تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يېڭىش (2) ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشى

يېڭىش (2) ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشى

ۋاقتى: 2016-10-04 ئاۋاتلىقى: 1065 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئېلاۋە : شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى جىك ۋېلىچنىڭ يېڭىش ناملىق كىتابىنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ كەڭ كارخانچى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى . دىلدوسىت يانبىلوگىدا چاتما شەكىلىدە ئېلان قىلىنىدۇ .
1-بۆلەك ئاساسىي قىسىم
1-باپ ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشى


مەن يەنە ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشى توغرىسىدا سۆزلەيدىغان بولدۇم. ئوقۇرمەنلەر مېنى كەچۈرگەيسىلەر.
بۇنداق دىيشىمدىكى سەۋەب چۈنكى بۇ ئىككى سۆز ئاللىقاچان قالايمىقان ئشلىتىلپ، سودىگەرچىلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ ئابستراكىت،ئىشلىتلىشى ئەڭ كۆپ ھەم بەك ئاسان خاتا چۈشىنىدىغان سۆز بولۇپ قالدى. ئاڭلىغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىمدا ،بەزىلەر دائىم مەندىن ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشى توغرىلىق سوئاللارنى سورايدۇ. ئۇلارنىڭ سوئاللىرىدىن مەلۇم خىلدىكى ۋەھىمە چىقىپ تۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى ھەم ئەركىن قارىشىنى يېپىۋالىدۇ.(مەسىلەن مەن نىيۇرىكتىكى ۋاقتىمدا بىرسى مەندىن سەن ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشى ئوتتۇرسىدا قانداق ئوخشىماسلىق بارلىقىنى،بۇ ئوخشىماسلىقنىڭ قانداق پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسەن دەپ سورىغانتى) قالايمىقانچىلىق چىقىردىغانلىقنىڭ ئاساسىىنىڭ بىرى،ئۇلار دائىم ئوقۇغۇچىلارنى ماقالە يازدۇرۇپ،ۋەزىپىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلغۇزىدۇ،ئاندىن قىممەت قارىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئىلىپ بارىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىنتايىن پايدىسىز ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،ھېچقانداق قاراتمىلىقى يوق.نۇرغۇن شىركەتلەرمۇ ئۇلارنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق باشقۇرغۇچى خادىملىرىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلەيدۇ،ئادەتتىكى ئۇسۇلى ئۇلار ئاڭلىماققا ئىنتايىن ئۇلۇغۋار بىر شوئارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ،ئاندىن شىركەتنىڭ چوڭ زالىغا ئېسىپ قويىدۇ.
بۇنداق كونا گەپنى دەۋېرىش ئاقىۋەتتە پەقەت خىزمەتچى خادىملارنى نېمە قىلىشىنى بىلمەيدىغان ياكى بولمىسا ھەممىدىن بىزار بولىدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئۇلار ۋەزىپىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغۋار ئىكەنلىكىنى راستتىنلا بىلمەيدۇ. ھەممەيلەن بۇ شىركەت مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ھەم سېتىش مۇلازىمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ ياكى بۇ شىركەت خېرىدارنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ دېگەندەك شوئارلارنى كۆپ كۆرگەن. ئەمسە دەپ بېقىڭچۇ يەنە قايسى شىركەتلەر سۈپەتكە ھەم مۇلازىمەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ؟ خېرىدارنى مەركەز قىلمايدۇ؟ يەنە ھەممە ئادەم بىلىدۇ نۇرغۇن شىركەتلەر شۇنچە كۆپ ۋاقىتنى كۆڭلى چۇشىشنى مۇلاھىزە قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ،مەقسىتى شۇ بىر ئاتالمىش قىممەت قارىشىنى يەكۈنلەش. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ نىيىتى دۇرۇس بولغان تەقدىردىمۇ ئەڭ ئاخىردا يەكۈنلەپ چىقىدىغىنى ئاساسەن شۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە ماس كېلىدىغان چوڭ قائىدىدىن تاللاپ چىققان دېگەن باھانە. مەسىلەن<<سەممىيمىلىك،سۈپەت ،ئالاھىدىلىك،مۇلازىمەت ھەم ھۆرمەت >>قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم شىركەتلەر مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى قوللايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇبادا ئۇلار مۇشۇ بىر تەرىپىنىمۇ قىلالمغان بولسا ،ئېھتىمال ئاللىقاچان تاقىلىپ قالغان بولاتتى.
سېلىشتۇرۇشلار ئاستىدا ياخشى بولغان ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشى سىزگە ئۇنىڭ ھەققى مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.ۋەزىپە سىزنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ،قىممەت قارىشى سىزنىڭ نىشانىڭىزغا يېتىشتىكى ھەرىكىتىڭىزنى تەسۋىرلەيدۇ.بۇ يەردە مەن "قىممەت قارىشى"دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا "ھەرىكەت"دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشكە رازى.بىراق ئەنئەنىۋى سەۋەبتىن بولسا كېرەك بىز يەنىلا بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇمىز.
كارخانا ۋەزىپىسىنى تۇرغۇزۇش (كارخانىدا بۇرچ تىكلەش )
تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا بۇرچنى تەسۋىرلەشتە،بىز قانداق قىلغاندا كەسىپتە ئۇتۇپ چىقالايمىز دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرسەكلا بولىدۇ. سىز جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال ئۆتۈپ كەتكەن شانلىق يىللاردا بىزنىڭ مۇنداق ئەۋزەللىكلىرىمىز بار دېيىش ئەمەس، كەسپىمىزنى قانداق تونۇشتۇرۇشمۇ ئەمەس ، مەلۇم ئورۇن ،كەسىپ ھەم يۇقىرى قاتلاملىق باشقۇرغۇچى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويۇشمۇ ئەمەس.
ئەكسىچە "بىز قانداق قىلغاندا كەسىپتە ئۇتۇپ چىقالايمىز "دېگەن سوئالغا ئېنىق ئېنىقلىما بېرىش. ئۇ شىركەتتىن خىزمەتچى خادىم ،مەبلەغ ھەم باشقا بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردە تاللاش ،قارار چىقىرىش ،دائىم كۇرۇلدىغان قارىغۇلارچە زەربە بېرىش قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ سوئال كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىك ھەم پايدىسىز ئەھۋاللىرىنى ئىنىقلىشىغا تۇرۇتكە بولۇپ،ئۆزىنىڭ قايسى خىل رىقابەتتە يېڭىپ چىقالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
شۇنداق،يېڭىش -مۇھىم ھالقا. ۋېرمونت ئىشتاتىدىكى بىنجىلېمۇ ھىپپى مەدەنىيتىدە نام چىقارغان ماروژنى شىركىتى.ئۇلارمۇ پايدىنى ئاشۇرۇش،ھەسسىدالارنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ،شىركەتنىڭ ئۇچ چوڭ ۋەزىپىسىنىڭ بىرى قىلغان. چۈنكى شىركەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى ھەممىنى چۈشىنىدۇ،مۇبادا ئىقتىسادى كىرىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسا باشقا نىشاننىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ۋەزىپە ھېچقانداق تەۋەككۈلچىلىك روھى ھەم غايىچىلىك تۈسىنى ئالسا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مەسىلەن بىنجىلنىڭ شىركىتىنڭ ۋەزىپىسىدىمۇ ساپ ماروژنى ھەم ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىش،شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكى ھەم پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ گەپ ئىنتايىن ئۇلۇغ ،بۇ خىزمەتچى خادىملارنى روھلۇق قىلىپ ،ئۇلاردا ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ پەيدا قىلىدۇ.
قىسقىسى،ئۈنۈملۈك بولغان ۋەزىپە مۇمكىن بولىدىغان ھەم مۇمكىن بولمايدىغان نىشان ئوتتۇرسىدا تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىدۇ.بۇ كۆپچىلىككە ئېنىق نىشان كۆرسىتىپلا قالماستىن ،كىشىلەرنى ئىگلمەس ئىرادىگە چۆمدۈرۈپ،ئۆزىنى ئۇلۇغۋار كەسىپنىڭ بىر قىسمىدەك ھېس قىلدۇرىدۇ.
يەنە GEنىڭ ۋەزىپىسىنى مىسالغا ئالساق، 1995~1981 يىلغىچە بىزنىڭ نىشانىمىز دۇنيادىكى ئەڭ زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە كارخانا بولۇپ چىقىپ،شىركەتنىڭ ھەر قايسى كەسىپلىرىنى سېتىش بازىرىدا بىرىنچى ياكى ئىككىنچى ئورۇنغا ئىگە قىلىش.قايسى بىر كەسىپ مۇشۇ نىشانغا يېتەلمىسە چوقۇم ئۆزگەرتىش،سېتىش ياكى تاقاش. گەپ يوقكى ،بۇنداق ۋەزىپە ئىنتايىن ئېنىق مەنىگە ئىگە،كونكرېت ھەم توغرا ،ھېچقانداق ئابستراكت نەرسە يوق.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ۋەزىپە يۈكسەك نىيەتكە ئىگە. بۇ GE نىڭ پۈتۈن بازارلارنى بويسۇندۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇنداق ۋەزىپە ئارقىمۇ-ئارقا ئوخشىمايدىغان ئۇسۇللار بىلەن تۇرمۇشىمزغا كىردى.ئالدى بىلەن ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتتە كىشىلەر شىركەتنىڭ سودىگەرچىلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ باش بۆلۈمنىڭ پېچەتلىشىگە ئادەتلىنىپ قالغان،ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ يۇقىرى تۆۋەن قاتلامدىكى پىتنە-ئىغۋالاردىن كەلگەن.بىراق بىز شىركەتنىڭ قايسى كەسىپلىرىنىڭ سېتىش بازىرىنىڭ بىرىنچى ئىككىنچى ئورۇنغا كىرگەنلىكنى،قايسى كەسىپلەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ياكى ۋاز كېچىش كېرەكلىكىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلدۇق. شۇنچىلىك سەمىمىي كەيپىيات پۈتۈن شىركەتنى لەرزىگە سالدى.ئەمما شىركەتنىڭ ۋەزىپىسىنى خىزمەتچىلەرگە ئەمەلىي كۆرسىتىپ بېرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.بەزى كەسىپلەر سېتىلىدىغان چاغدا،گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنداق بولۇشىنى خالىمىسىمۇ،ھېچ بولمىغاندا بۇنىڭ ئاساسىنى چۈشەندى.
ئۇنىڭدىن باشقا،شىركەتنىڭ چوڭ كىچىك يىغىنلىرىدا بىز توختىماي كارخانا ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەكىتلەپ،ھەربىر بەلگىلىمە ھەم تۈرنى كارخانىنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلدۇق.بىز ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇندىغانلارنى ئوچۇق ئاشكارا مۇكاپاتلاپ،ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ۋەزىپىنى ئورۇندىمىغانلارنى كەتكۇزۋەتتۇق.
ئەمدى قاراپ باقساق،1981-يىلى GEغا بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسىنى تىكلەش ئۇچۇن تولۇق تەييارلىق قىلغان.مەسىلەن ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن تېخنىكا ئەۋزەللىكلىرنى،رىقابەتچىنى ھەم ئىستېمالچىلارنى ئىچكىرلەپ تەھلىل قىلغان.مۇشۇ ئاساستا بىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئېلېكتر ئەسۋابلىرىنى لايىھەلەپ چىقىشنى قارار قىلدۇق.مۇنداقچە ئېيتقاندا،پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇلى ئۆزىمىزدىكى تۈرلۈك كەسىپلەرنى مەيلى ئۇلارنىڭ بازىرى قايسى دۆلەتتە بولسۇن ئامالنىڭ بارىچە تىز سۈرئەتتە پۈتۈنلەي زامانىۋىلىششقا يۇكسەلدۇرۇش.
بۇ ۋەزىپە ئىنقىلابچانلىققا ئىگە،ئۇلارنىڭ ھەممىسى GEنى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان تەرەققىيات يولىغا باشلايدۇ.ئۇلار بىزدىن سىتۋىلىش ھەم سېتىش ئارقىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى،ئوخشىمىغان خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىش ھەم ئىشتىن بوشىتىشتى تەلەپ قىلىدۇ.قارىماققا بۇلار ۋەزىپە دەپ ئاتالغان بىلەن بەلكىم بەزىلىرى مەجبۇرى.چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتن ھالقىپ كەتتى.بىراق گەپ يوقكى ئلىكتىر ئەسۋابلىرىنى شىركەتنىڭ ۋەزىپىسىگە كىرگۈزۈش GEدىكى كۆپ قىسىم خىزمەتچلەرنى خۇشاللاندۇرىدۇ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئىرادىسىگە ماس كېلىدۇ.ئەمما زامانىۋىلىشىش ۋەزىپىسى شۇ ھامان بەزى ئادەملەرنى ئويغىتىدۇ،ئۇچقاندەك تەرەققىيات دائىم ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلىدۇ.ئەڭ ئاخىرقى ئالاقىدار مەسىلە ئۆزىمىزگە قانداق ۋەزىپە تىكلەش.
ماڭا نىسبەتەن بۇنىڭغا ئۇنداق كاللا قاتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.سىز ھەر قانداق جايدىن ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز،سىز يەنە ھەر ساھەدىكى ھوشيار كىشىلەرنىڭ پىكىرىنى ئالسىڭىز بولىدۇ.بىراق ۋەزىپە تىكلەش باشتىن ئاخىرى كارخانىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيتى.ئەڭ ئاخىرىدا مەسئۇل بولىدىغان ئادەمدىن باشقا كىشىلەرنىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقى يوق.ئەمەلىيەتتە كارخانا ۋەزىپىسىنى تۇرغۇزۇش شىركەتنىڭ رەھبەرلىك كۈچىنى سىنايدىغان ھالقىلىق ۋاقىت.بۇ ھەقىقىي مۇسابىقىگە چاقىرغانلىق.


كارخانا قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش
مەن دەسلەپتە ئېيتقاندەك،قىممەت قارىشى بولسا ئادەمنىڭ ھەرىكىتى،ئۇنى كونكرېت،ماھىيەتلىك،ئېنىق قىلىپ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ،ئۇ كۆپچىلىككە تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ئۇنداق چوڭ بوشلۇق بەرمەيدۇ.كۆپچىلىك چوقۇم ھەربىي بۇيرۇق ئادا قىلىۋاتقاندەك ئۇلارنى ئىشلىتىدۇ.چۈنكى ئۇلار ۋەزىپىنى ئورۇنداشنىڭ ئۇسۇلى ھەم ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى.
كارخانا ۋەزىپىسىنى بەلگىلەشكە سېلىشتۇرغاندا،قىممەت قارىشى ئۇستىدىكى مەسىلىلەردە ،شىركەتنىڭ ھەربىر ئەزاسى چوقۇم ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.شۇنداق بۇ بىر خىل قول تۇتىدىغان ۋەزىپە.بەزى كىچىك شىركەتلەردە كۆپچىلىك ھەرخىل يىغىنلار ئارقىلىق قىممەت قارىشىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.بىراق دائىرىسى چوڭراق شىركەتلەردە ھەممە ئادەمنىڭ پىكىرىنى ئىلىش تەسكە توختايدۇ،شۇنداقتىمۇ سىز شىركەتنىڭ چوڭ يىغىنلىرىدا تەربىيەلەش دەرىسلكلىرى دېگەنگە ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن كۆپچىلىكنى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى بايان قىلدۇرسا بولىدۇ،ۋە ياكى شىركەتنىڭ ئىچكى قىسىم تورىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تەلەپ پىكىرلەرنى سورىسا بولىدۇ.
خىزمەتچىلەر ھەقىقىي سىڭىپ كىرەلىسە ئوخشىمايدىغان ئۇنۇم پەيدا قىلىدۇ.ئۇ سىزنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،سىزنى تەسەۋۋۇرغا باي قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىىگە بۇ جەرياننىڭ ئۆزى قىممەت قارىشىنى ئەڭ چوڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئىگە قىلىدۇ.بىر گەپنى تولۇقلاپ قويسام،قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئۆزى قايتا-قايتا ئەمەلىيەت جەريانى. شىركەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى بۇ مەسىلىلەرنى بىرىنچى نۇسخا قىلىپ توزۇپ چىقسا بولىدۇ،بىراق بۇ پەقەتلا دەسلەپكى نۇسخا.تۈزۈپ چىققاندىن كىيىن ،ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى شىركەتتىكى بارلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىش،كۆپچىلىك مۇلاھىزە قىلىپ ئورتاق بىرلىككە كېلىش لازىم.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،شىركەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ،يېڭى بىر كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش،خىزمەتچىلەرگە كارخانا قىممەت قارىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئىلىپ بارغاندا،ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز تالانتىنى چىقىرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.
مۇبادا سىز ھازىر تۇرۇۋاتقان شىركەتتە بۇ خىل كەيپىيات بولمىسا،ئۇ يەردە ھەق گەپ قىلىش ھامان زەربىگە ئۇچرايدۇ،ئۇنداقتا يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرۈشنى تىزلىتىدىغان ئۇسۇللارنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.مەنمۇ بىلىمەن بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ شىركەتتە داۋاملىق تۇرغىڭىز بولسا،سىز چوقۇم زالدا ئسىقلىق شوئاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىش لازىم
بىراق مۇبادا سىز تۇرۇۋاتقان شىركەت خىزمەتچىلەرنى قىممەت قارىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشقا چاقىرسا،ئەكسىچە سىز بۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالىمىسىڭىز،ئۇنداقتا سىز بۇنىڭدىن خىجىللىق ھېس قىلسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزمۇ ھەقىقىي چۈشۈنىدىغان ھەم قوبۇل قىلالايدىغان قىممەت قارىشى ھەم ھەرىكەت پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشنى خالىسىڭىز،ئۇنداقتا سىز چوقۇم ئۆزلىكىڭىزدىن شىركەتنىڭ مۇلاھىزلىرىگە قاتنىشىشىڭىز كېرەك.


قىممەت قارىشىنى ئېنىق ھەم كونكرېت بايان قىلىش


دەسلەپتە CEOغا ئايلانغان چېغىمدا،ئۆزۈم توغرىلىق ئېلان قىلىنغان ئاشۇ مۈجمەل،تېتىقسىز قىممەت قارىشىدىن تولىمۇ خىجىل بولاتتىم.مەسىلەن 1981-يىلى مەن يىللىق دوكلاتىمدا مۇنداق يازغان: GE نىڭ رەھبەرلىك قىلغۇچىسى "ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشى"،" يۈكسەكلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى"،"خوجايىنلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش"كېرەك.بۇ سەھنە سۆزلىرى ئاڭلىماققا شۇنداق ياخشى،بىراق ھەرىكەت پىرىنسىپىنى كونكرېت تەسۋىرلەش قىيىن.
1991-يىلىغا بارغاندا بىز ناھايىتى ياخشى ئىلگىرىلىدۇق.ئۇچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە 5000دىن ئارتۇق خىزمەتچى ۋاقتىنى شىركەتنىڭ قىممەت قارىشى ئىشلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشقا چىقاردى.بىز كونكرېت ھەم ئەمەلى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق.كىيىن بىز بۇ مۇلاھىزىلەرنى نېپىز پۇل قىسقۇچ كارتىلارنىڭ ئۈستىگە بېسىپ چىقىرىپ،بارلىق خىزمەتچلەرگە تارقىتىپ بەردۇق.ئۇستىدىكى مەزمۇن نۇرغۇن خالىسانىلىك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەسىلەن بىر خىل ئۇسلۇبتىكى ھەرىكەت خىسلىتى،توختىماي يېڭىلىقنى ئىزدەش ئەمەلى تەجرىبىسى،ھەتتا ئىنقىلاب ئىلىپ كەلگەن تەرەققىيات كىرىزىسى قاتارلىقلار.
ئەلۋەتتە بەزى ھەرىكەت پىرىنسىپلىرىنى تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.مەيلى يىغىن زالىدا بولسۇن ۋە ياكى باھالاش نەق مەيدانىدا بولسۇن بىز ئۈزلۈكسىز مۇشۇ ھەقتە تىرىشۋاتىمىز.
GE دىن كەتكەندىن كىيىن بىلدىمكى،كارخانا قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش ھەم ھەرىكەت پىرىنسىپلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشتا بىز تېخىمۇ يىراققا قەدەم بېسىشىمىز كېرەككەن.2004-يىلى بوستون بىرىنچى بانكىسى بىلەن مورگان ئالاقە بانكىسى بىرلىشىپ بىر چوڭ شىركەت قۇردى.مەن جىمىي دەيمىڭ بىلەن بېرئىخىالىنىڭ بىرلىشىپ يېڭىدىن كارخانا قىممەت قارىشى ھەم ھەرىكەت پىرىنسىپى ئورناتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.ئۇلار سۆھبەتنى كېڭەيتىش ئۇچۇن بىرىنچى بانكىدىن ئاساسىي ھۆججەتتىن بىرنى ئۈلگە ئالدى.ئۇنىڭدا تىلغا ئىلىنغان ھەرخىل قىممەت قارىشى ھەم ھەرىكەت پىرىنسىپلىرىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن ئېنىق،تەپسىلې ھەم مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان.مەسىلەن ئۇنىڭدىكى بىر مەزمۇن "باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۆز كۆڭلىدەك چۈشىنىش،خېرىدارلارغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش"بۇ ئىنتايىن جانلىق كۆرۈنىدۇ.بىراق بىرىنچى بانكا ئۇنداق ئەمەس،ئۇلار ئېنىق قىلىپ 10-12خىل ھەرىكەت پىرىنسىپلارنى توزۇپ قويۇپ،يۇقىرىقى قائىدە تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ،بەئەينى شۇنداق قىلىپ كۆرسىتىدۇ.تۆۋەندە ئۇلاردىن ئۈزۈندىلەر بېرىلدى.


پايدىدا كېلىپ چىققان توقۇنۇشنىڭ خېرىدارلارغا بولغان ئەلا مۇلازىمەتكە تەسىر كۆرسىتىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق.
خېرىدارلارغا دوستانە،ئادىل مۇئامىلە قىلىش،ئۇلۇغۋار خېرىدار مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا ۋاقىت كېتىدۇ،شۇڭا قىسقا مۇددەتلىك پايدىنى دەپ ئۇلار بىلەن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن خېرىدارلارغا ئوتتۇرىمىزدىكى سودىنى ئاددىي ھېس قىلدۇرۇش.
كۈندە ئوخشاش خېرىدارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ،خېرىدارلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش،باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشنڭ ھاجىتى يوق.
"رەھمەت"دېيىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق.


يەنە بىر خىل قىممەت قارىشى بىر قەدەر مۈجمەل كۆرۈنىدۇ.بىرىنچى بانكىغا "ئۈنۈملۈك ھەم ئالاھىدە يۆتكەش ھەم توشۇش ئارقىلىق،تۆۋەن باھادا يەتكۈزۈپ بېرىش"دەپ يېزىلغان.بۇنىڭغا نىسبەتەن كونكرېت بايانلار تۆۋەندىكىچە:


كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش
بيۇروكىرات ئىستىلىنى چىقىرىپ تاشلاش
رەھىمسىزلەرچە ئىسراپچىلىقنى تۈگىتىش
تىز ھەم پاكىز يۆتكەش
ئۆزئارا ۋاقىتنى قەدىرلەش
ئاساسىي ئەسلىھەلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش
ئۆز ئىشىغا پىششىق بولۇش
مۇبادا بۇنداق ئىنچىكە تەسۋىرلەشلەر سىزنى ھەيران قالدۇرسا،ھەتتا بۇنى ئەقىدىپەرەسلىك دەپ ھېس قىلسىڭىز بۇنى چۈشىنىمەن.تۇنجى قېتىم جىمېيت تاپشۇرغان لىق بەش بەت قىممەت قارىشى ھەم ھەرىكەت پىرىنسىپىغا ئالاقىدار ھۆججەتنى كۆرگەن چېغىمدا ئايلىنىپ چۇشكىلي تاس قالغان.بىراق تەپسىلىي ئوقۇغاندىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن كۈچنى كۆردۈم.
2000-2005 يىلغىچە مەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىركەت خادىملىرىدىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم.بۇلار مېنى شىركەت قىممەت قارىشىغا ئالاقىدار ھەرىكەت پىرىنسىپلارنى تىكلىگەن چاغدا كۆپرەك ئىنچىكە ھەم كونكرېت بولۇش لازىملىقىغا چوڭقۇر ئىشەندۈردى.
ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش
قىممەت قارىشى بىلەن ھەرىكەت پىرىنسىپىنى ئېنىق بايان قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.مۇبادا سىز ئەمەلىيەت جەريانىدا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرمىسىڭىز،ئۇنداقتا بۇنىڭ چوڭ پايدىسىمۇ بولمايدۇ.قىممەت قارىشىغا باشقىلار ئەھمىيەت بەرسۇن دېسەك،شىركەت چوقۇم ئەخلاقى ياخشى،ئەمەلىيەتتىن ئىزدەنگەن خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاپ،ئۇنداق بولمىغانلارنى جازالاش لازىم.ئىشىنڭكى بۇنىڭ كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا چوقۇم پايدىسى بار. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەب،چۈنكى ئىلگىرى بىز كۆپ قېتىم نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئەمما كارخانا قىممەت قارىشى تىكىلمىگەن خىزمەتچىلەرنى كەتكۇزۋىتىشنى تەلەپ قىلغان ھەم كۈچىمىزنىڭ يىتىشچە بۇنى چۈشەندۈرگەن.ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىش كۆرۈلگەندە شىركەتكە ياخشى تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلگەن.ئۆتكەن قېتىمقى يىللىق تەكشۈرۈشتە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشچە،شىركىتىمىز كۈندىن-كۈنگە ئەمەلىيەت جەريانىدا قىممەت قارىشى تۇرغۇزىۋىتىپتۇ.بۇنداق چوڭ مۇھىت ھەر بىر ئادەمنىڭ كارخانا ئىرادىسىگە بولغان سەمىمىيلىكىنى ئاشۇرىدۇ.خىزمەتچىلەرنىڭ مەمنۇنىيەتچانلىقنڭ ئۆسۇشىگە ئەگىشىپ،شىركىتىمىزنڭ مالىيە ئىشلىرىمۇ ماس قەدەمدە ئۆسۋاتىدۇ.
ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىكى باغلىنش
كارخانا ۋەزىپىسى تۇرغۇزۇش ئىنتايىن مۇھىم،ھەرىكەت پىرىنسىپىنىڭ قىممەت قارىشىنى كونكرېت ئىپادىلەشمۇ ئوخشاش.ئۇنىڭدىن باشقا شىركەتنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن قىممەت قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،رولىنى ئورتاق جارى قىلدۇرغاندا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.بۇ ئىككىسى ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بۇ ئىنتايىن چۈشىنىشلىك،ئەجەبا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟شىركەتنىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇش بۇ بىر ۋەزىپە.ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى،ۋەزىپە بىلەن قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىكى توقۇنۇش دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ،بۇ بىر ئالاھىدە ئىشمۇ ئەمەس.شىركەتنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىكى زىددىيەت كۆپىنچىسى بىپەرۋالىقتىن كېلىپ چىققان،قەستەنلىك ئەمەس،بىراق دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
ئەڭ ئومۇملاشقان ئەھۋال شىركەتنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن قىممەت قارىشى ئوتتۇرسىدا ئايرىلىش كۆرۇلۇش،بۇنى سودا تۇرمۇشىدىكى كىچىك كرىزىسلار كەلتۈرۈپ چىقارغان.مەسىلەن رىقابەتچىمىز بىزنىڭ بازىرىمىزغا كىرىپ مالنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلەتسە بىزمۇ ئەگىشىپ تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىمىز.شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە بېكىتكەن ئەلا سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن رىقابەتچىمىزنى يېڭىش ۋەزىپىمىز ئاجىزلايدۇ. ۋە ياكى ماكرو ئىقتىسادنىڭ توقۇنۇشى بىلەن،ئېلانغا بولغان چىقىم ئازىيدۇ،شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە بېكىتكەن ماركا ئېنىقلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەم تارقىتىش ۋەزىپىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز.ۋەزىپە بىلەن قىممەت قارىشىنىڭ ئايرۋىتىلىشى ئاڭلىماققا بەلكىم جىددىي ئەمەس ۋاقىتلىق،بىراق قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرساق شىركەتنىڭ پايدىسى چوقۇم زىيانغا ئۇچرايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئەڭ يامان ئەھۋالدا بۇنداق ئايرىلىش ئىگىلىكىمىزنى ۋەيران قىلىدۇ.مېنىڭچە ئەنداشېنڭ بوغالتىرلىق ئورىنىمۇ شىركەتتە بولۋاتقان ئىشلاردىن بىمالال،بۇمۇ شۇ خەۋپكە تەۋە. ئەنداشېن بوغالتىرلىق ئورنى تەخمىنەن بىر ئەسىر ئىلگىرى قۇرۇلغان.ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەم ئىشەنچلىك تەپتىش شىركىتى بولۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغان.بۇ بىر باش ئەگمەيدىغان شىركەت،ئۇلار نۇرغۇن قابىلىيەتلىك ھەم دۇرۇس بوغالتىرلارنى تەكلىپ قىلىپ بۇ يەردە خىزمەت قىلدۇردى.شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانا ھەم تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.ئارقىدىنلا 20نچى ئەسىرنىڭ 80نىنچى يىللىرى گۈللەنگەن ۋاقىت كەلدى،ئەنداشېن مەسلىھەت سوراش كەسىپىگىمۇ ئىلگىرىلەشنى قارار قىلدى،بۇ كەسىپ نۇرغۇن كىشىلەردە يېڭىلىق ھەم ھاياجانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلدى،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىركەتكىمۇ شۇنداق كۆپ پايدىلارنى ئىلىپ كەلدى.ئۇلار كۆپلەپ MBA نى پۈتتۈرگەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ھەم ئۇلارغا توختىماي مائاش قوشۇپ بەردى،چۈنكى بۇ مەسلىھەت سوراش كەسىپىنىڭ قانۇنىيىتى. 1989-يىلى شىركەت ئەمەلىيەتتە ئىككىگە بۆلۈندى.بىرسى ئەنئەنىۋى تەكشۈرۈش ئورۇنى ئەنداشېن بوغالتىرلىق ئورنى دەپ ئاتالدى.يەنە بىرسى ئەنداشېن مەسلىھەت سوراش ئورنى.ئىككىلىسى بىر شىركەتنىڭ نامىدا ئەنداشېن خەلقئارالىق ئىشلىرىنى يۇرگۇزۋاتىدۇ. بوغالتىرلىق ئورنى قەدىرلەيدىغان سەمىيمىللىكە ئوخشىمايدىغىنى،مەسلىھەت سوراش شىركىتى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۇرىدۇ،ئاكتىپلىق روھىغا ئىگلەرنى مۇكاپاتلايدۇ،ئۇنىڭ خىرىدارلىرىمۇ تۈرنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئۆزگىرىدۇ.90نىنچى يىللارغا كەلگەندە مەسلىھەت سوراش مەركىزىنىڭ روھى ھالىتى كۈنسېرى گۈللەندى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنداشېن تەكشۈرۈش ئورنى يەنە بىر تەرەپتىن كەلگەن ھۇجۇمغا ئۇچۇردى.بىر قىسىم بوغالترلار يېڭى سودىگەرچىلىك پۇرسىتىدىن بېشى ئايلىنىپ قالدى.ئۇلار ئۇزاقتىن بۇيان چىڭ تۇرۇۋاتقان تەكشۈرۈش ئىشلىرىدا دۇرۇس،سەمىمىي بولۇش ئىرادىسى تەۋىرىنىپ،ئۆزىگە بولغان تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ قويدى.90نىنچى يىللاردىن كىيىن كۆپ چاغلاردا ئەنداشېن پەقەت ئزىدىن ئۆزى كۈچلۈكرەك شىركەت بولۇپ قالدى.مەسلىھەت سوراش ئورنى ئۇدا بوغالتىرلىق ئورنىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى،ئەلۋەتتە ئۇلار بۇنى خالاپ قىلمدى،مەسلىھەت سوراش ئورنىدكلەر بوغالتىرلىق ئورۇندىكىلەرگە شۇنداق ھەيۋە قىلدى.بۇنداق زىددىيەتتە كۆپچىلىك كارخانىنىڭ ئاساسىي سوئالىغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟"بىزنىڭ ۋەزىپىمىز زادى نېمە؟""قانداق قىممەت قارىشىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك؟""قانداق ھەرىكەت پىرىنسىپى قوللىنىشىمىز كېرەك؟"خىزمەتچلەرنىڭ ۋەزىپىسىنڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئۇلارنىڭ جاۋابىمۇ ئوخشىمايدۇ.شۇڭلاشقا ئەنداشىېندىكى شېرىكلەر شىركەتنىڭ پايدىسىنى ئايرىش ئۇچۇن سوتقا بارىدىغان ئىشلار يۈز بەردى.2002 -يىلغا كەلگەندە بوغالتىرلىق ئورنى تاقىلىپ قالدى.بۇ جەرياندا شىركەتنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىكى زىددىيەت مۇھىم رول ئوينىدى. نۇرغۇن جەھەتلەردە ئەنرەن شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇشى ئەنداشېن بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە.دەسلەپكى چاغدا ئەنرەن شىركىتى ئاددىي ھەم كۆزىگە چېلىقمايدىغان تۇرۇبا يولى ھەم ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن شۇغۇللانغان.خىزمەتچىلەر نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ،قانداق قىلغاندا تەبىئىي گازنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا ئەرزان باھادا يۆتكىگىلى بولىدغانلىقىنى تەتقىق قىلغان.ئۇلار ۋەزىپىنى شۇنداق ياخشى تاماملاپ،ئېنېرگىيە مەنبەسىنى قىزىش ھەم يۆتكەش ساھەسىدە نوپۇزلۇق ئورنىغا ئۆتكەن..كىيىنكى تەرەققىيات ئەنداشېنغا ئوخشاش،ئەنرەن شىركىتىمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرتكەن.بىرسى ئەنرەن شىركىتى سودا شىركىتى يۆلىنىشىگە قاراپ ئىلگىرىلىشى كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويغان،شۇنداقلا تىز سۈرەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.ئەنداشېندا قېتىرقىنىپ ھېسابات جەدۋىلىنى سېلىشتۇرىدىغان بوغالتىرلار تۇيۇقسىز ئامانى ماركىسىدىكى MBA لار بىلەن شىركەت ئىشخانىسىدىن بىللە بەھرىمەن بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئەنرەندىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدى.ئەنرەن شىركىتىنىڭ يېڭى نىشانى ئۇلار دەسلەپتە زېھنىي كۈچىنى ئېنېرگىيە سودىسىغا مەركەزلەشتۈرۈشتىن دېرەك بىرىدۇ.ئاندىن باشقا ماللار سودىسىغا كىڭىيدۇ.ئەينى چاغدا بۇنداق ئۆزگىرىش كىشىنى ھاياجانغا سىلىشى مۇمكىن،بىراق بۇنىڭدىن باشقا،ھېچقانداق ئادەم بۇنداق ئۇلۇغۋار نىشاننى قوللاش ئۇچۇن شىركەت قانداقراق يېڭى قىممەت قارىشى ھەم ھەرىكەت پىرىنسىپى تۇرغۇزۇشنى ئويلاپ باقمىدى.شۇنىڭ بىلەن سودىنى سۆھبەتلىشىش شىركەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى.بىراق تۇرۇبا يولى ھەم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.بەختسىزلىكى شۇكى بۇرۇنقى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن شىركەت ئۇلارنىڭ مەسىلىلرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا ھېچقانداق تەدىبر قوللانمىدى.مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەنرەن تۇيۇقسىز تاقىلىپ قالدى.
ئەنداشېننىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش شىركەتنىڭ ۋەزىپىسى ھەم قىممەت قارىشى ئوتتۇردىكى توقۇنۇش نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنى خىزمىتىدىن ئايرىپ قويدى،بۇ نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال. بۇ باب باشلانغاندا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى سودىگەرچىلىك تۇرمۇشىدا كىشىلەر ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشى توغرىسىدا كۆپلەپ مۇلاھىزە قىلدى،بىراق نەتىجدە دىيىشكەنگە تۇشلۇق ئەمەلىي ھەرىكەت يوق بولۇپ قالدى.ھېچكىم بۇنداق جاۋابقا ئېرىشىشنى خالىمايدۇ،بىراق بۇ ئىككى ئاتالغۇ قارىماققا ھەم چوڭقۇر ھەم مۈجمەل كۆرۈنىدۇ،شۇڭا تەبىئىيلا مۇشۇنداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بىراق مۇبادا شىركەت ئۇچۇن توغرا ۋەزىپە بېكىتمىسەك،ئېنىق قىممەت قارىشى تىكلىمىسەك،تۆلەيدىغان بەدەل بەك چوڭ بولۇپ كېتىدۇ.مەن ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ شىركىتىڭلارمۇ ئەنداشېن بىلەن ئەنرەنگە ئوخشاش تىزلا ۋەيران بولىدۇ دېمەكچى ئەمەس.چۈنكى ئۇلار كارخانا ۋەزىپىسى بىلەن قىممەت قارىشى ئوتتۇرسدا زىددىيەت كۆرۈلۈپ ۋەيران بولغانلارنىڭ تىپىك مىسالى.بىراق مەن شۇنى دېمەكچى،ئەگەر سىزنىڭ شىركىتىڭىز زالغا ئىسسىقلىق شوئاردىن باشقا،ئالغا ئىلگىرىلەش نىشانى ئۇچۇن ھەققى يېتەكچىلىك قىلمىسا،ئۇنداقتا مەڭگۈ كارخانىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قىزىپ چىقالمايدۇ.ئەلۋەتتە ئۆزۈممۇ بىلىمەن ياخشى كارخانا ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەم قىممەت قارىشى تىكلەش ۋاقىت ھەم جاپالىق تىرىشىشتىن ئايرىلالمايدۇ.سىز يىراق ھەم دەم ئالمايدىغان يىغىنلارغا بارغاندا دەرھال ئۆيگە كەتكۈڭىز كېلىدۇ،ئەمدى بىر بېرىلىپ خىزمەت قىلاي دېگەن چېغىڭىزدا باشقىلار سىزگە خىزمەت لايھسىنى مۇزاكىرە قىلايلى دەپ ھۆججەت ئەۋەتىدۇ.يەنە بەزى ئازابلىق چاغلار بولسا سىز بەزى خىزمەتچىلەرگە ھەقىقەتەن ئامراق،ئەكسىچە ئۇلار شىركەتنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىمايدۇ،قىممەت قارىشىغا ئەمەل قىلمايدۇ،شۇڭا ئۇلار بىلەن خوشلاشمىساق بولمايدۇ.شۇ كۈنلەردە سىز ئۆز كارخانىڭىزنىڭ ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشىنى مۈجمەل،ئالاھىدىلىك بولمىسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىپ قالىسىز.ئۇنداق بولسا بولمايدۇ.ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىڭىز ھەم زېھنىڭىزنى چىقىرىپ كارخانىڭىزنىڭ ۋەزىپە ھەم قىممەت قارىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇڭ.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى