پاتېنت ھوقۇقىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
يانفوندا كۆرۈش
پاتېنت ھوقۇقىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
نەشر ھوقۇقى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى ، پاتېنت ھوقۇقى ئۆزلۈكىدىن ئېلىنغان ئەمەس،بەلكى دۆلەتلىك ئەقلى مۈلۈك ئىدارىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن.ئىجادى كەشپىيات پۈتكەندىن كېيىن ، ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەتلىك ئەقلى مۈلۈك ئىدارىسىغا ئىلتىماس قىلىش ، دۆلەتلىك ئەقلى مۈلۈك ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پاتېنت ھوقۇقى بېرىش شەرتىگە توشىدۇ دەپ قارالسا،ئاندىن پاتېنت ھوقۇقى بېرىلىدۇ.شۇڭلاشقا پاتېنت ھوقۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىدەك:
خاسلىق پاتېنت ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ،ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدىمۇ يەنە شۇنداق بولىدۇ.مەسىلەن،نەشر ھوقۇقى مۇستەقىل ئىجادچانلىقنى تەكىتلەيدۇ ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پۈتتۈرگەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەسىرمۇ ئوخشاشلا نەشر ھوقۇقىنى ئالالايدۇ؛مەشھۇر تاۋار ماركىسىدىن سىرت ، تىزىملانغان تاۋار ماركىسىنىڭمۇ قوغدايدىغان دائىرىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىدىغان ماركا ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتكەن مەھسۇلات بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىدىغان مەھسۇلاتتىلا چەكلىنىدۇ،باشقىلار ئەگەر ئوخشاش تاۋار ماركىسى تىزىملاتقان ھەم بۇ تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن مەھسۇلات بىلەن ئوخشىمىغان ياكى ئوخشاشلىقى يوق مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن بولسا ، ھوقۇققا ئېرىشكۈچىنىڭ ئۇنى چەكلەش ھوقۇقى بولمايدۇ.پاتېنت ھوقۇقىنىڭ دەل مۇشۇنداق ھازىرلىغان ئالاھىدە خاسلىقى سەۋەبلىك ،كىشىلەر قوغدىلىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى دەپ ئاتايدۇ.
(2) رايون خاراكتېرى . رايون خاراكتېرى كۆرسىتىدىغىنى بىر تۈردىكى ئىجادى كەشپىيات پەقەت ئۇنىڭغا پاتېنت ھوقۇقى بېرىدىغان شۇ دۆلەت ياكى رايون تەرىپىدىنلا قوغداشقا ئېرىشىدۇ،ئەكسىچە باشقا دۆلەت ياكى رايون بۇ ئىجادى كەشپىياتقا نىسبەتەن قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.بىر دۆلەت بەرگەن پاتېنت ھوقۇقى پەقەت شۇ دۆلەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان دائىرە ئىچىدىلا كۈپكە ئىگە بولىدۇ،باشقا دۆلەتلەر قوغدىمايدۇ.مەسىلەن بىزنىڭ دۆلەتتە بەرگەن پاتېنت ھوقۇقى پەقەت بىزنىڭ دۆلەتتىلا قوغدىلدۇ،باشقا دۆلەتلەر ھېچقانداق قوغداش بەرمەيدۇ.ئوخشاشلا چەت ئەللەردە ئېلىنغان پاتېنت ھوقۇقى ، بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە قوغداشقا ئېرىشەلمەيدۇ،ئەگەر چەت ئەل پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچى بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىمۇ ئىلتىماس قىلىپ بىزنىڭ دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ.
(3) ۋاقىت خاراكتېرى . پاتېنت ھوقۇقى مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ مۇددىتى بار.مانا بۇ پاتېنت ھوقۇقىنىڭ ۋاقىت خاراكتېرى.دۆلەت پەقەت پاتېنت ھوقۇقىنىڭ ئىناۋەتلىك بۇلۇش مۇددىتى ئىچىدە ، ئىناۋەتلىك داۋاملىشىۋاتقان پاتېنت ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.ئەگەر پاتېنت ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشسا ياكى پاتېنت ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن توختىتىلسا ، دۆلەت ئۇنى قايتا قوغدىمايدۇ.مۇددىتى توشقان ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن توختىتىلغان پاتېنت تېخنىكىسى ھەممىگە ئورتاق بولغان ساھەگە كىرىدۇ،ھەرقانداق ئورگان ياكى شەخس ئەركىن ئىشلىتەلەيدۇ،شۇنداقلا ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز.
ئادۋوكات كۆرسەتمىسى
پاتېنت ھوقۇقىنىڭ رايون خاراكتېرى ۋە ۋاقىت خاراكتېرى بولغانلىقى ئۈچۈنبىر تۈرلۈك پاتېنت ھوقۇقىغا يۈزلەنگەن ۋاقىتتا ،ئالدى بىلەن شۇ پاتېنت ھوقۇقىنى قايسى دۆلەت بەرگەن،ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئىچىدىمۇ ئەمەسمۇ ،يىللىق ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇردىمۇ ، ئاللىقاچان ۋاز كېچىلدىمۇ دېگەنلەرنى چۈشىنىش كېرەك.ئەگەر يىللىق ھەققى ۋاقتىدا تاپشۇرۇلمىسا ،ياكى ۋاز كېچىلگەن بولسا ، ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئىچىدە بولسىمۇ ،پاتېنت ھوقۇقى ئوخشاشلا توختىتلىدۇ .
قانۇنى ئۇلىنىش