تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

خارۋارد ئۇنېۋىرىستېتى ئايال مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۇرۇش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقى

خارۋارد ئۇنېۋىرىستېتى ئايال مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۇرۇش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقى

ۋاقتى: 2016-07-31 ئاۋاتلىقى: 1964 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ داڭلىق مەكتەپتە مۇشۇنداق ئالاھىدە مۇراسىمدا مۇنبەردە سىلەرگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئازراق بولسىمۇ ياخشى تىلەكلىرىمنى بىلدۇرەي . مەن بۇ يەردە خۇددى بىر باشلامچىدەك بولۇپ قالدىم ، مەندىن بۇرۇنقىلار چوقۇملا مېنى كۆرۈپ چۆچۈپ كىتىدۇ ، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن .مۇشۇ مىنۇتتا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن باشلامچىلار بار بولىشى مۇمكىن . بىراق مەن مۇنبەردە ،سىلەر بولساڭلار تاماشىبىن ، مانا بۇ ھەقىقەت .ھازىرقى ئەمەلىيەت .

سىلەر خارۋاردتا تۆت يىل ئوقۇدىڭلار ،لېكىن مېنىڭ بۇ مەكتەپكە مەكتەپ مۇدىرى بولغىنىمغا تېخى بىر يىل بولمىدى .سىلەر ئۈچ مەكتەپ مۇدىرىنى تونۇدىڭلار ، بىراق مەن پەقەت سىلەر بىر قارار ئوقۇغۇچىلارنى كۆردۈم خالاس . مۇشۇنداقتا مېنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا  تۇرۇپ بۇ نۇتۇقنى سۆزلەيدىغانغا نەدە سالاھىيىتىم بولسۇن ؟بەلكىم سىلەر چىقىپ سۆلىسەڭلار توغرا بولار .بولمىسا بىز ئورۇن ئالماشتۇرايلى ، مۇشۇنداق بولغاندا بىز خارۋاردنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ ئڭقۇغۇچىلىرىغا ئوخشايمىز، توختىماي سوئال سورايدىغان .

مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە بىز مۇشۇ ۋاقىتنى كۈتىۋالدۇق ،بىزنىڭ قەدىمىمىزمۇ ماس ھالدا كەلدى .مەن ئىككى كۈن ئىلگىرىلا 5- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ سىلەرنى مەكتەپنىڭ تاماق بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇم . گەرچە سىلەرگە مەيلى بالدۇر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن تاماق بىلەن تەمىنلىمەيتتۇق ، كىم بىلسۇن مەكتەپ ئارقا سەپ بۆلىمىنىڭ مۇنداق بۇرۇنلا تاماقنى توختىتىۋىتىشىنى .

ھازىر بىز بايام تىلغا ئالغان مەسلە ئۈستىدە توختىلايلى .ھازىر بىز خارۋارنىڭ باكلاۋىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۇرگەندىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئەھۋالىنى ئويلاپ باقايلى ، سوئال سوراش شەكىلىدە بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ .سىلەر بەلكىم سورىشىڭلار مۇمكىن :«مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ،ئادەمنىڭ ياشاش قىممىتى زادى قەيەردە ؟بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە 4 يىل ئوقۇشىمىز نېمە ئۈچۈن ؟سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۇرۇپ تا بۈگۈنگىچە 40 يىل ئۆتۈپتۇ ،بۇ 40 يىلدا نېمىلەرنى  ئۆگەندىڭىز بىزگە سۆزلەپ بېرەلەمسىز ؟»

مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئۆتكەن بىر يىلدا سىلەر ئىزچىل مەندىن بۇ سۇئالنى سوراپ كەلدىڭلار ،مەن مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ،جاۋاب بەرگەندە جاۋابىمنىڭ چۈشىنىكسىز ، چولتا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ مەسلە ئۈستىدە ئويلىنىپلا قالماي يەنە بۇ ئوقۇغۇچىلار نېمىشقا بۇ مەسلىنى سورايدۇ دېگەننى چوڭقۇر ئويلاندىم .

مەن سىلەرگە مۇنداق تەھلىل قىلىپ بېرىمەن .بۇنداق سوئال سوراش 2007 –يىلى مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۋىلىپ مەكتەپ تەرەپ بىلەن كۆرۈشكەندىن باشلاپ باشلاندى . سۇئال سوراش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى ،مەن نەدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بولاي بۇنداق سوئالدىن زادى خالىي بولالمىدىم .سىلەر سورىغان بىرىنچى سوئال دەرس ، ياكى ماڭا بولغان پىكىردىن، ئوقۇتقۇچىلارغا قانداق يۈزلىنىش ۋە ياكى ھاراق ئىچىش توغرىلىق بولماستىن ئەكىسچە سىلەر :«كەلگۈسىدە نېمىشقا بىز ۋال-سىترىت كوچىسىنى ئىگەللەيمىز ؟

نېمىشقا كەلگۈسدە بىزنىڭ يۈزلىنىدىغىنىمىز  ئىقتىساد ، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىش بولىدۇ؟»

بۇ سوئالنى نۇرغۇن تەرەپتىن تەپەككۇر قىلىشقا ۋە جاۋاپ بېرىشكە بولىدۇ .بىر خىل چۈشەندۈرۈش بولسا ۋىللىس سىتون (بانكا بۇلىغۇچى ،بانكا بۇلاپ تۇتىلىپ قالغاندا )ئېيتقان بىر ئېغىز سۆز :«ھەممە نەرسە پۇلغا ئېھتىياجلىق »سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا تونۇشلۇق بولغان ئادەتتىكى ئىقتىسادشۇناسلىق پروففىسورى كىلاد كىلدون ۋە ئاررىي كاتىز  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۇرۇش تەتقىقاتىغا ئارىلاشقان ۋە خېلى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .ئۇلار بايقىغان شۇ بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەككى ئىشنى پۇل – مۇئامىلە كەسپىدىن باشلىغاندا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار باشقا ساھەلەرنى تاللايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى 37 ئادەم «ئامىرىكىلىقلارنى تەربىيلەش»(ئامىرىكىدىكى بىر تەشكىلات ،خاراكتىرى جۇڭگودىكى «ئۈمىد قۇرۇلىشى»»غا ئوخشاپ كىتىدۇ)بىلەن توختام ئىمزالاپ بولدى ؛1 ئادەم ئۇسسۇلنى تەتقىق قىلسۇن ھەم ئارگىنتىنا ئۇسسۇلى ئارقىلىق داۋالاز ئىلىپ بارسۇن ؛ 1 ئادەم كىنىيەگە بېرىپ دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرسۇن ؛يەنە 1 ئادەم ماتىماتىكىدا ئۇتۇق قازانسۇن ؛1 ئادەم ئامىرىكا ھاۋا ئارمىيىسىگە بېرىپ ئۇچقۇچى بولسۇن ؛ يەنە 1 ئادەم سۈت بىزى راكىنى تەتقىق قىلسۇن . سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن كىشىلەر قانۇن ئىنىستىتۇتى ، مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتى ۋە ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىغا بېرىشى مۇمكىن . بىراق يۇقىرىدىكى ئىككى پروففىسورنىڭ دىگىنىدەك سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مەلۇم قىسىم ئادەملەر يەنىلا ئىقتىساد ، مالىيەدىن مەسلىھەت بېرىشنى تاللايدۇ . كىرمىسۇننىڭ بۇ يىلقى ئوقۇش پۈتتۇرۇش ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۇرىشىدە دىيىلىشىچە ، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 58% ئوغۇل ئوقۇغۇچى ۋە 43% قىز ئوقۇغۇچى بۇ ساھەنى تاللىغان . بۇ يىل ئىقتىساد بىلەن كۈرەشش قىلىدىغان بىر يىل، بۇ سان بولسا 39%.

بەلكىم يۇقىرى مائاش ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت تونۇشتۇرۇشلارغا قىزىقىپ كىتىشى مۇمكىن ،بەلكىم نىيۇ- يوركتا قىلىپ قىلىش ئۈچۈن دوستلىرى بىلەن خىزمەت ۋە تۇرمۇش يەنە بەلكىم نىيۇ- يوركتا قىلىپ قېلىش ئۈچۈن دوستىلرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ۋە تۇرمۇش خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىشى مۇمكىن ، يەنە بەلىكم ئۆزى ياخشى كۆرگەن خىزمەتنى قىلىشى مۇمكىن ، ئىشقىلىپ ھەممە تاللاشنىڭ ھەرخىل سەۋەبى ۋە نەتىجىسى بار .سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى بىر تۇركۇم ئادەملەرنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ بىر ئىككى يىللىق توختام خالاس .ئۇنىڭدىن باشقا بىر تۇركۇم ئادەملەر  ئۆزىنىڭ باي بولۇپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئىشىنىدۇ . سىلەر بەلكىم مەندىن سورىشىڭلار مۇمكىن ، ئۇنداقتا نېمىشقا بۇ يولنى ماڭىمىز دەپ ؟

مەن سىلەرنىڭ بۇ سوئالىڭلارغا جاۋاپ بېرىشكە ئەمەس بەلكى سىلەرنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق سوئال سورايدىغىنىڭلارغا قىزىقىمەن . ئەگەردە ئىككى پروففىسورنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىقتىسادشۇناسلىققا تايىنىپ پۇل تېپىش ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسا سىلەر يەنە نېمىشقا مەندىن بۇنداق سوئالنى سورايسىلەر ؟

 

مىنىڭچە سىلەر سورايدىغان مەسلە ئادەمنىڭ قىممىتى توغرىسىدىكى مەسلە.گەرچە سىلەر سورىغان مەسلە ئازراق مۇجمەل بولۇپ قالغان بولسىمۇ تەكشۇرۇش ۋە سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇنى ھېس قىلىپ يەتتىم .بۇ مەسلە ئۇنداق چۈشىنىكسىز ، ئابىستىراكىت ۋە ئادەم ئۇنداق تەستە چۈشىنىدىغان مەسلە ئەمەس . ھاياتنىڭ قىممىتى – ھەم ھاياتنى ھەم قىممەتنى ئۆزئىچىگە ئىلىشى كېرەك . Monty Python نىڭ  «ھاياتنىڭ قىممىتى »دېگەن كىنونى چۈشىنىش مىنىڭچە ئۇنچە تەس ئەمەس ،«سىپىنسون ئائىلىسى» دېگەن كۆپ قىسىملىق كارتۇن فىلىمىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى چۈشىنىش مىنىڭچە ئۇنچە تەس ئەمەس ، بۇنى «ياشاش مەسلىسى»»گە بىرلەشتۇرۋالغاندا چۈشەنمەك بىر ئاز تەسلىشىدۇ .

بىز ۋاقتىنچە خارۋاردنىڭ جەمىئەتتىكى ئىناۋىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، قىزغىنلىق كەم بولىۋاتقان كەيپىياتنى يىغىشتۇرۇپ سىلەر سورىغان مەسلە ئۈستىدە ئىزدىنەيلى .

مىنىڭچە سىلەر ئەنئەنىۋىي مەنىدىكى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىشىنى ئويلاشتىن باشقا يەنە ھاياتىڭلارنىڭ قىممىتىنى تىپىپ ياشاشنى ئويلاۋاتىسىلەر . بىراق سىلەرگە « بىلىق »ۋە «ئېيىق تاپىنى»نىڭ قانداق قىلىپ چوڭىيىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس .بىر جەمەتنىڭ قولىدا تۇرىۋاتقان بىر داڭلىق شىركەتنىڭ تەمىنلەيدىغان سانى ماكرو جەھەتتىن سىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى  دەسلەپكى مائاشىڭلار پەقەت سىلەرنى روھىي جەھەتتىن تەسكىن تاپقۇزىدۇ . سىلەر بۇنى بىلەمسىلەر – يوق ؟

سىلەر يەنە نېمىدىن ئىنسىرەيسىلەر ؟بۇ يەرگە بىز ئىگە تۇرساق .سىلەر بۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بىز سىلەرگە شۇندادق دىيەلەيمىزكى:«سىلەر كەلگۈسىدە باشلىق بولىدىغان ئەڭ ياخشى نامزات ،سىلەر ئامىرىكا خەلىقى سىلەرگە تايانغىدەك بىر مۇھىم شەخىس بولالايسىلەر، ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئادەم بولۇپ ، دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيسىلەر..بىز سىلەرنىڭ دۇلدۇلغا ئايلىنىشىڭلارنى كۈتىمىز . سىلەر بىزنىڭ بۇ ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قىلغىنىڭلار تولىمۇ ياخشى بولدى ؛ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق جەمىئەتتىكى خىزمەت پۇرسىتىڭلارغا ئاساس سالدىڭلار ؛داۋاملىق تەرەققىي قىلىشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ ، بۇ پلانىتقا بولغان كۆڭۈل بۆلىشىڭلارنى ئىپادىلىدىڭلار؛ بۇ يىل زۇڭتۇڭ سايلاش سايلىمىغا قاتنىشىپ سىلەر ئامىرىكا سىياسىتىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمىد قىلدىڭلار .

سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى نۇرغۇنىڭلار چوقۇم يەنە سورىشىڭلار مۇمكىن ،«قانداق قىلىپ قىممىتى بار ئىش بىلەن كەسىپنى بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟چوقۇم مائاشى بار لېكىن قىممىتى يوق خىزمەت ۋە ياكى مائاشى يوق قىممىتى بار خىزمەتنىڭ قايسىسىنى تاللاش كېرەك ؟ئەگەر بۇ تاق تاللاش سوئالى بولسا سىز قايسىسىنى تاللايسىز ؟»

سىلەر سوئالنى مەندىن سوراش بىلەن بىللە يەنە ئۆزەڭلەردىن سوراپ بېقىڭلار ،قىممەتنىڭ قارشىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى زادى نېمە ؟سىلەر ئىككى مەھسۇتلارنى ئۆز –ئارا سىلىشتۇرۇپ بېقىڭلار ،ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ئىتراپ قىلماي قالمايسىلەر .سىلەر ھاياتىڭلارنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتىسىلەر ، بۇ نۇقتتىدا ئۆزەڭلار قارار چىقارمىساڭلار بولمايدۇ . بىر يول تاللايسىلەر ، خىزمەت قىلىش ، بىر ساھە ياكى تەتقىقات تېمىسى ، ھەربىر تاللاش « ئېرىشىش » ياكى « يوقىتىشش »تىن دېرەك بېرىدۇ .ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ . سىلەر مەندى سورىغان بۇ بىر نەچچە مەسلە « يوقىتىش » بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،سىلەر بىر يولنى تاللىغان ئىكەنسىلەر چوقۇم بەزى نەرسىلەرددىن ۋاز كىچىشىڭلار كېرەك .

ئىقتىساد ، ۋال – سىترىت كوچىسى ،«خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنىش»ئاللىبىرۇنلا قورشاۋ شاھمەتنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلاندى ، بۇ بىزنىڭ بىر كەسىپنى تاللاپ بارا- بارا ئىچكىرلەپ مىڭىشىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ .بۇ مەيلى بۇرۇن بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن سىلەر يۇزلىنىدىغان ئەمەلىيەت . ئەگەر سىز مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز مەكتەپ پۈتتۇرگەندىن كېيىن سىز بىر تۇتقۇنى تۇتۇپ خىزمەتت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ ، شەخسىي دوختۇر بولامسىز ياكى مەخسۇس دوختۇرمۇ ؟ ئەگەر سىز قانۇن ئۆگەنگەن بولسىڭىز سىز بىر شىركەتتە قانۇنىي مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلەمسىز ياكى خەلىق ئۈچۈن ئادىل ئىش قىلىپ بېرەمسىز ؟ۋە ياكى « ئامىرىكا مائارىپى» پىلانىغا قاتنىشىپ ئىككى يىل خخزمەت قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن قايتا ئويلىشامسىز ؟سىلەرنىڭ نېمىدىن ئەندىشە  قىلىدىغىنىڭلار ماڭا ئايان ،سىلەر تولۇق بولغان قىممەت ياراتماقچى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇۋاپىقىيەت قازانماقچى .سىلەرگە ئايان ، مائارىپنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سىلەرنى ئادەم قىلىپ تەربىيلەشلا بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى سىلەرنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىشىڭلار ئۈچۈن ، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن . شۇڭلاشقا سىلەر بۇنى قانداق قىلغاندا ئەمەلگە ئاشۇرگىلى بولىدۇ دېگەننى ئويلاڭلار .

سىلەرنىڭ ئەنسىرەيدىغان ئىككىنچى مەسلەڭلار بىلەن بىرىنچى مەسلىنىڭ ئازراق بولسىمۇ مۇناسىۋىتى بار لېكىن ئانچە ئوخشاشلىقى يوق .سىلەر بەخىتلىك ياشاشنى ئۈمىد قىلىسىلەر ، سىلەر « ئاكتىپ پىسخولوگىيە »ۋە «بەخىت ئىلمى» دەرسگە توپ –توپ بولۇپ مىڭىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا بارغۇ دەيمەن ، بۇ دەرسىنىڭ نومۇرى «پىسخولۇگىيە 1504».بىراق سىلەر قانداق قىلساڭلار بەخىتكە ئېرىشەلەيسىلەر ؟بۇ يەردە مەن بۇنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بېرىمەن : قېرىش .ماڭا ئوخشاش موشۇ ياشقا كىرگەن ئادەم ئەلۋەتتە ئۆزىنى ياشلارغا قارىغاندا بەخىتلىك سىزىدۇ. بىراق سىلەرنىڭ بۇ جاۋابنى كۆرۈشكە بەلىكم قىزىقماسلىقىڭلار مۇمكىن .

سۆھبەت جەريانىدا مەن ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ،سىلەر يۈزلەنمەكچى بولغان تاللاشنى ئېيتتىم . مەن سىلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت ۋە بەخىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىككىلىنۋاتقانلىقىڭلارنى گىپىڭلاردىن بىلدىم .بەلكىم مەن ئېنىق قىلىپ قانداق قىلغاندا مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ ھەقىقىي بەخىتنى قولغا كەلتۇرگىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىسەم تىخىمۇ ياخشى بولار . سىلەر ئىش ھەققى ھەممىدىن يۇقىرى خىزمەتنىڭ ئادەمنى ئەڭ رازى قىلىدىغان ۋە قىممىتى بار بولىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن ئەنسىرەيسىلەر .بىراق سىلەر يەنە سەنئەتكار ياكى ئارتىس بولۇشتىن ،خەلق خىزمەتچىسى ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇپ قانداق ياشاپ كىتەرمىز دەپمۇ ئەندىشە قىلىسىلەر ؟سىلەر ئىلگىرى ئويلاپ باققان بولىشىڭلار مۇمكىن ، ئەگەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز خەۋەر ساھەسىدە بولسا سىز قانداق قىلىپ بۇ ئارزۇيىڭىزغا يىتەلەيسىز ؟ ئەجىبا سىز شۇنچە يىل ئوقۇپ ، شۇنچە مەكتەپ پۈتتۇرۇش ماقالىلىرىنى يېزىپ ، ئاخىرىدا بىر ئىنگىلىزتىلى پروففىسۇرى بولماقچىما ؟

جاۋابى: سىز سىناپ باقماي ھىچنىمىنى بىلمەيسىز . ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئىشنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز ، قانداقلا بولىشىدىن قەتئىنەزەر مەيلى بىئولوگىيە ، مەيلى ئىقتىساد ، مەيلى باشقا نەرسە بولسۇن ، ئەگەر ئۆزىڭىز ئىچىڭىزدىن چىقىرىپ قىزىقمىسىڭىز ئۇنىڭ ھىچقانداق قىممىتى بولمايدۇ ، ئاخىرىدا پۇشايمان قىلىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز .ھايات يولى ئۇزۇن ھەم مۇشەققەت ،سىز ھامان ئۆزىڭىزگە چىكىنىدىغان يول قويۇپ مىڭىشىڭىز كېرەك .بىراق بىر باشلىنىشىدىنلا چىكىنىدىغان يولدا ماڭماڭ.

مەن بۇنى ئۆزەمنىڭ «ماشنا توختىتىش » قائىدەمگە ئوخشىتىمەن ، بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان مەن ئىزچىل بۇ قائىدىنى ئوقۇغۇچىلارغا تەشۋىق قىلىۋاتىمەن .نىشانلىغان جايغا بېرىپ ماشنا توختىتىش ئورنى تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەپ نىشانلىغان جايدىن 200 مىتىر كىلىدىغان يەرگە توختىتىپ قويغانغا ئوخشايدۇ .

سىز بەلكىم مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىدىغانسىز ، بەلكىم ئىقتىسادقا ياكى مالىيە باشقۇرۇشقا مەسلىھەت بېرىشكە ،ھەممىسى سىزگە ماس كىلىشى مۇمكىن  . بەلكىم ھەقىقەتەن سىزگە ماس كىلىشى مۇمكىن .بەلكىم مەن بىر ئوقوغۇچىلار ياتىقىدا ئامىرىكىنىڭ  غەربىي دىڭىز قىرغىقىدىن  يۈز تۇرانە ئىنتىھانغا قاتنىشىپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىدىن  نېمىشقا بۇ خىزمەتنى قىلدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا ئۇ :« مەن ئايرۇپىلانغا ئولتۇردىغانغا ، ياتاقتا ياتىدىغانغا بەك ئۆچ ، مەن بۇ خىزمەتنى ياخشى كۆرمەيمەن .»دىگەنلىكى يادىمدا .ئۆزى ياخىشى كۆرىدىغان خىزمەتنى قىلىش ياخشى .ئەگەردە سىز بىر كۈندىكى نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىز خالىمايدىغان ئىشقا سەرىپ قىلسىڭىز ، سىز بەخىتنى ھېس قىلالامسىز؟

مەن بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغان ئەڭ مۇھىم نەرسە شۇكى – سىلەر ئۇ سوئالنى ئەسلى مەندىن ئەمەس بەلكى ئۆزەڭلاردىن سورىساڭلار توغرا بولىدۇ .سىلەر ھازىر كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تاللاشقا دۇچ كىلىۋاتىسىلەر ،سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ زادى قانداق ياشىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟بەلكىم ئالدىڭلاردىكى يول سىلەرنى سىلەر يەتمەكچى بولغان مەنزىلگە ئاپىرالماسلىقى مۇمكىن .مەلوم جەھەتتىن ئالغاندا ، بۇمۇ ياخشى ،مەن بۇلارنىڭ بىزنىڭ خاتالىقىمىز بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .بىز ئەزەلدىن ھايات يولىنى كۆرسىتىپ سىلەرگە سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلارنى ھېس قىلدۇرىمىز ، سىلەرنىڭ قانداق بەخىتكە ئېرىشكىڭلار بارلىقىنى تەپەككۇر قىلىمىز ،بۇ جەمىئەتتە قانداق قىلسا قىممەت يارىتالايدۇ دىگەننى ئويلايمىز .مەزمۇن ۋە تىل سىلەرگە بىر خىل تەپەككۇرنى ئۆگىتىدۇ .ئۇ ھەرقانداق ئىشنىڭ كەينىدىكى قىممىتىنى كۆزىتىدۇ ۋە ئىنىقلىما بېرىدۇ .ئۇ سىزنى دائىم ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان ۋە تەھلىل ئىلىپ بارىدىغان ئادەم قىلىپ يىتىشتۇرىدۇ .مانا مۇشۇنداق تەربىيلەنگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ھازىرىنى ۋە كەلگۈسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ . مەزمۇن ۋە تىل ئۆزىنىڭ يىزىق شەكىلدە ئىپادىلىنىنشىدىن پايدىلىنىپ سىلەرگە ئەركىنلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ .قىممىتى بار ھەم بەخىتلىك بولالايدىغان ، ئۆزىڭىزنى نامايان قىلالايدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە يەتمەكچى بولغان نىشان .ھازىردىن باشلاش كېرەك .ھازىر بىزنىڭ سىلەرگە بولغان ھىسىياتىمىز بولسا سىلەرگە ھەددىدىن زىيادە تەلەپنى يوقىرى قويۇش ،سىلەرمۇ بۇنى ھېس قىلغانسىلەر ئەتىمالىم . ئەگەر ئۆزەڭلار بىر ئىشنى قىلىشنى خالىغان بولساڭلار ۋە بۇ ئىش دۇنياغا نىسبەتەن ئازراق بولسىمۇ قىممىتى بار بولسا ، سىلەر ئەنە ئاشۇ نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار .

مەن سىلەرنىڭ ئاخىرىدا قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىڭلارنى كۆرەلەيمەنمۇ يوق ، بۇنىسى نامەلوم . مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ يەنە مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .بىز سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى چۈشىنىمىز.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى