ئۇيغۇر كارخانچىلىرىنىڭ ساپاسى قانچىلىك؟
ۋاقتى: 2016-09-20
ئاۋاتلىقى: 516 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى مەسلھەتچىلىك مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتۇق ، تەنقىدى پىكىر بىرىشىڭلارنى قارشى ئالمىز .
كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كارخانا دېگەننى توغرا چۈشىنىش، كارخانىچى دېگەننى توغرا چۈشىنىش ۋە كارخانا مەدەنىيىتىنى توغرا چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم.
كارخانا مەدەنىيىتى قانداق تىكلىنىدۇ دېيىلگەندە،
1- ئۆزىنىڭ تاشقى ئوبرازى ئارقىلىق تىكلىنىدۇ.
2-خېرىدارغا بەرگەن ۋەدىسى ئارقىلىق تىكلىنىدۇ.
3-تىجارەت مېخانىزمى ئارقىلىق تىكلىنىدۇ.
4-ئۇنىڭ پۈتكۈل باشقۇرۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق تىكلىنىدۇ.
ئەمدى بۇ 4 تەرەپ تۇلۇق ئىپادىلىنىپ چىقالمىغان ۋاقىتتا بىز بۇ كارخانا مەدەنىيىتىنى يۈگۈرۈپ بېرىپ ساخاۋەتچى بولۇپ ئىئانە بېرىش ئارقىلىق ،مەشرەپ ئىشلەپ سورۇن تەشكىللەش ئارقىلىق ياكى بىر ئىككى ئېلان بېرىش ئارقىلىق ۋە ياكى ئىشخانىمىزغا بىر ئىككى شوئار يېزىلغان تاختاينى ئېسىپ قۇيۇش ئارقىلىق تىكلەپ بولغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇڭا كارخانا مەدەنىيىتىڭ يادروسى نەدە دېسە، كارخانىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارشىنى تىكلەشتە دەيمىز. قىممەت قارشى دېگەن گەپنىڭ ئۆزى بىز بەرگەن ھەر بىر ۋەدىدە، بىز دېگەن ھەر بىر ئىشتا، بىز قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىنىشى كېرەك. شۇڭا ئۇ بىر مىزانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇ بىر كارخانا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ھەرگىزمۇ بىر ئادەتتىكى بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا خۇلاسىلىنىپ قۇيۇش ئەمەس بەلكى ھەر بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئەمدى بەزەن كارخانىچىلار جەمئىيەت ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش قىلدۇق دەيدۇ. جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ بەردۇق دەپ بىرگە بىرنى قوشۇپ سېتىپ بېرىشنىڭ ئۆزىلا جەمئىيەت ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغانلىق بولمايدۇ. جەمئىيەت ئوبرازى تىكلەش ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا كارخانا مەدەنىيىتى يارىتىشتىكى مەقسىتىمىز نېمە دېسە ئىجتىمائىي كاپتال توپلاش دەيمىز. شۇڭا كارخانىلار ئۈچۈن ئۈچ خىل نىشان بار بىرىنچى، ئىقتىسادى نىشان، ئىككىنچى، ئىجتىمائىي نىشان. ئۈچىنچى غايىۋى خاس نىشان.
ئىجتىمائىي نىشاننى بىز ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلالىدۇقمۇ يوق؟ دېگەن تەرەپتىن قارايمىز. كارخانا مەدەنىيىتى دەل مۇشۇ ئىجتىمائىي تەسىرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. شۇڭا بىز كارخانا مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك نەرسە دەپ قارايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۆلەيدىغان بەدەل ئىنتايىن زور بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي كارخانىچى بارلىققا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ساپالىق كارخانىچىنىڭ ئىپادىسى دېگەندە بىرىنچى، ئۇنىڭ قىممەت قارشى ئوخشىمايدۇ. بۇ سودىگەر بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى. ئۇنىڭ قىممەت قارشى مۇنداقچە ئېيتقاندا جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇليەتچالىىغىدا ئىپادىلىنىدۇ. بىز ئۇنى تار دائىرىدە چۈشىنىپ ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىغا بىر ئىككى يول ياساپ قويساق ياكى قۇدۇق قېزىپ قويساق ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان بولمايمىز، ياكى بىر مەكتەپكە ئىئانە بېرىپ بىر تېمىنى قوپۇرۇپ قويساق جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان بولمايمىز. ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى زورايتىپ، نەچچە يۈز ئادەمنىڭ قورسىقىنى باقالىغاندا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتىگە مەسئۇل بولغاندا ئاندىن جەمئىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتى دېيەلەيمىز.
يەنە بىرى شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قۇشالىسا، شۇ رايوندا ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە بولسا، ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلىيەلىسە، ئاندىن ئۇمۇميۈزۈك باھا بېرىمىز. شۇڭا بىر ئىككى ھەركىتىدىنلا كۆرگىلى بولمايدۇ. ئىككىنچى، كارخانىچىلاردا چوقۇم بىر بىلىم قۇرۇلمىسى بولۇشى كېرەك. بىز شۇ مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى بولسىكەن دېمەيمىز، ھېچ بولمىسا مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە كىشىلەرنى دادىللىق بىلەن ئىشلىتەلەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشۈنەلەيدىغان بىر قۇرۇلمىسى بولۇشى كېرەك. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا مالىيە مەلۇمات جەدۋىلىنى كۆرەلىشى كېرەك. خادىملارنى باشقۇرۇشتىكى تۈزۈلمىلەردىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى بىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن قانۇن ساۋات چۈشەنچىسى بولۇشى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شۇ ئۇچۇرلاردىن كەلگۈسىدە ئۆز تەشكىلىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلىيالايدىغان كاللا بولۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە دائىملىق مىسال ئالىدىغىنىم، سۇڭجىياڭ قانداق قىلىپ لىياڭشەندە پالۋانلارغا ئاتامان بولالىدى؟ ئۇنىڭ قورال ئىشلىتىش ئىقتىدارى يوق، يېزىش ئىقتىدارى يوق، ئەمما ئۇنىڭدا ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەلۇم مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ھەر قايسى ئادەمللەرنى بىر يەرگە ئەكېلىپ شۇلاردىن ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىپ ئەڭ ئاخىردا ئىلىمى يەكۈن چىقىرالايدىغان، بىر خىللا ئىقتىدارى بار، بىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىز بىر يەرگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىپ تۇرۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ.
كارخانىلارنىڭ ھەر ۋاقىت مەبلەغ قىيىنچىلىقىغا، تېخنىكا قىيىنچىلىقىغا ئۇچراش خەۋپى بولىدۇ. كارخانىچىلاردا ھەمكارلىق ئىدىيەسى بولمايدىكەن. يالغۇز قالىدۇ. ئۆز ئارا ساھەدىكىلەر ھەمكارلاشسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇ يەردە ھەمكارلىق بىرىنچى ئورۇندا. رىقابەت ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن: مەنمۇ كىيىم كېچەك ئىشلەپ چىقىرمەن. ئۇمۇ كىيىم-كېچەك ئىشلەپ چىقىرىدۇ. مەن ئۇنىڭ 30% پايچىكنى سېتىۋالاي، ئۇمۇ مېنىڭ 30% پايچېكىىمنى سېتىۋالسۇن. مەنمۇ ئۆز خېرىدارلىرىمغا كۈچەيمەن. تەتقىقاتىمنى كۈچەيتىمەن. ئۇمۇ شۇنداق نەتىجىدە مەن ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن كۈچەيتەلەيمەن. ئۇنىڭ كۈچىگە تەڭ كېلەلمىسەم رىقابەتتە يېڭىلىپ قالسام. ئۇنىڭدىكى 30% پايچېكىم بىلەن قايتا ئورنۇمدىن تۇرسام بولىدۇ. ئەمما رىقابىتىم، ھەمكارلىغىم ساقلىنىپ قالىدۇ. چەتئەلدە بۇنداق ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ. بۇ يەردە ھەمكارلىشىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلەش يەنى ھەمكارلىشىش، ئۆزى ئۆگىنىش، توغرا رىقابەت تۇرغۇزۇش كارخانىچىلاردىكى يەنە بىر مۇھىم پەزىلەت ھېسابلىنىدۇ.
قىسقارتقاندا كارخانىچىلارنىڭ ساپاسىنى يىتىلدۈرۈشتە قۇيدىغان تەلىپىمىز:
1. زۆرۈر بىلىمى بولۇشى كېرەك.
2. ئۇچۇرلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
3. قىممەت قارشىدا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
4. كارخانىچىلاردا ھەمكارلىق روھى بولۇشى كېرەك.
5. توغرا بولغان رىقابەت ئېڭى بولۇشى كېرەك
Tags: كارخانا