يانفوندا كۆرۈش
بازار نىشانىنى توغرا بەلگىلەڭ
بازار بەلگىلەشتە مۇھىم بولغىنى ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ رىقابەتچى مەھسۇلاتتا يوق بولغان،رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئالاھىدىلىكنى تېپىپ چىقىش.
رىقابەت ئەۋزەللىكى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچىسى ـــ مەھسۇلات باھاسى ئەۋزەللىكى. ئوخشاش شەرت ئاستىدا تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مەھسۇلات تەننەرخىنى چۈشۈرۈپ مەھسۇلات باھاسىنى تۆۋەنلىتىش.
ئىككىنچىسى ـــ خېرىدارنىڭ ياقتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش. خاسلىققا ئىگە بولغان مەھسۇلات ئارقىلىق خېرىدارنىڭ ئۆزگىچە بولغان ياقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
1- نىشان قىلغان بازار ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ،ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن رىقابەت ئەۋزەللىكىنى بېكىتىش.
بۇ قەدەمنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى تۆۋەندىكى ئۈچ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق تاپىمىز.
بىرىنچى: رىقابەتچى كارخانا مەھسۇلات ئورنىنى قانداق بېكىتتى؟
ئىككىنچى: نىشانلىغان بازاردىكى خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش دەرىجىسى قانداق؟خېرىدارنىڭ يەنە قانداق ئېھتىياجى بار؟
ئۈچىنچى: رىقابەتچى كارخانىنىڭ بازاردىكى ئورنىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە خېرىدارنىڭ يوشۇرۇن ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سىز قانداق ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك؟ ياكى قانداق ئىشلارنى قىلالايسىز؟
يۇقىرىقى ئۈچ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن سىستېمىلىق بازار تەكشۈرۈشىڭىز،مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.بۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزدىكى يوشۇرۇن رىقابەت ئەۋزەللىكنى بايقىيالايسىز.
2-ئۆزگىچە بولغان رىقابەت ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش ۋە قايتىدىن ئورۇن بەلگىلەش.
بۇ قەدەمدىكى ئاساسلىق ۋەزىپە بولسا سېتىشنى تېزلىتىش تەشۋىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق،ئۆزگىچە بولغان رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئۇچۇرلارنى خېرىدارلارغا تارقىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق خېرىدارلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇش.
بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن،خېرىدار بازاردىكى ئورنىڭىزنى بىلىدىغان،چۈشىنىدىغان،ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە ياقتۇرىدىغان بولۇشى كېرەك ۋە خېرىدارنىڭ قەلبىدە بازاردىكى ئورنىڭىزغا ئوخشاش ئوبراز تىكلىشىڭىز كېرەك. ئۇندىن باشقا يەنە نىشانلىغان خېرىدارنىڭ ئوبرازىنى كۈچەيتىش، خېرىدارغا بولغان چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش،خېرىدارنىڭ مەھسۇلاتقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە مەھسۇلاتقا بولغان ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بازاردىكى ئوبرازىڭىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىڭىز كېرەك.ئەڭ ئاخىرىدا.نىشانلىغان خېرىدارنىڭ بازار ئورنىغا بولغان چۈشىنىشنىڭ ئېنىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان پەرقتىن ساقلىنىشىڭىز،تەشۋىقاتتىكى بىخەستەلىك تۈپەيلى خېرىداردا مەھسۇلاتقا نىسبەتەن ئېنىقسىزلىق كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز كېرەك.ئۇندىن باشقا مەھسۇلاتنىڭ بازار ئورنى ئېنىق بولسىمۇ تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئورۇننى قايتىدىن بېكىتىشىڭىز كېرەك.
1-رىقابەتچى كارخانا يېڭىدىن ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتنىڭ ئورنى سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ بازاردىكى ئورنى بىلەن يېقىن بولسا،ۋە قىسمەن بازىرىڭىزنى ئىگىلىۋېلىشى بىلەن مەھسۇلاتىڭىزنىڭ بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى چۈشۈپ كەتكەن بولسا.
2-خېرىدارنىڭ ياقتۇرۇشى ياكى ئېھتىياجىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولغانلىقتىن، مەھسۇلاتنىڭ سېتىپ چىقىرىش نىسبىتى چۈشۈپ كەتكەن بولسا.
قايتىدىن ئورۇن بەلگىلەش ـــ مەلۇم خىل بازاردا سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتقا يېڭىچە بولغان ئوبراز تۇرغۇزۇپ،خېرىدارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇ ئارقىلىق پايدىلىق بولغان بازار ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش. مەسىلەن: مەلۇم بىر كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان بوۋاقلار چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى بازارغا سالغاندا،مەھسۇلاتنىڭ بوۋاقلارنىڭ كۆزىنى ئېچىشتۇرماسلىق پايدىلىق تەرىپىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق،خېرىدارلارنى جەلپ قىلغان. بىراق تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ،سېتىلىش مىقدارىمۇ تۆۋەنلىگەن. سېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، كارخانا بۇ مەھسۇلاتقا قايتىدىن ئورۇن بېكىتتى. چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ چاچنى تېخىمۇ يۇمشاق،پارقىراق قىلىدىغان تەرىپىنى تەشۋىق قىلىپ،تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جەلپ قىلدى.
قايتىدىن ئورۇن بېكىتىشنى سىتىراتىگىيەنى ئۆزگەرتىش دەپ قارىساق بولىدۇ. ئۇ بازار مۇھىتىغا ماسلىشىش ۋە بازاردىكى سېتىش ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشتە كەم بولسا بولمايدۇ. مەھسۇلاتقا قايتىدىن ئورۇن بېكىتكەندە مەھسۇلات ئىسمى، باھاسى،ئورالمىسى، ماركىسى قاتارلىقلار قايتىدىن يېڭىلىنىدۇ. بەلكىم يەنە مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە ئىقتىدارىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەھسۇلاتقا قايتىدىن ئورۇن بېكىتىشتىن بۇرۇن،ئورۇن ئۆزگەرتىش تەننەرخى ۋە يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرەك.