قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-08-21
ئاۋاتلىقى: 1548 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قەشقەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەممىگە مەلۇماتلىق بولغان مەشھۇر يۇرت بولۇپ،نۇرۇن سۇلالە، خانلىق، بەخت ۋە پالاكەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، نۇرغۇن قېتىم گۈللىنىپ ۋە ۋەيران بولۇپ، ئەمدى ئەسلىگە كېلىۋاتقان داڭلىق ماكاندۇر. جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئان ′57°79-′20°73، شىمالىي پاراللېل ′18°40-′20°35قا توغرا كېلىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 141600 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شەرقىي تەرىپىدىن باشقا جايلىرى تاغ بىلەن ئورالغان، قالغان يەرلىرى ئېدىرلىق، تۈزلەڭلىك ۋە ئۈزۈك بوستانلىقلاردىن ئىبارەت. تۈزلەڭ رايونلىرىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى قۇرۇق چۆل ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە يىغىن مىقداراى 50 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2487 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ھاۋا كېلىماتى مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئومۇمەن قەشقەرنى تەمىنلەيدىغان دەريالارنىڭ تەسىرى ۋە يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 215 كۈن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، ھاۋاسىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق بولۇشى پەرەز قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك قۇرۇقلۇق دەرىجىسى خوتەننىڭكىدەك يۇقىرى ئەمەس .
مىزاجى: قەشقەرنىڭ چوڭ مۇھىتىدىن ئېيتقاندا، دەريا ۋە ئۆستەڭلەر خوتەننىڭكىدىن كۆپرەك ، غەربىي تەرىپى قار مۇزلۇق تاغلار بىلەن ئورالغان بولغاچقا، ھاۋا تەركىبىدىكى قۇرغاقلىق خوتەننىڭكدىن نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ مىزاج تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق، بولۇپمۇ، يەكەن، قاغىلىق قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق كىشىلەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، ئومۇمەن قەشقەر كىشىلىرىدە قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەردە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەر گەۋدىلىك.
خىلىتى: يېمەك – ئىچمەك ۋە ھاۋا مىزاجىنىڭ بەدەندە ئۆزلىشىشىدىن پەيدا بولغان خىلىت كىشىلەرنىڭ سۆز – ھەرىكىتى ۋە خۇسۇسىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. ئىستېمال خاھىشى، بەدەن سۈپىتى، روھىي ھالىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا،قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەدەن خىلىتىنى تەرتىپ بويىچە سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
چىراي – شەكلى، تەققى – تۇرقى: ئادەمنىڭ مىزاج ۋە خىلىتى شۇ كىشىنىڭ چىراي شەكلىگە ۋە تەققى – تۇرقىغامەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئىسسىقجان تەرەپكە مايىل. ھۆللۈكمۇ نىسبەتەن ئارتۇق، شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇرلىرى نىسبەتەن بەستلىك، ساقال – بۇرۇتلۇق كېلىدۇ. بېشى يۇمىلاق، بۇغداي ئۆڭ، سوقىچاق يۈز، بۇرنى ئوتتۇراھالكەڭ،لېكىن ئېگىز (قوش تۇمشۇق بۇرۇن بىلەن تۈز بورۇن ئارىسىدا )، چاچلىرى قارا، قوي كۆزلۈك، ئايرىملىرى قاراكۆز، ئەگىم قاش، تېرىسى قىزغۇچ ۋە سىلىق بولۇپ، ئومۇمەن چىرايلىق كېلىدۇ، كۆزى چاقناپ تۇرىدۇ.
مېڭىش – تۇرۇشى: قەشقەر كىشىلىرى ماڭغاندا سۈپىتىنى ساقلاپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەتراپقا نەزەر سالغاچماڭىدۇ، كۆرۈشكەندە قولنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشىدۇ، ئاياللىرى يۈزنى – يۈزىگە تەگكۈزۈپ كۆرۈشىدۇ، ئېگىلىپ ياكى ئالدىراپ – سالىدراپ مېڭىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
كىيىنىشى: قەشقەر ئۇيغۇرلىرى كىيىمنىڭ ئۆز سالاھىيىتىنى ئىپادىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، كىيىملىرىنىڭ زاپاس بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ. ئىلگىرى يەكتەك ۋە ئەتلەس كىيىم ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى، ھازىر يېڭى ۋە زامانىۋى كىيىملەر ئومۇملاشماقتا.
يېمەك – ئىچمىكى: يېمەك – ئىچمەك جەھەتتىن قەشقەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. تاماق تۈرلىرى، مېۋە تۈرلىرى، كۆكتات خىللىرىدىن ئۇيغۇر ئىستېمال قىلىدىغان يېمەك – ئىچمەكلىرىدىن ھەممىسى دېگۈدەك ئۇچرايدۇ. ئاساسىي تاماقلاردىن، پولو، كاۋاپ، قاتلىما، ئۈگرە، نارىن، پەرمۇدە، يۇتازا... قاتارلىقلار، بولۇپمۇ پولو ئەسلى قەشقەردە كەشىپ قىلىنغان تاماق تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر. كۆكتاتلاردىن سەۋزە، چامغۇر، تەرخەمەك، قىزىلمۇچ قاتارلىقلار كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. دانلىق يېمەكلىكلەردىن كۈنجۈت، زىغىر قاتارلىقلار بار. مېۋىلەردىن ئۆرۈك، ئانار، ياڭاق شاپتۇل، ئەينۇلا، ئۈجمە... قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ. شىرنىلىك مۇراببا، گۈلقەنت ئىستېمال قىلىش ۋە چاي ئىچىش قەشقەردە ئومۇملاشقان، ئەتىيازدا ھەر خىل مېۋە چىلاغلىرى ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك ئىچىملىكلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بىر قېتىمدا بىر نەچچە خىل تاماق تەييارلاپ يېيىشتەك ئېسىل ئادىتى بار.
قىممەتقارىشى ۋە ئالاھىدىلىكى: قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئەمەلىي قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەنپەئەت ۋە ھېساباتنى ھاياتلىق ئەندىزىسى دەپ قارايدۇ، سەلتەنەت ۋە ئابرۇي چۈشەنچىسى چوڭقۇر، سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، گىرىمگە ئەھمىيەت بېرىدۇ،ئۆلىما ۋە ھۈنەرۋەن كىشىلەرگە ئامراق كېلىدۇ، بۆسۈپ چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ( ئەنئەنىۋى سانائەت)، تىجارەت ئىشلىرىغا مايىل. باشقا يۇرتلارغا بېرىپ پۇل تېپىپ ياخشى ياشىيالايدۇ، لوگىكىلىق تەپەككۇرغا باي، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى مۆلچەرلىيەلەيدۇ، قارشى تەرەپنى تېز چۈشىنەلەيدۇ، ئۆزلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ پۇل تېپىپ ياخشى ياشىيالايدۇ، لوگىكىلىق تەپەككۇرغا باي، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى مۆلچەرلىيەلەيدۇ، قارشى تەرەپنى تېز چۈشىنەلەيدۇ، ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئەقىللىق ھېابلادۇ. جانلىق، پائالىيەتچان ۋە مۇناسىۋەتشۇناس بولۇپ، سۆزگە ماھىر، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكىتىنى ئويلاپ ھېسابلاپ قىلىدۇ. ھەرقانچە ھاياجانلانسىمۇ، يەنە رېئاللىققا قاراپ ئىش تۇتىدۇ، باشقىلارنى ئىشقا سېلىشقا ماھىر، ھەر نەرسىنىڭ ھالقىلىق ياكى پايدىلىق تەرىپىنى ئاسان تۇتۇۋالالايدۇ، باشقىلارنىڭ ئاجىز تەرىپىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر. ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئومۇمەن ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلغانلىقى ۋە زىيانلىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ. لېكىن ھەشەمەت ۋە شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلىدۇ.
كۈندىلىك مۇھىم پائالىىتى: دېھقانچىلىق، تىجارەت، سودا – سانائەت، خىزمەتكە بېرىش – كېلىش، ئۈلپەتداشلىق.
سالامەتلىك كۆرسەتكۈچى: ھاۋا كېلىماتىنىڭقۇرۇق ۋە نەم ئىسسىق بولۇشى، ئىسسىق كېلىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئەتىيازدا ھەر خىل جىسمانىي كېسەللىكلەر ئاسان قوزغىلىدۇ، قان بېسىمى، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، تېرە كېسەللىكلىرى ۋە ھەزىم ئەزالىرىغا ئائىت كېسەللىكلەر نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدۇ.
تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلىرى: سۆزنى دانە – دانە، ۋەزنىلىك قىلىدۇ، باشقىلارنى ئاسان قايىل قىلىدۇ. ئۆتكۈر ۋە ئوخشىتىش ۋاسىتىلىرىگە تولغان بولىدۇ، يېزىش ئىشلىرىغا ماھىر، تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدۇ، كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن تىچلىقمۇ، ئوبدانمۇ، سىلى، قايلاڭلا (قاراڭ)، ھاجىم، بەلەنمۇيا.... قاتارلىقلار.
Tags: قەشقەر ئۇيغۇرلىرى