ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى (2)
-
ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى (2)
ۋاقتى: 2016-03-24 ئاۋاتلىقى: 1199 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى (2)(2) ئاكتىپ بولغان ئۆزىگە ئىشىنىش پوزىتسىيەسى
مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئومۇمەن ئىنتايىن ئاكتىپ بولغان ئۆزىگە ئىشىنىش پوزىتسىيەسىنى ھازىرلىشى كېرەك . ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ياشاش دەل خۇشال- خۇرام ياشاش ۋە بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن . بۇ بەختلىك تۇرمۇشمۇ دەل ئۇلارنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ قولغا كەلگەن بۇلىشى كېرەك . شۇ سەۋەب ئۆز تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىش ئۈچۈن ئۇلاردا كۈرەش قىلىش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ . ئۇلار توختىماستىن ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ ، ئۇچۇق يورۇق ۋە كەيپىياتىنى تۇراقلىق قىلىشقا ، زېھنىنى يىغىپ تۇرمۇشقا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ .كۆڭۈلسىز بىر ئىشقا يولۇقسىمۇ ،ئۇلار توختىماستىن تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭدىن بىر يېڭى تەجرىبىگە ئىگە بولىدۇ .مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆزىگە ئىشىنىپلا قالماستىن بەلكى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان شۇ كەسىپكە ئىشىنىدۇ ؛ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە شۇ مەغلۇبىيەت ئىچىدىن بەلگىلىك تەجرىبە ساۋاقلارغا ئېرىشىدۇ-دە ، كىيىنكى قەدەمدىكى مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن پۇرسەت ھازىرلايدۇ . ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپىسىنىڭ كەسكىن رىقابەتتە ئۇتۇق قازىنالايدىغان ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ ، تىز پۈكمەس كۈچ ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرىدۇ . يېڭى كارخانىلار تەرەققىيات جەريانىدا چوقۇمكى ھەر تۈرلۈك خېيىم - خەتەر ۋە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ ، خېيىم- خەتەر قانچە جىدىى بولغانسېرى تېخىمۇ زور قىزغىنلىق ۋە غەيرەت-جاسارەتكە ،ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە بەرداشلىق بېرىشكە موھتاج بولىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە ئومۇمەن كۈچلۈك بولغان ئۆزىگە ئىشىنىش بولغان بولىدۇ .ئۇلار ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىگە ۋە قارارىغا ئىشىنىدۇ .چۈنكى ئۇلارنىڭ ماڭغىنى بولسا باشقىلار مېڭىشقا پېتىنالمىغان ياكى مېڭىپ باقمىغان بىر يول . پەقەت ئۆزىگە ئىشەنگەندىلا ئاندىن ئۆز نىشانىدا چىڭ تۇرغىلى ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلار ئالدىدىمۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يەنىلا ئۆز ئىقتىدارى ، پوزىتسىيەسى ۋە ئەمىلى ھەرىكىتىنىڭ ئىشنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىلىشىچە ھەتتا ئۆزگەرتىلىشىگە ئىشىنىدۇ . بىراق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۆزىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە يەنە سەگەكلىكنى ساقلىغان بولىدۇ . ئۇلار ھەرگىزمۇ خۇنۈك ھالدا بىرەر قىيىنچىلىق ياكى توسالغۇنىڭ سودىسىغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويمايدۇ . ئەگەر مەلۇم بىر ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل بولسا ياكى شۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقمايدىغانلىقىنى بايقىسا ئۇ ئىشتىن دەرھال ۋاز كېچىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئومۇمەن مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە ، قايسى ئىشنى قىلىش قايسى ئىشنى قىلماسلىقنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۇلار دائىم ئىنتايىن ئەمىلى بولغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، ئاكتىپ ھالدا مەسىلە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھەر تۈرلۈك يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
باي بولۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى
2015-10-22 11:09:42984يىمەكىلىك بىخەتەرلىكى يەر شارى خارەكتىرلىك مەسىل
2015-10-25 19:45:58967سىزنى ئەگرى يوللارنى ئاز ماڭدۇرىدىغان يەتتە خىل
2016-02-02 21:18:34997پايدىلانغىلى بولىدىغان تاشقى مەبلەغ مەنبەسىنى ئې
2015-12-17 18:16:10668خادىملارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سە
2015-10-29 07:22:54996تەجرىبە خادىمى قوبۇل قىلىنىدۇ
2015-11-08 12:00:42777تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
2015-11-01 08:51:20201110 تۈرلۈك ئاساسىي ئوزۇقلۇق ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەس
2015-10-26 00:03:18943
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-