ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى" بىلەن "ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى"نى ئايريالامسز؟
يانفوندا كۆرۈش
بازاردىكى تۈرلۈك"ساغلاملىق مەھسۇلاتى"بىلەن"ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى"گە نىسبەتەن ئىستېمالچىلار نېمىنىڭ قانۇنلۇق ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئىكەنلىكىنى ئايرىشنى چوقۇم ئۆگىنىشى كېرەك.
ئاتالمىش"ساغلاملىق مەھسۇلاتى" بولسا خەلق ئارىسىدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان مەھسۇلات بولۇپ ،بەزى ئادەتتىكى يېمەكلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
"ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى" بىلەن "ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى"نىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى بولسا ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇش-بولماسلىقى،شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشتۇر.
بازاردىكى "ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى" ھەرخىل بولۇپ ،ئاتالغان ئىقتىدارى ئاجايىپ-غارايىپ،نۇرغۇنلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ كەتكەن،ساختىلىق ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ،كېسەللەرنى داۋالاش رولى كۆپتۈرۋىتىلگەن.ئەمما قانۇنلۇق ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بولسا دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ،مۇقىم تېخنىكىلىق باھالاشتىن ئۆتكەن،شۇنداقلا ئىقتىدارىنى تەشۋىق قىلىشتىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.