يېڭىش
يانفوندا كۆرۈش
ئېلاۋە : شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى جىك ۋېلىچنىڭ يېڭىش ناملىق كىتابىنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ كەڭ كارخانچى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى . دىلدوسىت يانبىلوگىدا چاتما شەكىلىدە ئېلان قىلىنىدۇ .
كىرىش سۆز
"كۈندە بىر يېڭى مەسىلە بار"
2001-يىلى،مەن خىزمەتتىكى بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ ئۆز تەرجىمھالىمنى تاماملىدىم، ئۇ بىر قېتىملىق قىزىقارلىق ھەم مۈشكۈل بىر كەچۈرمىش.ئۇنىڭدىن كېيىن،مەن ئەمدە كىتاب يازمايمەن دەپ قەسەم قىلغان ئىدىم.
بىراق مېنىڭچە يەنە يېزىپ قىلىشىم مۇمكىن.
مۇبادا بۇ كىتابقا باھانە تېپىش زۆرۈر بولۇپ قالسا،ئۇنداقتا ئىجادىيەت ئوي-پىكرى مېنىڭ كاللامدىن چىقمىغان،بەلكى باشقىلار ماڭا بەرگەن.
بۇنى بىر پېنسىيە سوۋغىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ.GE دىن ئايرىلغاندىن كىيىن،مەن تۈمەنلىگەن قالتىس كىشىلەرنى ئۇچراتتىم،يەنى ئۇلار ھاياتىي كۈچكە تولغان،قىزىشقا باي،ھازىرقى ئەھۋالىدىن قانائەتلىنىپ ئولتۇرمايدىغان،سودا تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەر.بۇ كىشىلەر ماڭا بۇ سوۋغاتنى بەردى،ماڭا نۇرغۇنلىغان غەلىتە سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇلار رازى بولغىدەك جاۋاب بېرىش ئۇچۇن،مەن چوقۇم ئۆزۈم بىلىدىغان نەرسىلەرنى ئېنىق رەتلەپ،يېزىپ چىقىپ،ھېكايىنى باشقىلارغا سۆزلەش،بۇ كىتاب دەل مۇشۇنداق مەقسەتتە،سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا پەيدا بولدى.
كىشىلەر 2002~2001 تۇنجى قېتىم ماڭا شۇ سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان،ئۇ چاغدا مەن ئۆز تەرجىمىھالىمنى تارقىتىش ئۇچۇن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەشۋىق قىلىۋاتاتتىم.نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ GE غا چەكسىز مۇھەببىتى بارلىقنى كۆرۈپ،ناھايىتى خۇشال بولدۇم.مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن،نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا ئۆزىنىڭ،ھەتتا ئاكا-ئىنى،ئاچا-سىڭللىرىنىڭ،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ شىركەتتە ئىشلىگەنلىك ھېكايىسنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ ھېكايىلەردىن باشقا،مەن يەنە ناھايىتى ئەجەبلەنگەن ھالدا كىشىلەرنىڭ قانداق قىلغاندا سودىنى ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى جىددىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆردۈم.تېلېفون سۆھبىتىدە،بىرسى مەندىن GE نىڭ نەتىجە باھالاش تۈزۈلۈشىنى تونۇشتۇرۇشمنى،خادىملارنىڭ خىزمىتىنى ئۇچ خىل نەتىجە تۈرىگە قانداق بۆلگەنلىكنى ھەم مۇناسىپ جازا مۇكاپاتلارنى بەرگىنمىزنى بىلگۈسى بارلىقنى تەلەپ قىلدى.ھەم ئىمزا قويۇپ كىتاب سىېتۋىلىش مۇراسىمغا قاتناشقان كىشىلەر مەن ئىلگىرى ئېيتقان ئادەم كۈچى بايلىقى مەسئۇلى كەم دېگەندىمۇ ئۇلار بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دېگەن گېپمنىڭ مۇبالىغە ياكى ئەمەسلىكنى بىلىشنى ئۈمىد قىلدى.چىكاكودىكى ئالىي مەكتەپنىڭ سودا سانائەت ئىنستىتۇتىدىكى چېغمدا،ھىندىستاندىن كەلگەن بىر MBA كۇرسانتى مەندىن ھەقىقىي كۆرۈنەرلىك نەتىجە باھالاش نەتىجسنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مۇكەممەل چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى.
تەشۋىق قىلىپ قايتقاندىن كېيىن،سوئال سوراش دولقۇنى تېخى يوقالمىدى.مەيلى ئايرودۇرۇمدا،مەيلى لىفىتتا،ياكى ئاشخانىدا بولسۇن،خىلمۇخىل سوئاللار داۋاملىق مەن تەرەپكە كەلدى . مەسىلەن بىر كۈنى مەن دېڭىز ساھىلدا ئارام ئېلۋاتسام،كىم بىلسۇن بىرەيلەن سۇدا ئۈزۈپ كېلىپ،ئۆزىنىڭ ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنغان تىجارەت پۇرسىتى بارلىقنى،مېنىڭ قانداق قاراشتا ئىكەنلىكمنى سورىدى.بىراق كۆپ قىسىم سوئاللار يەنىلا مەن 2005~2002 قاتناشقان،تەخمىنەن 150 مەيدان مۇلاھىزە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نيۇيۇرۇكتىن شاڭخەيگىچە،مىلاندىن موسكىۋاغىچە،بۇ يىغىننى ئاڭلىغۇچىلار سانى 5000~30 يەتكەن.ئادەتتە مەن رىياسەتچى بىلەن سەھنىدە ئولتۇرۇپ،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپتىن كەلگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بىرىمەن.
بۇ سوئاللارنى خىلمۇخىل دېيىشكە بولىدۇ،بۇلار جۇڭگودىن كەلگەن رىقابەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش،قابىليتى كۆزگە كۆرۈنگەن،بىراق ئاۋارىچىلىك تىېپىشنى ياخشى كۆرىدىغان خادىملارنى قانداق باشقۇرۇش،ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى قانداق ئىزدەش،سۈپەت باشقۇرۇش تۇزۇمنى ياخشىلاش پىلانىنى قانداق يولغا قويۇش،مۇنەۋۋەر سودا كوللېكتىپنى قانداق قۇرۇش،مۇرەككەپ سودا مۇھىتدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى قانداق ئۈستىگە ئېلىش،سېتۋىلشقا قانداق تاقابىل تۇرۇش دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەنە بەزىلەر،مۇبادا مېنىڭ خىزمەت نەتىجەم كۆرۈنەرلىك بولسا،بىراق خوجايىنم دائىم كۆرمەسكە سالسا،مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟مۇبادا پۈتۈن شىركەتتە مەنلا ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۆرىيتى بار دەپ قارىسام،مۇبادا مەن شىركەتنىڭ مۆلچەر يوچۇقلىرىنى بايقىسام،مۇبادا مەن بىر خىل يېڭى مەھسۇلاتنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلسام،بىراق باش ئىشتاب ماڭا يېتەرلىك ھوقۇق ھەم بايلىق تەمىنلەپ بەرمىسە....مەن يەنە قانداق قىلىشىم كېرەك.
بەزى مەسىللەر،مۇبادا مەن شىركەت دىرېكتورلىرىنىڭ گەپ قىلىشنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكنى بايقسام؛مۇبادا مەن مەلۇم خىزمەتچىگە ئامراق بولسام بىراق ئۇنىڭ نەتىجىسى باشتىن-ئاخىر كۆڭۈلدىكدەك بولماي،ئۇنى چوقۇم ئىشتىن بوشىتىش توغرا كەپ قالسا؛مۇبادا مەن ئۆز تەشكىلاتىمغا يېتەكچىلىك قىلىپ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان كىرىزىس ئەھۋالىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ قالسا،مەن نېمىلەرنى قىلشىم كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە،بالىلارنى تەربىيەلەشكە ئالاقىدار سوئاللار،كەسپىي ھاياتىنى پىلانلاشقا ئالاقىدار سوئاللار،ھەم باشقا بارلىق مۇمكىنچىلىكى بار سوئاللار. مەسىلەن گولف توپ ئويناش،ئۆي بېزەش،پىيادە ، مارافون ئارقىلىق ئىئانە توپلاش قاتارلىق. ئۇنىڭدىن باشقا،يەنە قانداق قىلغاندا باشقىلاردا دۈشمەنلىك نەزىرىنى پەيدا قىلماي ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دېگەن سوئاللار. ماكرو ئىقتىساد يۇزلىنشى،يېڭى راۋاجلانغان كەسىپ ھەم پېرېۋوت نىسبىتى تەۋرىنىش مەسىلىلىرى قاتارلىقلار.
كونكرېت مەسىللەر ناھايىتى كۆپ،بىراق كۆپ قىسىم مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر جۈملە سۆزگە يىغنچاقلىغلى بولىدۇ:
قانداق قىلغاندا يەڭگىلى بولىدۇ؟
بۇ دەل مۇشۇ كىتابتا سۆزلەيدىغان باش تېما- يېڭىش. بەلكىم يەنە باشقا تېملار مەندە يەنە بىر كىتاب يېزىش قىزغىنلىقنى قوزغىماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى مەن يىڭشنى پەقەت "ياخشى" دەپلا قارىمايمەن،بەلكى ھەقىقىي بىر "ئۇلۇغ" ئىش دەپ قارايمەن.
سودا تۇرمۇشىدا يېڭىپ چىقىش بىر ئۇلۇغ ئىش. چۈنكى شىركەت پايدا ئالغان چاغدا كىشىلەرمۇ ئالغا باسالايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىنڭ ھەر بىر خىزمەتچىسگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىزمەت پۇرسىتى ھەم ئىجادىيەت پۇرسىتى بولىدۇ،ئۇلار كەلگۈسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولغان،باللىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقىدەك پۇلى بار،تېخىمۇ ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ،تەتىل ئۆتكۇزىدىغان داچىلارنى سىتۋالالايدۇ،پېنسىيە تۇرمۇشىمۇ تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئېرىشەلەيدۇ.كارخانا پايدىسى ئارقىلىق ئۇلار يەنە جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش پۇرسىتگە ئېرىشەلەيدۇ.چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ھەم پۇلنى ئىللىقلق يەتكۈزۈش ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلالايدۇ.يېڭىش نەتىجىسى ئەتراپتىكى بارلىق كىشىلەرگە پايدا ئىلىپ كېلىپ،دۇنيانى تېخىمۇ گۇزەللەشتۇرىدۇ.
ئەكسىچە،كارخانا زىيان تارتقان ياكى مەغلۇپ بولغان چاغدا،ھەممە ئادەم زەربىگە ئۇچرايدۇ.كىشىلەرچۇشكۇنلىشىپ كېتىدۇ،شەخسىي مال-مۇلۇكمۇ كىمىيشكە باشلاپ،باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغان ئىشلار،ۋاقىت،پۇل دېگەنلەرمۇ چەكلىك بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار قىلغان ئىشنى ئۆيدىكلىرىنى غەم ئەندىشدە قويىدۇ،ئۇلارنى ئەنسىرتىدۇ.يەنە مۇبادا ئىشسىز قالسا،ئۇلار دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان باجلارنىمۇ ناھايىتى تەستە تاپشۇرىدۇ.
بۇ يەردە ئاددىي قىلىپ باجنى سۆزلەيلى،ياكى ھۆكۈمەت خىزمەت مەسىلىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ سۆزلەيلى.
ئېنىقكى،ھۆكۈمەت جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. مۇھىم بىر نۇقتا،ھۆكۈمەت ھەممىمىزنى قوغدايدۇ،چۈنكى مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن،دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز بولغان ئۇرۇشلار توختىماي كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ھۆكۈمەتنىڭ قىلدىغنى پەقەت بۇلا ئەمەس، ئۇ يەنە ئەدلىيە،مائارىپ،جەمئىيەت ئامانلىقى،ئوت ئۇچۇرۇش،تۆمۈر يول،پورت،دوختۇرخانا قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى كېرەك،بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق مۇلازىمەتلىرىنىڭ مەلۇم شەكىلدىكى باجنىڭ قوللىشغا موھتاج ئىكەنلىكنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى پۇل تاپمايدۇ،ئۇ ئىقتىساد ئۆسۇش ماتورىغا ياردەم بىرىدۇ،بىراق ئۆزى ماتورلۇق رولىنى ئوينىيالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە،يېڭىپ چىققان كارخانا ھەم خىزمەتچىلىرى ئاندىن ساغلام دۆلەت ئىقتسادىنڭ موتورى. ئۇلار ھۆكۈمەتكە باج تەمىنلەپ بېرىپ،ئەركىن ھەم دېموكراتىك جەمئىيەت ئاساسىنى قۇرۇپ چىققان. شۇڭلاشقا مەن يېڭىپ چىقىشنى ئۇلۇغ دەيمەن.
تەبىئىيكى،كارخانا يېڭىش ۋاستىسنى چوقۇم ئوچۇق-ئاشكارا دەپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجتى يوق،يەنى بۇلار ئالدىنقى شەرت.ھىلقىدەك ئادالەتسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق يىڭشنى قولغا كەلتۈرگەن شىركەت ھەم كىشلەرنىڭ يەڭدىم دېيىشكە سالاھىتى يوق.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،شىركەت ئىچكى قىسىم باشقۇرۇشى ھەم ھۆكۈمەت نازارىتنىڭ توختىماي مۇكەممەللىشىشگە ئەگىشىپ،ھىلقىدە ئەسكى ئەبلەخلەر ئاشكارلىنپ،سودا ساھەسىدىن قوغلاپ چىقرلىدۇ.
بىراق سەمىمىي شىركەت ھەم سودىگەرلەرگە نىسبەتەن،يەنە چوقۇم قانداق يېڭىش يوللىرىنى تېپىپ چىقىش لازىم.بۇ كىتاب دەل ئۇلارغا يول كۆرسەتكۇچ.
قوشۇپ قوياي،بۇ كىتاب ھەرگىز شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلام دىرېكتورلىرى ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلمايدۇ.ئەلۋەتتە،مۇبادا ئۇلار بۇ كىتابنى ياردىمى بار دەپ قارىسا،ئۇنداقتا مەن ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كىتمەن.بۇ كىتاب ئاساسلىقى كەسىپنىڭ بىرىنچى لىنيسىدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئۇچۇن،يەنى كىچىك كارخانىچلار،ئوتتۇرا قاتلام دىرېكتورلار،سىخ مۇدىرى،تىخنك ئىشچىلىرى،ئۆزىنىڭ بىرىنچى خىزمىتىنى ئىزدەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى،كەسپىي ھاياتنى ئويلاۋاتقان MBAئۇلار ھەم يېڭى شىركەت قۇرغۇچىلىرى ئۇچۇن ئىجاد قىلىنغان . بۇ كىتابنى يىزىشمدىكى ئاساسلىق مەقسەت يۈكسەك ئىرادىسى بار،غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇچۇن. مەيلى ئۇلار قايسى خىلدىكى تەشكىلاتتا خىزمەت قىلسۇن ئوخشاش.
سىز بۇ كىتابتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھېكايىسنى كۆرسىز،بەزىلىرى سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ سايىسنى كۆرسىتىدۇ،بەزىلىرى سىزگە ئوخشاشتەك تەسىر بىرىدۇ.
بىر CEO شىركەت ئۇچۇن يۈكسەك بولغان قىممەت ئىدىيەلىرىنى بېكىتىپ بەردى. يەنى ئېسىل پەزىلەت،خېرىدارلار مۇلازىمىتى،شەخسنى ھۆرمەتلەش قاتارلىقلار،بىراق ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيتنى چۈشەندۈرۈپ باقمىغان.بىر ئوتتۇرا قاتلام دىرېكتور بۇ شىركەتنىڭ باشقا بۆلۈمىدە يىغىن ئىچۋاتقان چېغىدا،ئاچىقلىنىپ كەتتى.چۈنكى ئۇ پەقەت خىزمەتداشلىرى كۈلكە چاقچاقنى ئازراق قىلسىلا،تېخىمۇ كۆپ ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدىغانلىقنى بايقىدى. بەزى خىزمەتچلەرنىڭ نەتىجىسى ئۇدا تۆۋەنلەۋاتىدۇ،بىراق كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلسى ياخشى،ئۇنى كەتكۇزۋىتشكە تېخى كۆزىڭىز قىيمايدۇ.بەزى خىزمەتداشلىرىڭىز سىزنى ئۇنىڭغا قاراشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ،چۈنكى ئۇ خۇددى"ئۆسۈملۈك ئادەم" دەك ھەرىكىتى ئىنتايىن ئاستا،ئۇنىڭ رەھبىرى بولۇشمۇ كىشىنى ئازابلايدۇ.يەنە ھەر كۈنى "يوقالغان كوللېكتىپ" ئۇستىلدە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان كىشىلەر دائىم شىركەت ھەم رەھبىرىگە ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارايدۇ. بىر ئىژىنىر 15 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا قېتىرقىنىپ ئىشلەپ،تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۆز خىزمىتى ھەم تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنمۇ ھەم ئۆزگىنمۇ ئالدايدىغانلىقنى تونۇپ يەتتى،ئۇ ئۆزىدىن باشقا ھەممە كىشىلەرنى رازى قىلاتتى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەتىئي نىيەتكە كېلىپ،ھەممىنى قايتىدىن باشلىدى.
ئەلۋەتتە،سىز يەنە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۇچىرايسز،ئۇلار ئىجاكارلىق،ئەقىل-پاراسەت ھەم چىدامچانلىقنىڭ ئۇلگىسى.
مەسىلەن بەيشېڭ يېمەك-ئىچمەك گۇرۇھىنڭ ياش CEO سى دەيۋىي،ئۇ بەيشېڭ شركىتنى 33000 دىن ئارتۇق زەنجىرسىمان ئاشخانىسى بار يېڭى تىجارەت ئىدىيەسىدىكى تەجىرىبخانىغا ئايلاندۇرۇپ،بارلىق تەشكىلاتنى ئۆگۇنۇش ماشىنىسىغا ئايلاندۇردى. يەنە مەسىلەن مۇكەممەل ئىنقلاپچى دەنيسې،ئۇ ئەزەلدىن قانائەتلىنپ باقمىغان،قىزغىنلىقى دائىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.جىمي دوستانىلقى،ئارزۇسى ھەم ھەر قانداق ئىشتىن باش ئەگمەيدىغان پوزىتسىيەسى ئارقىلىق،دۇنيا سودا مەركىزىنڭ خارابىسىدىن ئۆز شركىتنى قايتا قۇرۇپ چىقتى. سۇسەن يەنى بىر ئىشلەيدىغان ئانا،GE نىڭ ئىككىنچى قول ئادەم كۈچى بايلىقى يۇقىرى قاتلام دىرېكتورى.ئۇنىڭ خىزمەت ھەم تۇرمۇش تەڭپۇڭلۇقنى ئىزدەش ھىكايىسدىن مۇكەممەل بىر كىتاب يېزىپ چىققىلى بولىدۇ.كېلىسې ئامېرىكا پولات تۆمۈر شركىتنىڭ CEO سى،ئۇ بىر زاۋال تاپقان شەھەرگە ياردەملىشىپ،شەكىل ئۆزگەرتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ بەردى. كېنيسې 3M شىركىتى جۇڭگو كەسپىنڭ مەسئۇلى،ئۇ ئەنئەنىۋىي شەكىلۋازلىق مۆلچەر باشقۇرۇش جەريانىنى چۆرۈپ تاشلاپ،شىركەتنىڭ تىز تەرەقىياتنى قولغا كەلتۈردى. ماكې GE دا دەرىجسنى تۆۋەنلىتۋىتش زەربىسگە ئۇچرىغان بولسىمۇ،بىراق ئۆز جاسارىتى،چىدامچانلىقى ھەم كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى ئارقىلىق،قايتىدىن ئۆسۇشكە ئېرىشتى.
يىڭشنى سۆزلىگەن چىغمىزدا،ئادەم ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل.شۇڭلاشقا بۇ كىتابتا نۇرغۇنلىغان ئادەملەرگە مۇناسىۋەتلىك ھىكايىلەر سۆزلىندۇ،يەنى ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرى،تېخىمۇ كۆپ سۆزلىندىغنى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى. بىراق بۇ كىتابتا ئاساسلىق مەزمۇن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى ھەم ئىدىيەنى ئۆزگەرتىدىغان مەزمۇنلار.
بۇنى كۆرۈپ بەلكىم بەزى ئوقۇرمەنلەر گۇمانلىنشى مۇمكىن.ئۇلار قانداق يېڭىش دېگەن بۇ تېمنى بەك ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ ئىكەن،قىسقىغنە 20 بابتا بۇنى چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولامدۇ؟ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. مەن بۇ كىتابتا قانچە كىشنڭ ئىدىيەسى سۆزلەنگەنلىكگە پەرۋا قىلمايمەن.
شۇنداق،قانداق يېڭىش بەك ئىنچىكە ھەم مۈرەككەپ،ئۇنىڭ قانچىلىك قىينلىقنى دېيىشنىڭ ھاجتى يوق.بىراق يەڭگىلى بولىدۇ. بىراق يىڭشنى ئويلىسڭىز ئالدى بىلەن قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كىرەكلىكنى بىلشڭىز كېرەك.
بۇ كىتابتا ھېچقانداق سېھرگەرلىك تەمىنلەپ بېرىلمىدى،ئەمەلىيەتتىمۇ بۇنداق سېھىر يوق.
بىراق بۇ كىتابنىڭ ھەر قايسى بابلىرى ئارقىلىق،مەن ئوقۇرمەنلەرگە بىر قىسىم ئەمەل قىلىش كېرەكلىك مىزانلارنى ،پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان قائىدىلەرنى،قوللىنشقا بولىدىغان پەرەزلەرنى ھەم ساقلانغىلى بولىدىغان خاتالىقلارنى سۆزلەپ بىرىمەن. "ئىستراتېگىيە" گە مۇناسىۋەتلىك بابتا "ئۇچ قەدەم مېڭىش" جەريانى تەشۋىق قىلىندى،مۇۋاپىق خىزمەتنى قانداق تېپىش كېرەك دېگەن بابتا ياخشى خىزمەت سىگنالى ھەم يامان خىزمەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى تونۇشتۇرۇلدى. يەنە بىر قىسىم باش تېملارنى سىز كىتابتا قايتا-قايتا ئۇچىرتىسز: ئەڭ ياخشى ماھىرلاردىن تەشكىل تاپقان كوللېكتىپ يېڭىپ چىقالايدۇ،شۇڭلاشقا سىز ئەڭ ياخشى ماھىرلارنى بايقىشڭىز ھەم ساقلاپ قىلشڭىز لازىم؛ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئويلاپ كېتىپ،ھەركەتىلىنشنى كىچىكتۇرۇپ قويماڭ؛مەيلى سىز قايسى بۆلۈمدە بولۇڭ،توختىماي باشقىلار بىلەن ئۆگۇنۇش تەجىربىلىرىڭزنى ھوزۇرلىنڭ؛ئاكتىپ ئالغا باسىدىغان پوزىتسىيەنى ساقلاڭ ھەم باشقىلارغا يۇقتۇرۇڭ؛مەڭگۈ ئۆزىڭىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى دەپ قارىماڭ.يەنە ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا خۇشاللىقنى ساقلاڭ.
شۇنداق،خۇشاللىقنى ساقلاڭ.
سودا قىلىش بىر ئويۇن خالاس،ئويۇندا يېڭىش دەل خۇشال بولىدىغان ئىش.
تەييارلىق خىزمىتى
تېكسىتقا كىرىشتىن ئاۋۋال،بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەم تەركىبلىرىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. پۈتۈن كىتاب 5 بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1 -بۆلەك "ئاساسىي قىسىم" دىيلىدۇ،ئاساسلىقى ئوقۇم خاراكتېرلىك مەزمۇنلار. بۇنىڭدىكى تىجارەت پەلسەپىلىرى ئەلۋەتتە كۆپ قىسىم سودىگەرلەرنىڭ بىر كۈندە ھەزىم قىلغان مەزمۇنىدىن كۆپ،ھەم ئېنىقلا ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا بىردەمدىلا يىغىنچاقلاپ چىققىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. بىراق مەن ئۆز تىجارەت ئۇسۇلۇمدا 4 ئاساسىي پىرىنسىپ بارلىقنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پۈتۈن كىتابنىڭ 1-بۆلەك قىسمىغا قويدۇم. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا،بۇ 4 ماددا پىرىنسىپ ئايرىم-ئايرىم:كۈچلۈك ۋەزىپە قارشى ھەم ئەمەلىي قىممەت قارشىنڭ مۇھىملقنى تونۇپ يىتىش؛تىجارەت ھەم باشقۇرۇشنىڭ ھەر قايسى ھالقىسدا مۇتلەق سەمىمىيلىك پوزىتسىيسنى ساقلاش؛نەتىجە باھالاش كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ،قابىلىيەتلىك تەشكىلات قۇرۇش؛ھەربىر ئادەمنى سۆز قىلىش ئەركىنلىكگە ھەم قەدىر-قىممەتكە ئىگە قىلىش.
2 -بۆلەك "شىركەت قانداق قىلغاندا يىڭەلەيدۇ"، مەزمۇنى تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسىم تۇزۇلۇشى ھەم مېخانىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى ئادەملەرنى،ئىش بېجىرىش جەريانىنى ھەم كارخانا مەدەنىيىتىنى. بۇنىڭدىكى بابلار رەھبەرلىك كۈچىگە،تەكلىپ قىلىش،ئۆزگەرتىشنى باشقۇرۇش،كىرىزىس باشقۇرۇش دېگەنلەرگە چىتلىدۇ.
"شىركەت قانداق قىلغاندا يىڭەلەيدۇ"دېگەندىن كېيىنلا،"رىقابەتنى قانداق يېڭىش"،تەشكىلات سىرتىدىكى دۇنياغا چىتلىدۇ.
3-بۆلەكتە،ئىستراتىگيە ئەۋزەللىكنى قانداق بەرپا قىلىش،ئەمەلىي قىممىتى بار مۆلچەرنى قانداق لايىھەلەش،ئورگانىك ئۆسۈپ يىتلىشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلار مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. مەن يەنە ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مەسىلىنى يەنى سۈپەت باشقۇرۇشنى ياخشىلاش پىلانىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندۇم.
4-بۆلەك "شەخسىي كەسپىي ھاياتىنى قانداق قىلغاندا يەڭگىلى بولىدۇ"،بۇ كەسپىي ھايات سەنئىتى ھەم سۇپتىگە چىتلىدۇ. ئالدى بىلەن مۇۋاپىق خىزمەتنى قانداق ئىزدەش توغرىسىدا،بۇ بىرىنچى خىزمەتنى تىپشنىلا كۆرسىتىپ قالماي،كەسپىي ھاياتىنڭ ھەر قانداق چىغدا مۇۋاپىق خىزمەت تىپشنى كۆرسىتىدۇ.كېيىنكىسى قانداق قىلغاندا ئۆسكىلى بولىدۇ،قانداق قىلغاندا جاپالىق مۇھىتقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ،يەنى مەسىلەن ھەممە ئادەم بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان،بىر ئەسكى خوجايىننىڭ قول ئاستىدا قانداق خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ دېگەن مەزمۇنلار. ئەڭ ئاخىرىقى باپ كىشىلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ،ئۇ بولسىمۇ بارلىق نەرسىلەرگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھەم ئوخشاش ۋاقىتتا ئىگە بولۇش. بىراق سىزمۇ بىلىسىز بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. مۇشۇنداق بولغانىكەن،سىز ئۆز خوجايىنڭىزنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق ئويلىغانلىقنى بىلەلەيسىز ھەم بىلشڭىز كېرەك.
بۇ كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بۆلىكى "يىڭشقا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر" دىيلىدۇ. مەن بۇ يەردە ئالدىدىكى مەزمۇنلاردىن پەرقى بار بىر قىسىم سوئاللارغا جاۋاب بىرىمەن،بۇلار "جۇڭگونىڭ تەھدىتىگە" قانداق تاقابىل تۇرۇش ، خىلمۇ-خىل تىجارەت،"سابەنسې-ئاۋكېسې قانۇنى" قاتارلىق يېڭى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئىلىپ كەلگەن تەسىر ھەم كارخانا ئەيدىز كېسىلى كىرىزسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلە. يەنە مېنىڭ ئىز باسارىم جىيفۇنىڭ ئىپادىسى،مېنىڭ ئەمدى گولف توپ ئوينىمغانلىقم،جەننەتكە كىرەلەمدىم يوق دېگەن مەسىلىلەر.
بۇ كىتابتا جاۋاب بەرگەن باشقا مەسىلىلەرگە ئوخشاش بۇ مەسىلىلەرمۇ مېنى ھەقىقىي قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويالمىدى.بۇلار پەقەت ماڭا خىرىس ئېلان قىلىپ،چوڭقۇر ئويلىنشمنى ئىلگىرى سۇردى.
بۇ كىتابتا نۇرغۇن جاۋابلار بېرىلدى،بىراق بارلىق جاۋابلار ئەمەس.چۈنكى سودا تۇرمۇشى داۋاملىق ئۆزگەرمەكتە،دۇنيامۇ ھەم شۇنداق.
خۇددى گوللاندىيەلىك بىر كارخانىچى 2004-يىلى ماڭا دېگەنگە ئوخشاش،"تۇرمۇشنىڭ ھەربىر كۈنىدە يىڭى مەسىلىلەر بار،دەل بۇلار مېنى ئالغا ئىنتىلشكە يېتەكلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ".
يېڭى مەسىلە كۆرۈلدى،دېمەك يېڭى جاۋاب كۆرۈلدى.ئەمەلىيەتتە،ئۆزۈمنىڭ GE دا خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىمغا سىلشتۇرغاندا،GE دىن كەتكەندىن كىيىن ئۆگەنگەن نەرسىلىرىم ئوخشاشلا كۆپ. كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەر بىر يېڭى مەسىلدىن مەن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنۋالدىم.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،بەرگەن جاۋاپلىرىمنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆگىنشگە ياردەم بېرىشنى ئۇمىد قىلىمەن .