تەييار يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش
ۋاقتى: 2016-08-09
ئاۋاتلىقى: 1066 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تەييار يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى چوڭ جەھەتتىن 31 تۈرىگە بۆلۈنىدۇ . ئۇلار :
1. ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات
2. ئۆسۈملۈك مېيى ، ياغ ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بويۇملار زاۋۇتى
3. يېمەكلىك دورا-دەرمەكلىرى ( قورۇما دورا-دەرمەكلىرى، تېتىتقۇلار ) زاۋۇتى قۇرۇش
4. گۆش مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
5. سۈت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
6. ئىچىملىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
7. قولايلىق يېمەكلىكلەر
8. پېچىنە تۈرىدىكىلەر
9. كونسېرۋا
10.سوغۇق يېمەكلىكلەر
11. تىز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر
12. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر
13. كەمپۈت تۈرىدىكىلەر
14. چاي ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار
15. ھاراق تۈرىدىكىلەر
16. سەي -كۆكتات تۈرىدىكىلەر
17. مېۋە - چېۋە تۈرىدىكىلەر
18. قورۇلغان يېمەكلىك ۋە چىداملىق يېمەكلىكلەر
19. تۇخۇم تۈرىدىكىلەر
20. كولا ۋە قەھۋە تۈرىدىكىلەر
21. يېمەكلىك شېكەر
22سۇ مەھسۇلاتلىرى
23. كىراخمال ۋە كىراخمال تۈردىكى مەھسۇلاتلار
24. تورت تۈردىكى مەھسۇلاتلار
25. پۇرچاق تۈردىكى مەھسۇلاتلار
26. ھەسەل مەھسۇلاتلىرى
27. ساغلاملىق يېمەكلىكى
28. ئالاھىدە تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان رېتسېپلىق يېمەكلىكلەر
29. بوۋاقلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرى
30. ئالاھىدە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر
31. باشقا تۇردىكى يېمەكلىكلەر دەپ 31 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ .
بۇ 31چوڭ تۈر يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ . تۆۋەندە بىز 7- چوڭ تۈر بولغان تەييار يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش
مەھسۇلاتلارنىڭ ئىنچىكە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتەي
تەييار چۆپ ياساش زاۋۇتى قۇرۇش
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى تەييار چۆپ مەھسۇلاتى بولسا بۇغداي ئۇنى،قارا بۇغداي ئۇنى،يېشىل ماش ئۇنى،گۈرۈچ ئۇنى قاتارلىقلارنى ئاساسى خام ئەشيا قىلىپ،يېمەكلىك تۇزى ياكى تىلىپ ياخشىلىغۇچ قوشۇپ،مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ تەڭشىگەندىن كىيىن،بېسىپ سوزۇش،شەكىلگە كىرگۈزۈش،ھۇردىتىش،مايدا قورۇش ياكى قۇرغاقلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىنغان،بەلگىلىك دەرىجىدە پىشۇرۇلغان تەييار يېمەكلىكنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ مايدا قورۇلغان تەييار چۆپ،ئىسسىق شامالدا قۇرۇتىلغان تەييار چۆپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.يېڭى پىتى ساقلانغان خېمىرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
تەييار چۆپنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1،يەنى تەييار چۆپ (方便面) . تەييار چۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ
باشقا تۈردىكى تەييار يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش
1.ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى باشقا تۈردىكى تەييار يېمەكلىك چۆپ مەھسۇلاتى بولسا بىر قىسىمى ياكى تولۇق پىشۇرۇلغان،قايناق سۇغا چىلىغاندىن كېيىنلا ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان تەييار چۆپتىن باشقا يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.بۇ تۈردىكى يېمەكلىك تەييار گۈرۈچ تامىقى،تەييار شوۋىگۈرۈچ،تەييار گۈرۈچ ئۇنى(مىشىەن)،تەييار ئىنچىكە پىنتوزا،تەييار دۇفۇ قېتىقى،تەييار خېمىر ،تەييار ئارپا،قارا كۈنجۈت ئورمىچى،چىلان ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
باشقا تۈردىكى تەييار يېمەكلىكنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1، باشقا تۈردىكى تەييار يېمەكلىك (其他方便食品) . باشقا تۈردىكى تەييار يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
7. تەييار يېمەكلىكلەر
0701 تەييار چۆپ
تەييار چۆپ ( تەييار چۆپ قاتارلىقلار )
0702 باشقا تۈردىكى تەييار يېمەكلىكلەر
1. ئاساسلىق يېمەكلىكلەر ( قولايلىق گۈرۈچ تامىقى ، قولايلىق ئۇماچ ، قولايلىق گۈرۈچ تالقىنى ، قولايلىق گۈرۈچ چۆپى ، قولايلىق پىنتوزا ، قولايلىق ھۆل گۈرۈچ تالقىنى ، قولايلىق تارتىلغان پۇرچاق ، قولايلىق ھۆل ئۇن ، راڭپىزا قاتارلىقلار )
2. قايتا تەڭشىلىپ تەييارلىنىدىغان مەھسۇلاتلار (ئارپا دانچىسى ، كۈنجۈت ئۇۋىقى ، چىلان ، مايلىق چاي ، ھەمدە دانلىق زىرائەت تالقىنى قاتارلىقلار )
0703 ئۇندىن ياسالغان تەم كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلار
ئۇندىن ياسالغان تەم كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلار (ئاچچىق تىلىمچە قاتارلىقلار )