تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالى مۇندەرىجىسى

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالى مۇندەرىجىسى

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 1241 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالى مۇندەرىجىسى

  1 .يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماسى( خەت نۇسخىسى) 


(1) كارخانا باياناتى
 (2) كارخانىلارنىڭ ئاساسىي شارائىتى ۋە ئىلتىماس قىلماقچى بولغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى جەدۋىلى 
(3) كارخانىلارنىڭ ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى (قوشۇمچە تۈزەش قۇرۇلما ئىسخېمىسى) 
(4) كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، پىششىقلاش سورۇنغا ئالاقىدار ئەھۋاللار
(5) كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكەن ئاساسلىق ئۈسكۈنە ، ئەسلىھە كۆرسىتىش جەدۋىلى 
(6) كارخانىنىڭ ھوقۇقلۇق ئىشلەتكەن ئاساسلىق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ، ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرسىتىش جەدۋىلى 
(7) كارخانىدىكى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىملار ، تېخنىك خادىملارنى كۆرسىتىش جەدۋىلى
 (8) كارخانىلارنىڭ خام ئەشيا ، ئوراش-قاچىلاش ماتېرىياللارنى كۆرسىتىش جەدۋىلى

 (9)كارخانىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈم تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ يېزىقچە ماتېرىيالى 


 2  . قانۇنى ۋەكىل ، مەسئۇل خادىم  ياكى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ياكى سالاھىيەت ئىسپاتى  كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ؛


3.يېڭى تەسىس قىلىنىدىغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئۈچۈن «نامىنى ئالدىن تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشنامىسى كۆپەيتىلمىسى ياكى بېكىتىلىپ بولغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنڭ قانۇنلۇق تىجارەت كىنىشكىسى ۋە  ئورگان كېنىشكىسىنڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ؛ كىنىشكا ئالماشتۇردىغان  كارخانىلارنىڭ «يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى» نڭ ئەسلى ۋە قوشۇمچە نۇسخىسى بولۇش ؛


4. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ، پىششىقلاش سورۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تەكشلىك كۆرۈنۈش چېرتيوژى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ، پىششىقلاش رايونلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى (ئۆلچىمى ۋە يەر مەيدانى قاتارلىق ئاساسلىق پارامېتىر) ؛ 

5 . يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تېخنولوگىيەلىك تەرتىپ ئىسخېمىسى ۋە ئۈسكۈنە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىسخېمىسى


 6 . مەھسۇلات ئىجراسىغا مۇناسىۋەتلىك  يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ؛ كارخانا ئۆلچىمى ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغان كارخانا ئۆلچىمى ۋە يەرلىك سۈپەت نازارەتچىلىك تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ؛


 7 . ئەمەلدىن قالدۇرغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە ئىجازەتنامە بېرىلمىگەن كارخانغا يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىش پىكىرى ، قوشۇمچە ناھىيە (شەھەر) (رايون) سۈپەت نازارەتچىلىك ئىدارسىنڭ سېلىشتۇرۇش ئېتىراپنامىسى (بېجىرگۈچى خادىم ئىمزا قويۇشى ھەمدە تامغىسى بېسىلغان بولۇشى) مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ماتېرىيالى  


8. دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى  مەھسۇلات بولسا ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىڭ  كەسىپ سىياسىتى ئىسپات ھۆججىتى ؛


 9. ھاۋا ساپلاشتۇرۇش دەرىجىسى،  تەكشۈرۈش دوكلاتى 


 10. 2006- GB5749 بويىچە تەكشۈرۈلگەن سۇنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى (تۇرۇبا سۈيى ئىشلەتمەيدىغان كارخانىلار تەمىنلىشى ) ،تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدىغان  كارخانىلار ئىچىملىك سۇ شىركىتىگە تۆلىگەن سۇ ھەققى تالون-ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپەيتىلمىسى 


 11.خام ماتېرىياللار ، يېمەكلىك خۇرۇچى ، يېمەكلىك ئوراش-قاچىلاش ماتېرىياللىرىنىڭ سېتىۋېلىش توختامى ۋە ئۇنىڭ ئىجازەتنامىسى ۋە مەھسۇلات تەپسىلاتى قوشۇمچە كۆپەيتىلمىسى. (كارخاندىكى ئاساسلىق خام ئەشيا ، ئورام ماتېرىيالى جەدۋىلى تەرتىپ بويىچە قىسىپ قويۇلىدۇ )


 12 . لابورانت (2 نەپەر) تەكلىپ قىلىش ئەمگەك توختامى ۋە مۇناسىپ تەكشۈرۈش تۈرىگە ئالاقىدار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ؛ 


13 . يېمەكلىك چۈشەندۈرۈشى كۆپەيتىلمىسى (يېڭى كارخانىلار ئاق چۈشەندۈرۈشى كۆپەيتىلمىسى) ؛ 


14. ئىجازەت تەپسىلىي پرىنسىپدا بەلگىلەنگەن باشقا ئىسپات ، ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. (يەر ئىشلىتىش ئىسپاتى،  ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش تالونى، ھۆججەت ، ئىسپات ياكى ۋەدىنامە )





بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى