پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن ئۆزىمىزنى قانداق چەتكە ئالىمىز؟
-
پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن ئۆزىمىزنى قانداق چەتكە ئالىمىز؟
ۋاقتى: 2016-03-22 ئاۋاتلىقى: 1068 قېتىميانفوندا كۆرۈش
پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن ئۆزىمىزنى قانداق چەتكە ئالىمىز؟
ئوقۇرمەنلەر دائىم مەندىن مۇنداق سورايدۇ.تېخى يېڭىلا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق،ئاپەت خاراكتېرلىق،بىمەنە ۋە ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغان پۇل-مۇئامىلە ئاپىتىنى باشتىن كەچۈردۇق.بىر نېمىگە ئاساسەن ‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا›نىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئىقتىسادى ئەھۋالغا ئۇچرايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىمىز؟ (بۇ قېتىمقى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ 1929-يىلدىكى بۈيۈك دېپرېسسىيەدىنمۇ ئېغىر بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟)
بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ زېرىكمىدىڭىزمۇ؟بۈگۈنگە كەلگەندە كىممۇ 1929-يىلىدىكى بۈيۈك دېپرېسسىيەنى ئەسلىيەلەيدۇ؟ كىممۇ ئەسلەشنى خالايدۇ؟ ئۇ ۋاقىتتا بارلىق كارخانىلار قاتتىق يىقىلمىدىمۇ؟ئۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر چىقىش يولى قالمىغانلىقتىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە يىمەكلىك ۋە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغان خىزمەت ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرمىغانمۇ؟مېنىڭ ئاتا-ئناممۇ شۇ دەۋرلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن.لىكىن ئۇلار بۇ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ تىلغا ئالمايدۇ.ئۇنداقتا مەن بۇ ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ نېمە دىمەكچى؟ مېنىڭچە ئىككىمىزنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمىز ئوخشاش بىر ئىش: نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن دانا دەپ قارالغان ئادەم قانداقسىگە بۈگۈنكىدەك ئىقتىساد ياخشىلانغان،باياشاتلىققا تولغان ۋاقىتتا بۇنداق ئەخمىقانە قارارنى چىقىرىدۇ؟ ساراڭلىقمۇ؟ بۇ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك.ئۇلارنىڭ قارارلىرىنى ‹ساراڭلىق›دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بولالمايمىز.‹ساراڭلىق›نى ئەپۇ قىلىشقا بولىدۇ.بىراق ھاماقەتلىكچۇ؟ ھاماقەتنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ.ھاماقەت ئادەملەر داۋاملىق ھاماقەت ئىشلارنى قىلىدۇ.ئىلگىرى بىر كىنودا (ئاگەننىڭ تەرجىمىھالى) مۇنداق دېيىلگەن: ئەگەر ئۆتكەن بەش يىلدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرماي،ئەمدىلىكتە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ قارايدىغان بولساق،ھاماقەتلىكنىڭ ئىنتايىن يامان ۋە يىرگىنىشلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.يىرگىنىشلىك ئادەملەر رەزىل ئىشلارنى قىلىدۇ.ئۇلار پەقەت ئۆزىنىلا ياخشى كۆرىدىغان جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەردۇر.ئۇلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان نەرسىلەرنى ئۆزلىرى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
دىققەت ئېتىبارىنى ئۆتمۈشكە قارىتىپ،ئۆتمۈشتىن ئېرىشكەن تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەشنى خىيال قىلىپ،ھازىر ۋە كەلگۈسىگەئېتىبارسىز قارىغان كىشىنىڭ كارخانىسى،مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى يەنى ھازىرنى يوقىتىپ قويىدۇ.نەتىجىدە كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.بۇنىڭ قائىدىسى بەكمۇ ئاددى.سىز ھەمىشە ئۆتمۈشكە قاراپ،ئىلگىرى ماڭغان يولىڭىز ۋە قىلغان ئىشلىرىڭىزغا مەپتۇن بولۇپ ئولتۇرسىڭىز،ئالدىڭىزدىكى توزاقلارنى بايقىيالمايسىز.(ئەلۋەتتە،ئۆتمۈشنى ئويلىماسلىق كېرەك دەپ قارىمايمەن.لىكىن ئىلگىرى باسقان قەدىمىڭىز كارخانا تەرەققىياتىنىڭ كۆزدە تۇتۇلىدىغان نۇقتىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.) كەلگۈسىدىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن،كارخانىڭىزنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى لاھىيەلەپ،كارخانا تەرەققىياتىدىكى ھازىرقى ۋاقىت نۇقتىسىنى پۇختا ئىگەللەڭ.بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن سىز چوقۇم ئاپتورنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئون چوڭ قائىدىسىنى تولۇق ئىگەللەڭ،كىتابنى ئوقۇش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش جەۋھىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۇتۇق قازىنىش يولىغا ئايلاندۇرۇڭ.
ئەمدى بىر دەسلەپكى تېمىغا قايتايلى: بىر كىچىك كارخانا ھەر قانداق ئىقتىسادى شەرت-شارائىت ئاستىدا،چوقۇم تەرەققىياتنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەك.بارلىق پۇل-مۇئامىلە مەسلىھەتچىلىرى،يېتەكچى،رەھبەرلىك قىلغۇچى ۋە قەرز بېرىش ئاپاراتلىرى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا،سىز ياكى مەن قانداقمۇ ‹ھەر قانداق ئىقتىسادى شارائىت ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇش›دېگەن بۇ ئۆلچەم بىلەن،‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا›نى قۇرۇپ چىقىمىز؟قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ جاۋابى بەكمۇ ئاددى.ئون چوڭ قائىدىگە ئەمەل قىلىڭ ۋە ئۇنى ئىشلىتىڭ.
ئىنرون شىركىتى ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە،تەبىئىي گاز،تېلگىرامما خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇدا ئالتە يىل ‹بايلىق› ژۇرنىلى تەرىپىدىن ‹ئامرىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي شىركەت›دەپ باھالانغان.ئىنرون شىركىتى 2001-يىلى ۋەيران بولغانلىق توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى.شۇندىن باشلاپ ئىنرون شىركىتى ئالدامچىلىق ۋە چۈشكۈنلۈكنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى.ئەگەر ئىنرون شىركىتى بۇ ئون چوڭ قائىدىگە ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئىشلەتكەن بولسا،بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاشلا تەۋرەنمەي تىك تۇرغان بولاتتى.
ئەگەر ئاندېرسون بوغالتىر ئىش بېجىرىش ئورنى بۇ ئون چوڭ قائىدىگە ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئىشلەتكەن بولسا،مەغلۇپ بولمايتتى.ئاندېرسون! سىز ئىشىنەمسىز؟
ئەگەر بۇ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ گۆرۈچىلىك ۋە قەرز بېرىش ئاپاراتلىرى بۇ ئون چوڭ قائىدىگە ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئىشلەتكەن بولسا،شەك-شۈبھىسىز،بۈگۈنكى كۈندە بىز ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ تۇرغان،يەنە كېلىپ،گۆرۈچىلىك كەسپى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، بازار تېپىپ كەتكەن بولاتتى.
گەئوخشاش چوڭ تىپتىكى پۇل مۇئامىلە AIG ئەگەر ئامرىكا خەلقئارا شىركىتى مۇلازىمەت ئاپاراتلىرى بۇ ئون چوڭ قائىدىگە ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئىشلەتكەن بولسا،ئۇلار ( بىزمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدا) بۈگۈنكىدەك ئېغىر ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولاتتى.
ئون چوڭ قائىدە ئىقتىسادى تۇراقلىق بولغان بىر شىركەتنىڭ تۇنجى قەدىمى ۋە زورىيىشىنىڭ ئۇل تېشى.بۇ ئون چوڭ قائىدە سىزنى ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇئمەيلى سىز قانداق ئىقتىسادى شارائىتتا بولۇڭ،بۇ ئون چوڭ قائىدە سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىشىگە ياردەم قىلىدۇ.ئەمدى بىز بىر قىسىم كارخانىنى توختىماي تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مەخپىيەتلىكلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرلىشىپ باقايلى.
Tags: پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كارخانا قۇرۇش ئىددىيسى قانچە ئۇلۇغ بولسا كارخانا
2015-12-04 13:06:27956يەككە تىجارەت قىلىش ياكى خوجايىن بولۇش ئىگىلىك ت
2015-11-17 12:10:461437جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى
2016-03-14 13:42:1535610 تۈرلۈك ئاساسىي ئوزۇقلۇق ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەس
2015-10-26 00:03:18943ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى،ئادەتتىكى يېمەكلىك ۋە دور
2016-03-08 21:05:45441دۆلىتىمىزنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقرىشنىڭ ئارق
2015-11-25 14:07:321003ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
2015-10-29 07:32:01894كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
2015-11-03 07:46:36866
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-