سېخنىڭ مەھسۇلات تېخنولوگىيلىك تازىلىق تەلىپى، خادىملارنىڭ شەخسىي تازىلىقى، پاسكىنا سۇ ۋە پاسكىنا ماتېرىياللارنى بىر تەرەپ قىلىش، يۇيۇش، دېزىنفىېكسىيلەش، پايدىلىنىش، زىيانداش ھاشاراتلاردىن ساقلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزىلەر كونسېرۋا يېمەك-ئىچمەكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە پەقەت مىكروبسىزلاندۇرۇش تېمپېراتۇرىسى ۋە ۋاقتىنى ئىگىلىۋالسىلا كۇپايە، خام ئەشيا ۋە تېخنولوگىيلىك تازىلىق ناچارراق بولسىمۇ ئانچە چوڭ مەسىلە يوق، قىزدۇرۇش ۋاستىسنى قوللىنىش ئارقىلىقلا مىكروبسىزلاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، دېگەن خاتا قاراشنى شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ، پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ خىل خاتا كۆز قاراش ھەقىقەتەنمۇ پىششىقلاپ ئىشلەشتە مەغلۇپ بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. چۈنكى، مىكروبسىزلاندۇرغان ۋاقىتتا، باكتېرىيە سانى قانچە كۆپ بولسا، كېتىدىغان ۋاقىت شۇنچە ئۇزاق بولىدۇ. ئوخشاش بىر خىل مەھسۇلاتنى ئوخشاش بىر خىل مەشغۇلات ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندا، ئەگەر مەلۇم بىر تۈركۈم خام ئەشيانىڭ سۈپىتى ناچار بولسا ياكى ئۈزۈل-كېسىل پاكىز يۇيۇلمىسا، مىكروبسىزلاندۇرۇش تولۇق بولمىغانلىتىن، ئاچچىق بولۇپ قېلىش ۋە چىرىش ھادىسىلىرىنى ئوڭايلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم تازىلىققا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش، تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇۋالغان خام ئەشيانى تولۇق يۇغاندىن كېيىن، قايتىدىن بۇلغىنىشقا پۇرسەت قالدۇرماسلىق، باكتېرىيە سانىنى مۇمكىنقەدەر ئەڭ تۆۋەن سانلىق مىقداردا كونترول قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئاندىن تولۇق مىكروبسىزلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئىشلەپ چىقارغۇچى شەخسىي تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، يۇقۇملىنىش ۋە كېسەلدىن ساقلىنىش كېرەك. زاۋۇت تازىلىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش ياخشى بولغاندا، يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەھسۇلاتنىڭ دۆلەت ئىچىدە سېتىش ۋە ئېكسپورت قىلىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.