گۆش مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
ۋاقتى: 2016-08-04
ئاۋاتلىقى: 1311 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
گۆش مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى چوڭ جەھەتتىن 31 تۈرىگە بۆلۈنىدۇ . ئۇلار :
1. ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات
2. ئۆسۈملۈك مېيى ، ياغ ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بويۇملار زاۋۇتى
3. يېمەكلىك دورا-دەرمەكلىرى ( قورۇما دورا-دەرمەكلىرى، تېتىتقۇلار ) زاۋۇتى قۇرۇش
4. گۆش مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
5. سۈت مەھسۇلاتلىرى
6. ئىچىملىك
7. قولايلىق يېمەكلىكلەر
8. پېچىنە تۈرىدىكىلەر
9. كونسېرۋا
10.سوغۇق يېمەكلىكلەر
11. تىز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر
12. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر
13. كەمپۈت تۈرىدىكىلەر
14. چاي ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار
15. ھاراق تۈرىدىكىلەر
16. سەي -كۆكتات تۈرىدىكىلەر
17. مېۋە - چېۋە تۈرىدىكىلەر
18. قورۇلغان يېمەكلىك ۋە چىداملىق يېمەكلىكلەر
19. تۇخۇم تۈرىدىكىلەر
20. كولا ۋە قەھۋە تۈرىدىكىلەر
21. يېمەكلىك شېكەر
22سۇ مەھسۇلاتلىرى
23. كىراخمال ۋە كىراخمال تۈردىكى مەھسۇلاتلار
24. تورت تۈردىكى مەھسۇلاتلار
25. پۇرچاق تۈردىكى مەھسۇلاتلار
26. ھەسەل مەھسۇلاتلىرى
27. ساغلاملىق يېمەكلىكى
28. ئالاھىدە تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان رېتسېپلىق يېمەكلىكلەر
29. بوۋاقلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرى
30. ئالاھىدە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر
31. باشقا تۇردىكى يېمەكلىكلەر دەپ 31 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ .
بۇ 31چوڭ تۈر يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ . تۆۋەندە بىز 4- چوڭ تۈر بولغان گۆش مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىنچىكە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :
گۆش مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى گۆش مەھسۇلاتى بولسا يېڭى،توڭلىتىلغان ھايۋانات،ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشلىرىنى ئاساسى خام ئەشيا قىلىپ،ماتېرىيال تاللاش،تۈزەش،چىلاش،تەمىنى تەڭشەش ،شەكىلگە كىرگۈزۈش،پىشۇرۇش(ياكى پۇشۇرماي)،ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق تېخنولوگىيەلىك جەريانلار ئارقىلىق ياسالغان يېمەكلىكنى كۆرسىتىدۇ.
گۆش مەھسۇلاتىنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 5،يەنى تۇزلانغان گۆش مەھسۇلاتى،تەم تەڭشىگۈچ ئارىلاشتۇرۇلغان گۆش مەھسۇلاتى،كاۋاپ قىلىنغان گۆش مەھسۇلاتى،ئىسلانغان گۆش مەھسۇلاتى،ئېچىتىلغان گۆش مەھسۇلاتى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم ئايرىم ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
گۆش مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.