تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھاياتى كۈچ (1)

ھاياتى كۈچ (1)

ۋاقتى: 2016-09-27 ئاۋاتلىقى: 1569 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى بۆلەك نۆلدىن چەكسىزلىككىچە


ھاياتلىق قانۇنىيىتى 01 ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلايدىغىنى پۇل خەجلەش بولماستىن بەلكى پۇل تېپىش شۇڭا باشتىلا ئىشخانىنى بېزەشنى ئويلاشماڭ


بىز دائىم ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن چۈشكەندە قايناق كوچىلاردىن ئۆتىمىز،بۇ يەرلەردە ئاشخانا ،گۈلخانا،بولكىخانا قاتارلىق ھەرساھە ھەركەسىپتىكىلەرنى كۆرىمىز،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغانلىقىنى،ئىچىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەنلىكىنى ياكى بىزىلىۋاتقانلىقىنى ،تېمىغا«تىجارەت باشلانماقچى»دەپ يېزىلغانلىقىنى،تىجارىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن ئىچىدە لىق-لىق ئادەم بارلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز ئايلىنىپ باقماقچى بولىمىز ھەتتا ئەزالىق كارتىسى بېجىرىمىز،ئىككى-ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كىيىن بۇ يەرنىڭ يەنە بىزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز سەۋەبى بولسا خوجايىن ئالماشقان ياكى بۇ كەسىپ جەھەتتە ئالماشقان بولىدۇ.


مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقىرىش مۇھىم


ئۆزۈمنىڭ نەچچە قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانىمنى ئويلاپ باقسام تۈزۈكرەك ئىشخانام،ئۈستىلىم بولۇپ باقمىغان ،ھەتتا شىركەت قۇرۇشقا نەچچە قېتىم تىزىملىتىپمۇ يېقىندا ئىلتىماسىم ئۆتكەن،ئېنىق بىر ئورۇنمۇ يوق بولۇپ باشقىلارنىڭ ئورنىدىكى بىرەر ئۈستەلنى ئارىيەت ئىلىپ باشقىلارنىڭ ئورنىنى ئىشلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغانتىم.ئېسىمدە قىلىشچە نەچچە يىل ئىلگىرى تەيۋەندىن شاڭخەيگە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن كەلگەن ۋاقتىمدا شىركەت قۇرۇش ئىلتىماسىم تېخى ئۆتمىگەن بولۇپ،مەن ئىككى-ئۈچ ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ باغچىدا يىغىن ئاچاتتىم،شىركەتنىڭ كەلگۈسى،نىشانى شۇنداقلا شۇ كۈنلۈك قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى سۆزلىشەتتۇق.يىغىن ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ھەرقايسىمىز ئۆزىمىز ۋاكالەتچى بولغان مەھسۇلاتىمىزنى تەشۋىق قىلىپ ئاۋۋال پۇل تىپىشنىڭ ئامالىنى تېپىپ ،پۇل يىغىپ ئاندىن پۇل خەجلەشنى ئويلىشاتتۇق.
مەن تونۇيدىغان نۇرغۇن ئادەملەر ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلىپىدە ياكى بىرەر ئىش قىلماقچى بولغان چېغىدا،ئۇلارنىڭ دائىم ئاۋۋال پۇلنى قانداق خەجلەشنى ئويلايدۇ،مەسىلەن:ئىشخانىنى قانداق بېزەش،ناھايىتى سالاپەتلىك بىر خوجايىن ئورۇندۇقى سېتىۋېلىش،قانداق رەڭلىك تام قەغىزى سېتىۋېلىش،زالنى قانداق بېزەش قاتارلىقلار،ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇھىم ئەمەس،بىراق كىشىلەر بىر ئىش قىلىشنىڭ دەسلىپىدىلا دائىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلايدۇ؟جاۋابى ناھايىتى ئاددىي،چۈنكى بۇ ئىشلارنى قىلىش ناھايىتى ئاسان،پۇل بولسىلا بۇ ئىشلارنى بىمالال قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.پەقەت سىز توردىن بىرەر بېزەكچىلىك شىركىتىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تېلېفون قىلىپ قارشى تەرەپكە ئۆزىڭىزنىڭ ئالدىدىن بىر مىليون تاپشۇرماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتسىڭىز ئۇلار ناھايىتى تىزلا ئادەم ئەۋەتىپ بېزەش ئىشلىرىنى سىزگە چۈشەندۈرىدۇ،سىز خوجايىنلىق ئوروندۇقىڭىزدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ دېگىنى ئاڭلايسىز،ئۇلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سىزگە مۇلازىمەت قىلىدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى پۇل تېپىش ،سىز بۇنى ھەرقانداق ئىش قىلىشتىكى بېسىشقا تېگىشلىك بىرىنچى قەدەم دەپ ھېس قىلىسىز.پەقەت سىز پۇل تۆلىسىڭىزلا ئۇلار ناھايىتى تېزلىك بىلەن سىزگە بېزەپ بىرىدۇ،ئەمما سىز ھەرقانداق بىر ئىش قىلغاندا ئەڭ ئاساندىن ئەمەس ئەڭ تەستىن باشلىشىڭىز كېرەك.


ئەڭ تەس ئىشتىن باشلاڭ


ئەڭ تەس ئىش نېمە؟بەلكىم بازار ئىچىش،بەلكىم پۇل يىغىش،بەلكىم بۇنداق قىلىش سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئايان بولۇشى مۇمكىن،بىراق نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تاللاپ،ئاۋۋال پۇل خەجلەيدىغان ئىشنى قىلىپ،ئىشخانىنى ياكى دۇكاننى بېزەپ،پۇلنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىشىنى،ئىشنىڭ ياخشىلىنىشنى كۈتىدۇ.
مەن ئىلگىرى بىر قانچە قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇپ بولۇپ قايتىدىن باش كۆتۈرەلىدىم،سەۋەبى بولسا مەن باشتىلا پۇل خەجلەشنى ئويلىماي قانداق قىلىپ پۇل تېپىشنى پۇل يىغىشنى ئويلايتتىم.بەلكىم سىز مەندىن دۇكاننى ياكى شىركەتنى تېخى بېزەپ بولالماي قانداق ئۇسۇل بىلەن پۇل يىغقانلىقىمنى سورىشىڭىز مۇمكىن.ئەمەلىيەتتە سىز دەسلىپىدىلا دۇكاننى بېزەشنىڭ ئورنىغا ئىككى نەپەر سېتىش خادىمى تەكلىپ قىلىپ تەشۋىق قىلىپ،خېرىدار توپلاپ،ھەتتا ئەزالىق كارتىسى بېجىرىشتىن باشلىسىڭىز ياخشىراق بولىدۇ،قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىڭ،بىراق بۇ ئىشلارنى سىز كىيىن قىلىشنى ئويلىشى قالىسىز،چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىراق.
نۇرغۇن ئادەملەر قىيىن ئىشنى قىلىشتىن باشلاشنى ئويلاشمايدۇ،قىيىندىن باشلاشنى ئويلىسىلا بېشى قايىدۇ.نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ،ئەڭ ئاددىي ئىش ئۇششاق يېمەكلىك يېيىش،كىنو كۆرۈش،بازار ئايلىنىش،تورغا چىقىش ئويۇن ئويناش قاتارلىقلار،بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ پۇل بىلەنلا قىلغىلى بولىدۇ.بىر قەدەر تەسراق بولغىنى نېمە؟دەرس تەكرارلاش،كىتاب ئوقۇش،ئىمتىھان،قىيىن سوئاللارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلار.ئەگەر سىز ئەڭ ئاۋۋال قىيىن بولغان ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بولسىڭىز ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلاپ ئاددىي ئىشنى ،پۇل خەجلەيدىغان ئىشنى قىلسىڭىز بولىدۇ،بۇ سىزگە نىسبەتەن بىر خىل بەھرىلىنىش ھېسابلىنىدۇ.بىراق ناۋادا سىز ئاۋۋال قىيىن ئىش قىلىشنى خالىماي،ئاسان ئىشنى تاللىۋالسىڭىز كىيىن يۈزللىنىدىغىنىڭىز سىز ھەل قىلىپمۇ ھەل قىلىپ بولالمايدىغان ئىشتۇر.ناۋادا سىز ئاۋۋال دۇكاننى بىزىسىڭىز تەننەرخ بارغانسېرى ئارتىپ بارىدۇ،ئەڭ ئاخىرىدا بولدى قىلىپلا دۇكاننى سىتىۋىتىشىڭىز مۇمكىن.
شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزگە ئاۋۋال تەستىن باشلاشنى،ئاۋۋال پۇل خەجلەشنى ئەمەس پۇل تىپىشتىن باشلاشنى ئېيتىڭ.ئىشخانىنى بېزەش،ئورۇندۇق سېتىۋېلىش،دۇكاننى بېزەش ھەممە ئادەم قىلالايدىغان ئىشتۇر،ئەمما پۇل تېپىش،مەبلەغ سېلىش،بازار ئىچىش نۇرغۇنلىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن تەس ئىشتۇر.پەقەت قىيىن ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال قىلغاندىلا ئاندىن قىيىن ئىش ئاسان ئىشقا،ئاسان ئىش بەھرىلىنىدىغان ئىشقا ئايلىنىدۇ.
بولۇپمۇ ئىنتېرنېت+ئىددىيسى دەۋرىدە تېخى سودا قىلىشنى باشلىماي ،دۇكاننى بىزىمەي تۇرۇپلا پايدا ئالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرۇشى مۇمكىن.
مەن يېتەكچىلىك قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىچىدە كىيىم-كېچەك سودىسى قىلىدىغان بىرسى بار بولۇپ،ئۇلار تېخى دۇكاننى ئاچماي تۇرۇپلا،مەن ئۆگەتكەن خادىم قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئادەم قوبۇل قىلىپ بىر سېتىش كوللېكتىپى تەشكىللىدى.
شۇڭلاشقا مەن دۇكاننى ئاچماي تۇرۇپلا پايدا ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارىدىم،بۇ ئىلگىرىكى ئىدىيە شەكلى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ.بۇرۇن كىيىم-كېچەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاۋۋال دۇكاندىن بىرنى ئىچىپ،دۇكاننى بېزەپ،دۇكانغا مالنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن پۇل تېپىشنى باشلايتتى.ھازىر بولسا ئاۋۋال دۇكاننى ئاچماي،بىزىمەي تۇرۇپ،تەشۋىق قىلىپ،خېرىدار توپلاپ،خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى بىلىپ ئاندىن زاۋۇتقا زاكاز بۇيرۇتۇپ مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە خېرىدارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىكى كىيىمنى خېرىدارغا ئەۋەتىدىغان بولدى.پەقەت سىتېش نۇقتىسى قۇرۇلسىلا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىجارەت قىلغىلى بولىدۇ.
قوزغاتقۇچ:ئەڭ تەس ئىشتىن باشلىغاندا كىيىنكى ئىشلار ئاسانلىشىدۇ.پۇل تاپىدىغان ئىشتىن ئوننى،پۇل خەجلەيدىغان ئىشتىن ئوننى تىزىپ ئاۋۋال پۇل تاپىدىغان ئىشتىن باشلاڭ.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى