تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ياراملىق ئىگىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشنىڭ 100مىزانى (1)

ياراملىق ئىگىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشنىڭ 100مىزانى (1)

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 979 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. رەھبەر بولغان كىشىدە چوقۇم ئومۇمىيلىق كۆز قارشى بولۇشى لازىم


①رەھبەر بولغان كىشى ھەر ۋاقىت « مەن قوماندانلىق قىلغۇچى»، «مەسئۇل ئادەممەن» دېگەن كۆز قاراش بىلەن قول ئاسىتىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم، بولمىسا، رەھبەرلىكىنىڭ سۆز- ھەرىكىتى قول ئاستىدىكىلەرگە ناچار تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى سەۋىيەسىنىمۇ جارى قىلدۇرالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

② ئەگەر، رەھبەر بولغان كىشى« ئۆزۈمنىڭ خىزمىتىمنى ياخشى ئىشىلىسەملا بولدى» دەپ قارايدىغان بولسا، بۇنداق ئىدىيە ئۆزىنى چەكلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىمۇ بىر ئىشىنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

③ رەھبەر بولغان كىشى مەسىلىلەرنى پۈتۈن كارخانا نۇقتىسىدىن ئويلىشى لازىم. ئۇنداق قىلالمىسا، كارخانىنىڭمۇ، ئۆزىنىڭمۇ ئىستىقبالى بولمايدۇ.

④ رەھبەر بولغان كىشى شۇنى بىلىشى لازىمكى «قول ئاستىدىكىلەر كارخانىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى»، شۇڭا، ئۇلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم بېرىش لازىم. ئۇنداق قىلمىسا، ئۇلار كۈچلۈك رىقابەت جەريانىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

«بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى» دەيدىغان ئىدىيەدە بولۇشقا بولمايدۇ.

ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىدا، ئاسانلا «رەھبەرلىكىنىمۇ قول ئاستىدىكىلەرنىمۇ رەنجىتمەسلىكىم كېرەك، چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىسىەملا بولدى» دەيدىغان خاتا ئىدىيە پەيدا بولىدۇ. ئەگەر قول ئاستىدىكىلەرگە مۇشۇنداق كۆز قاراش بىلەن يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولسا، قول ئاستىدىكىلەرمۇ « ئۆز غېمىدىلا بولىدىغان، ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا تەلەپ قىلىدىغان، كارخانىنىڭ ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسىنى ھەرگىز ئويلىمايدىغان» بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ، ئۇلار كارخانىنىڭ بايلىقى بولۇش قىممىتىنى يوقاتقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭلاشقا، ئەقەللىيسى بۆلۈم باشلىقلىرىمۇ قول ئاستىدىكىلەرگە «مەن ئىدارە باشلىقى» دېگەن ئىدىيەدە تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم. چۈنكى بۆلۈم باشلىقى بولغان كىشى بىرىنچى سەپتە ئىشلەيدىغان قوماندان، ئەگەر بۆلۈم باشلىقىدا رەھبەرلىك ئېڭى بولمايدىغان بولسا، ئۇ قول ئاستىكىلەرگە توغرا يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ-دە، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ.

رەھبەر بولغان كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى ئومۇمىيلىق كۆز قارشى بولۇشى ھەمدە ئۆزىنىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ «بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى بۇلار» دەيدىغان ئىدىيەدە بولماسلىقى لازىم.


Tags: رەھبەر 
بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى