يېمەكلىك دورا-دەرمەكلىرى ( قورۇما دورا-دەرمەكلىرى، تېتىتقۇلار ) زاۋۇتى قۇرۇش
يانفوندا كۆرۈش
يېمەكلىك دورا-دەرمەكلىرى ( قورۇما دورا-دەرمەكلىرى، تېتىتقۇلار ) زاۋۇتى قۇرۇش
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى چوڭ جەھەتتىن 31 تۈرىگە بۆلۈنىدۇ . ئۇلار :
1. ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات
2. يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماي
3. مايلىق يېمەكلىكلەر ۋە باشقا تۈردىكىلەر
4. تەم تەڭشىگۈچلەر
5. گۆش مەھسۇلاتلىرى
6. سۈت مەھسۇلاتلىرى
7. ئىچىملىك
8. قولايلىق يېمەكلىكلەر
9. پېچىنە تۈرىدىكىلەر
10. كونسېرۋا
11. سوغۇق يېمەكلىكلەر
12. تىز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر
13. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر
14. كەمپۈت تۈرىدىكىلەر
15. چاي ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار
16. ھاراق تۈرىدىكىلەر
17. سەي -كۆكتات تۈرىدىكىلەر
18. مېۋە - چېۋە تۈرىدىكىلەر
19. قورۇلغان يېمەكلىك ۋە چىداملىق يېمەكلىكلەر
20. تۇخۇم تۈرىدىكىلەر
21. كولا ۋە قەھۋە تۈرىدىكىلەر
22. يېمەكلىك شېكەر
23. سۇ مەھسۇلاتلىرى
24. كىراخمال ۋە كىراخمال تۈردىكى مەھسۇلاتلار
25. تورت پۇرچاق تۈردىكىمەھسۇلاتلار
26. ھەسەل مەھسۇلاتلىرى
27. ساغلاملىق يېمەكلىكى
28. ئالاھىدە تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان رېتسېپلىق يېمەكلىكلەر
29. بوۋاقلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرى
30. ئالاھىدە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر
31. باشقا تۇردىكى يېمەكلىكلەر دەپ 31 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ .
بۇ 31چوڭ تۈر يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ . تۆۋەندە بىز 3- چوڭ تۈر بولغان يېمەكلىك دورا-دەرمەكلىرى ( قورۇما دورا-دەرمەكلىرى، تېتىتقۇلار ) زاۋۇتى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىنچىكە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :
يېمەكلىك دورا-دەرمەكلىرى ( قورۇما دورا-دەرمەكلىرى، تېتىتقۇلار ) زاۋۇتى قۇرۇش
1. 0301 جياڭيۇ (جياڭيۇ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇش )
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى جياڭيۇ مەھسۇلاتى ئېچىتىلغان جياڭيۇ ۋە تەڭشەلگەن جياڭيۇ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ئېچىتىلغان جياڭيۇ بولسا دادۇر،بۇغداي ياكى بۇغداي كېپىكى قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ،مىكرو ئورگانىزملار ئارقىلىق ئېچىتىلغان،ئۆزگىچە رەڭگى،پۇرىقى،تەمى بولغان سۇيۇق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچدۇر؛
تەڭشەلگەن جياڭيۇ بولسا ئېچىتىلغان جياڭيۇنى ئاساس قىلىپ،ئۆسۈملۈك ئاقسىل تەم تەڭشەش ئېرىتمىسى،يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق تەڭشەلگەن سۇيۇق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچدۇر.
0301 جياڭيۇ
1. ئېچىتىپ ياسالغان جياڭيۇ (ئېچىتىپ ياسالغان جياڭيۇ)
2. تەڭشىلىپ ياسالغان جياڭيۇ(تەڭشىلىپ ياسالغان جياڭيۇ )
جاڭيۇنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1 ،يەنى جياڭيۇ (酱油). جياڭيۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ
ئۈنۈملۈك ۋاقتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس
قىلىنىدۇ.
2. 0302 يېمەكلىك ئاچچىقسۇ ( ئاچچىقسۇ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇش )
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
باشقۇرۇشىدىكى ئاچچىقسۇ مەھسۇلاتى ئېچىتىلغان ئاچچىقسۇ ۋە تەڭشەلگەن ئاچچىسۇ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ئېچىتىلغان ئاچچىقسۇ بولسا ئاشلىق،مېۋە،ھاراق قاتارلىق تەركىبىدە كىراخمال،قەنت،ئىسپىرت بولغان خام ئەشيانى مىكرو ئورگانىزملار ئارقىلىق ئېچىتىپ تەييارلىغان بىرخىل كىسلاتالىق سۇيۇق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچدۇر.
تەڭشەلگەن ئاچچىقسۇ بولسا ئېچىتىلغان ئاچچىقسۇنى ئاساس قىلىپ،يېمەكلىكتە ئىشلىتىلىدىغان سىركە كىسلاتاسى(冰醋酸)،يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان تەم تەڭشىگۈچدۇر
0302 يېمەكلىك ئاچچىقسۇ
1. ئېچىتىلغان ئاچچىقسۇ (ئېچىتىلغان ئاچچىقسۇ )
تەڭشىلىپ ياسالغان ئاچچىقسۇ (تەڭشىلىپ ياسالغان ئاچچىقسۇ)
ئاچچىقسۇنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1 ،يەنى ئاچچىقسۇ (食醋)ئاچچىقسۇ جەۋھىرى بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ. ئاچچىقسۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
3. تېتىتقۇ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇش
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
باشقۇرۇشىدىكى تېتىتقۇ مەھسۇلاتى بولسا ئاشلىق ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى خام ئەشيا
قىلىپ،ئېچىتىش ئارقىلىق ساپلاشتۇرۇلغان تەركىبىدە ناترىي گىلۇتامات(谷氨酸钠)بولغان مەھسۇلات.ئۇ ناترىي
گىلۇتامات(%99تېتىتقۇ)،تېتتقۇ قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
0303 تېتىتقۇ
1. ناترىي گىلۇتامات(تېتىتقۇ )
2. تۇز قوشۇلغان تېتىتقۇ ( تۇز قوشۇلغان تېتىتقۇ )
3. ھۆللۈكى ئاشۇرۇلغان تېتىتقۇ (ھۆللۈكى ئاشۇرۇلغان تېتىتقۇ )
تېتىتقۇنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش
بىرلىكى 1 ،يەنى تېتىتقۇ (味精). تېتىتقۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
4. توخۇ تېتىغۇسى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش
5. قىيام پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش
قىيام تۈرىدىكىلەر
ئېچىتىپ ياسالغان قىياملار ( تاتلىققا مايىل پاراشوك قىيام ، تاتلىق پاراشوك قىيام ، دادۇر قىيامى ، سېرىق قىيام ،باقىلە قىيامى ، پۇرچاق قىيامى قاتارلىقلار )
6. تەم تەڭشەش مەھسۇلاتلىرى (قورۇما دورا-دەرمەكلىرى ) پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
باشقۇرۇشىدىكى تەم تەڭشەش مەھسۇلاتى بولسا جياڭيۇ،ئاچچىقسۇ،تېتىتقۇ،قىيام
تۈردىكىلەر(ئېچىتىلغان) دىن باشقا تەم تەڭشەش مەھسۇلاتلىرىنى
كۆرسىتىدۇ.
ئۇ شەكلىگە ئاساسەن قاتتىق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچ،يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچ(قىيام ھالەتتىكى)، سۇيۇق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچ،يېمەكلىكتە ئىشلىتىلىدىغان تەم تەڭشەش مېيى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
قاتتىق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچ توخۇ تالقىنى،ھايۋانات تالقانلىرى، دېڭىز ھايۋانات تالقانلىرى،ھەر خىل تەمدىكى شۇرپىلارنىڭ تالقانلىرى،جياڭيۇ تالقىنى ۋە ھەر خىل دورا-دەرمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچ ئىچىتىلمىغان قىياملارنى(خاسىڭ قىيامى،كۈنجۈت قىيامى،لازا قىيامى،شوخلا قىيامى قاتارلىقلار)،
ئارىلاشما تەم تەڭشەش قىياملىرى(تەم قىيامى،تۇخۇم سېرىقى قىيامى،سالا قىيامى،قىچا تالقىنى قىيامى)،ياغلازا،ساماۋار خۇرۇچلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سۇيۇق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچ بولسا ھەر خىل سۇيۇق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېمەكلىكتە ئىشلىتىلىدىغان تەم تەڭشەش مېيى بولسا كاۋاۋىچىن مېيى،قىچا تالقىنى مېيى،قىزىلمۇچ مېيى،دورا دەرمەكلىك تەم تەڭشەش مايلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەم تەڭشەش مەھسۇلاتىنىڭ ئىجازەتنامە
ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 4 ،يەنى قاتتىق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچ،يېرىم قاتتىق
ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچ،سۇيۇق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچ،يېمەكلىكتە ئىشلىتىلىدىغان
تەم تەڭشەش مېيى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم ئايرىم ئىشلەپچىقىرىش
ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
0305 تەم تەڭشىگۈچلەر
1. سۇيۇق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچلەر (توخۇ گۆشى تەم تەڭشەش سۇيۇقلۇقى ، كالا گۆشى تەم تەڭشەش سۇيۇقلۇقى ، كاۋاپ تەم تەڭشەش سۇيۇقلۇقى ، بېلىق تەم تەڭشەش سۇيۇقلۇقى ، پۇراقلىق تەم تەڭشەش سۇيۇقلۇقى ، تەم تەڭشەش ھارىقى ، سۇيۇق ھالەتتىكى مۇرەككەپ تەم (
2. يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى(قىيام ) تەم تەڭشىگۈچلەر (خام قىيام ، كۈنجۈت قىيامى ، لازا قىيامى ،پەمىدۇر قىيامى ، تەم قىيامى ، تۇخۇم سېرىقى قىيامى ، سالات قىيامى ، قىچا تالقىنى قىيامى ، باجۇ قىيامى ، مايلىق لازا قىيامى ، ساماۋار شورپىسى تەم تەڭشەش قىيامى ، قوۋۇرغا قىيامى ، كاۋاپ قىيامى ، خۇشپۇراق موگۇ قىيامى ، تەم تەڭشەش قىيامى ، مۇرەككەپ تەم تەڭشەش قىيامى قاتارلىقلار )
3. قاتتىق ھالەتتىكى تەم تەڭشىگۈچلەر (ئاق چەشكە تەم تەڭشىگۈچى ، جياڭيۇ تالقىنى ، قىيام تالقىنى ، باجۇ تالقىنى ، تەم كىرگۈزۈش تالقىنى ، مۇرەككەپ تەم تەڭشىگۈچ تالقىنى )
4. يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان تەم تەڭشىگۈچ مايلار (تەم كىرگۈزۈش مېيى ، مۇرەككەپ تەم تەڭشىگۈچ مېيى )
5. سۇدا بولىدىغان تەم تەڭشىگۈچلەر ( راك قىيامى ، بېلىق قىيامى ، راك مېيى قاتارلىقلار )
تەم تەڭشەش مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.