ياراملىق ئىگىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشنىڭ 100مىزانى (2)
ۋاقتى: 2016-08-13
ئاۋاتلىقى: 776 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ياراملىق ئىگىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشنىڭ 100مىزانى (2)
2. رەھبەر بولغان كىشى قول ئاستىدىكىلەرگە قىممەت قارشى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش لازىم
①رەھبەر بولغان كىشى تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئۆزى باشلامچىلىق رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشىنى پۈتۈن كارخانىنىڭ مەقسىتى قىلىشى لازىم.
② ئەگەر رەھبەر بولغان كىشىنىڭ ئىسراپچىلىق بىلەن كارى بولمىسا، قول ئاستىدىكىلەر بەتخەجلىككە ئادەتلىنىپ قالىدۇ. ئاشۇندا كېتىۋېرىدىغان بولسا، پۈتۈن كارخانا خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.
③ پايدا كارخانىنىڭ تۈۋرۈكى، شۇڭا، رەھبەر بولغان كىشى ئۆزىنى ھەر دائىم سەگەك تۇتۇشى لازىم، قىممەت قارشى ناھايىتى مۇھىم، قول ئاستىكىلەرگە مۇشۇنداق ئىدىيەدە تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
④ رەھبەر بولغان كىشى قول ئاسىتىدىكلەرگە قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارغا تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشنىڭ كارخانىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى لازىم.
قول ئاستىدىكىلەردە ئەسلى قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش لازىم
ياپونىيەدە دۆلەت تۆمۈر يولىنى باشقۇرىدىغان مەلۇم بىر كارخانا نۇرغۇن سوممىلىق قىزىل رەقەم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاخىر بۇ كارخانىنى بىر شەخسكە سېتىۋەتكەن. كارخانىنى سېتىۋالغان كىشى تۆمۈر يول تىجارىتىنى باشلاپ، بىر نەچچە يىلدىلا زىياننى پايدىغا ئۆزگەرتكەن.
بۇ كارخانا دۆلەت ئىگىلىكىدە بولغان مەزگىلىدە نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت شۇنچىۋالا كۆپ قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن؟ بۇ قىزىل رەقەمنى ئۇلاردىكى ھەددىدىن ئارتۇق ئىسراپچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. بولۇپمۇ سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولغان خادىملار تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشقا زادىلا ئەھمىيەت بەرمىگەن. كىچىككىنە نەرسىنى سېتىۋېلىشتىمۇ ئادەتتىكى ئىدارىلەرنىڭ ئىشلىتىدىغان پۇلىنىڭ يەتتە -سەككىز ھەسسىسىگە باراۋەر پۇل خەجلىگەن. شۇڭا بۇ كارخانىنى ئەسلى قىممەت قارشى كەمچىل بولۇشنىڭ تىپىك ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ. ئەسلى قىممەت قارشىنىڭ كەمچىل بولۇشى كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرىتىدۇ.
ئەسلى قىممەت دېگىنىمىز، خام ئەشيانى تاۋار قىلىپ ئىشلەشكە كەتكەن قىممەتنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى ھەربىر ئىشچىنىڭ ئەمگىكى، قابىلىيىتى، جۈملىدىن سەرپ قىلغان ۋاقتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ھەر بىر ئىشچىنىڭ ئىشلەتكەن ماي قەلىمى، ھەتتا تەرەتخانىغا كىرگەندە ئىشلەتكەن سۈيىمۇ ئەسلى قىممەت بولىدۇ، ئالاقە قىلىشقا كەتكەن راسخوتمۇ ئەسلى قىممەتكە كىرىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئەگەر رەھبەر بولغان كىشى قول ئاستىدىكلەرگە ئەسلى قىممەت كۆز قارشى بويىچە قوماندانلىق قىلمايدىغان بولسا، قول ئاستىدىكىلەر ئىسراپچىلىق ئادىتىنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ.
شۇڭا، رەھبەر بولغان كىشى چوقۇم ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەسلى قىممەت ئېڭىنى كۈندىلىك خىزمىتىدە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى لازىم.
Tags: ئىگىلىك باشقۇرغۇچى