تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى،ئادەتتىكى يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ پەرقى

ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى،ئادەتتىكى يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ پەرقى

ۋاقتى: 2016-07-31 ئاۋاتلىقى: 1246 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى كەڭ كارخانچىى، تىجارەتچى دوستلارنىڭ يېمەكلىك،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇلاردىن ئىلىمى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىلىمىي ئوزۇقلىنىپ ساغلاملىقنى ئاسراش ________ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش دېگەن كىتاپنى تەرجىمەقىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق . بىلوگىمىزدا چاتما شەكىلدە ئېلان قىلىنىدۇ .



1. ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى،ئادەتتىكى يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ پەرقى


ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى،ئادەتتىكى يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن باغلىنىشمۇ شۇنداقلا پەرقمۇ مەۋجۇت.


يېمەكلىك بولسا كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئىچىملىك،يېمەكلىك خام ئەشيا قىلىنىپ ياسالغان ھەرخىل يېمەكلىك شۇنداقلا دورىلىق ماددىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،داۋالاشنى مەقسەت قىلغان دورىلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.ئادەتتىكى يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىدىغان ئىستېمالچىلار توپىنىڭ چەكلىمىسى يوق بولۇپ،ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتى،مىتابولىزىمغا نىسبەتەن يېمەكلىك مىقدارى جەھەتتە ئادەتتە بەلگىلىمە يوق.


ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بولسا يېمەكلىكنىڭ ئالاھىدە بىر خىل بولۇپ،يېمەكلىك بىلەن دورىنىڭ ئارىلىقىدا،ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئىستېمال قىلىدىغان بولۇپ،ئادەم بەدىنىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمما داۋالىمايدىغان بولۇپ،ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندىمۇ ھېچقانداق ئاستا ۋە تىز خاراكتېرلىك خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ،يېمەكلىك مىقدارىغا نىسبەتەن مەلۇم بەلگىلىمە بار.


دورا بولسا ئالدىنى ئىلىش،داۋالاش ۋە دىياگنوز قويۇشتا ئىشلىتىدىغان ماددا بولۇپ داۋالاشنى ئېنىق مەقسەت قىلغان شۇنداقلا مۇۋاپىق داۋالاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان،مەلۇم ئەكس تەسىرى بولۇشقا يول قويۇلىدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ئىشلىتىش ۋاقتىغا نىسبەتەن چەكلىمە بار.


ئۇنىڭدىن سىرت ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئادەتتىكى يېمەكلىككە ئوخشىمايدىغان ھەمدە دورىغا ئوخشاپراق قالىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى بولسا بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ كاپسۇل،تابلىتكا شەكىلدە ياسىلىشىدۇر.بۇ خىل ئەھۋال ئەڭ مۇھىمى بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان بولۇپ،ئىستېمالچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىشى ۋە فىزولوگىيلىك ئىقتىدارىنى تەڭشىشىگە قولايلىق يارىتىپ بىرىدۇ.


ياسىلىش شەكلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ،ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى دەپ قاراشقا بولىدۇ،بۇنداق بولغاندا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە فىزولوگىيلىك تەڭشەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ.ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى گەرچە تابلىتكا شەكىلدە ياسالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنى دورا بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ،گەرچە كىشىلەر ئۇنى ساغلاملىق ئەھۋالىنى ياخشىلاش،بەزى كېسەللەرنىڭ خەتىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىل رولى بىلەن دورىلارنىڭ تەسىر قىلىش رولى ئوخشىمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن دورىلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.


بازاردىكى بەزى"ساغلاملىق مەھسۇلاتى"بىلەن ھەددىن زىيادە تەشۋىق قىلىۋەتكەن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئىستېمالچىلاردا ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىپ قويغان،بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى يەنىلا ساتقۇچىلاردا،يەنى ئۇلار ئىستېمالچىلارنىڭ كېسىلىنى ساقايتىشقا بولغان ئىنتىزارلىقىدىن پايدىلىنىپ ،ساختا تەشۋىق قىلىپ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى خۇددى ھەممە كېسەلنى داۋالىيالايدىغاندەكتونۇشقا ئەكېلىپ قويىدۇ.ئەمەلىيەتتە،مەيلى زامانىۋى تېبابەتچىلىك بولسۇن ياكى جۇڭگونىڭ قەدىمكى تېببىي ئىلىمىدە بولسۇن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش كېسەللەرنى داۋالاپ،ئالدىنى ئىلىپ.ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلىنىش بولسا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى.


بازاردىكى ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولغان مەھسۇلاتلار بەزىسى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى،بەزىسى دورا يەنە بەزىلىرى ئۆلچەمسىز ساغلاملىق مەھسۇلاتى بولۇپ،ئىستېمالچىلار تۆۋەندىكى تۆت تەرەپكە ئاساسەن توغرا بولغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى سىتىۋالسا بولىدۇ.


بىرىنچى،سىرتقى كۆرۈنۈشى

ئوراش شەكلى ۋە مەھسۇلات ئۆلچىمىدىن قارىغاندا،كۆپلىگەن دورىلار بولسا تابلىتكا،كاپسۇل شەكىلدە ياسىلىدىغان بولۇپ،يېمەكلىك بىلەن ئاسانلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.ئەمما ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ھەم دورا شەكىلدە ھەم ئادەتتىكى يېمەكلىك شەكىلدە ياسىلىدىغان بولۇپ،پەقەت سىرتقى شەكلىگىلا قارىغاندا پەرق ئېتىش قىيىن بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئېتىكلىكىنى ئوقۇش كېرەك،مۇشۇنداق بولغاندىلا دورا شەكىلدە ياكى ئادەتتىكى يېمەكلىك شەكىلدىكى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى پەرق ئېتىش ئاسانراق بولىدۇ.


ئىككىنچى، ئېتىكلىكىنى ئوقۇش

بىر دانە ئۆلچەملىك مەھسۇلاتنىڭ ئورالما قېپىنىڭ ئۈستىدە چوقۇم ئېتىكېتكا چاپلانغان بولىدۇ،ئەگەر مەھسۇلات ئېتكېتكىسىنىڭ ئۈستىدىن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بەلگىسىنى شۇنداقلا دورا بىلەن بولغان پەرق بەلگىسىنى تاپالىغاندا پەرقلەندۈرۈش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ؛ ئېتىكېتكىغا مەھسۇلات ئىسمى،تەستىق نومۇرى ۋە ئاساسلىق خام ئەشياسى بەلگىلەنگەندىن سىرت،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېتىكېتكىسىغا يەنە ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى،ئىستېمال قىلىش مىقدارى،ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى،ماس كەلمەيدىغانلار توپى،ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارمۇ بەلگىلەنگەن بولىدۇ.


ئەگەر دورا ياسالمىسى شەكىلدە ياسالغان "ساغلاملىق مەھسۇلاتى"،ئەگەر تەقلىد قىلىپ ياسالمىسا،ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ياكى دورىنىڭ بەلگىسى بولمىسا،ئۇلار يېمەكلىككە تەۋەمۇ؟ئەگەر بەلگىدىن ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى،ھەتتا كېسەل داۋالاش ئىقتىدارىنى تاپقىلى بولسا ئۇنداقتا بۇ ئىشلەپچىقىرىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ئىشەنچلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ.


بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈستىدە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بەلگىسى يوق،ئەمما ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇنۇلار يېزىلغان بولىدۇ،مەسىلەن:"كالتسىي سۆڭەكنىڭ ۋە چىشنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ"،"تۆمۈر بولسا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىلمېنىت"،"سىنك بولسا تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ياخشىلايدۇ"دېگەندەك،بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشلار ھەرگىزمۇ بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ شۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.


ئۈچىنچى،بىخەتەرلىكىنى ئويلاش

ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ،بىخەتەرلىك جەھەتتىمۇ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئاساسەن ياسالغان بولۇپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندىمۇ ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.بۇ تەرىپى دورىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ،دورىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئەكس تەسىر كۆرسىتىشى ھەتتا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

گەرچە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما يىمەكلىكىككە ئوخشاش ھەرقانداق ئادەم،ھەرقانداق ئورۇن،ھەرقانداق مىقداردا ئىستېمال قىلسىمۇ %100 بىخەتەر بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ.مەسىلەن بالىلار بىلەن ياشانغانلارنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ،بالىلار ياشانغانلارنىڭ ۋىتامىنلارنى يېسە ئېغىر كېلىدۇ؛بالىلار بىلەن ياشانغانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،ياشانغانلار ئىستېمال قىلىۋاتقان قۇۋۋەت تولۇقلاش يېمەكلىكلىرىنى بالىلار ئىستېمال قىلغاندا ئەكس تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.يەنە مەسىلەن ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدىغان مەھسۇلاتلار قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلارغا ماس كېلىدۇ،ئۇنى ئادەتتىكى ئادەملەر ئىستېمال قىلغاندا ئىچىنى سۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا چوقۇم ئۇنىڭ بەلگىسىگە ۋە چۈشەندۈرۈشىگە دىققەت قىلىش كېرەك.


تۆتىنچى،ئۈنۈمىنى پەرقلەندۈرۈش

يېمەكلىك،دورا ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى مەلۇم فىزولوگىيلىك ئىقتىدارنى تەڭشەش رولىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.يېمەكلىك بىلەن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ فىزولوگىيلىك ئىقتىدارنى تەڭشەش رولى دورىغا قارىغاندا بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ باسىدىغان يولى ۋە تەسىر قىلىش ئورنى كۆپ ۋە ئاستىراق بولىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تەتقىق قىلىش دورىغا قارىغاندا بىر قەدەر مۇرەككەپ بولىدۇ.دورىنىڭ رولى كۆپىنچە بىرگە بىر ماسلىق بولىدۇ،ئەگەر ئىشلىتىش ئورنى ئېنىق بولمىغاندا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.


ساغلاملىق بىلەن كېسەل داۋالاش ئۇنداق ئاسان بىر مەسىلە ئەمەس؛نۆۋەتتىكى تېببىي ئىلىمنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قارىغاندا بايقالغان دورىلار ۋە تەسىر قىلىدىغان ئەزالار يۈز نەچچە خىللا بولۇپ،تېببىي ئىلىم دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن خىلىلا يىراق.


يۇقىرىدىكى تۆت نۇقتىغا ئاساسەن يېمەكلىك،دورا ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى پەرقلەندۈرگەندە،ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋېلىش پىرىنسىپىمۇ ئېنىق بولىدۇ.رىتىسىپلىق دورىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستېمالچىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ؛رىتىپسىز دورىلارنىمۇ چۈشەندۈرۈشىگە ،دورىگەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە نىسبەتەنمۇ مۇشۇ كىتابنىڭ ئاخىرىدا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.بىردىنبىر ئەسكەرتىدىغىنىمىز بولسا:ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بولسا بىزنىڭ كۈندىلىك تامىقىمىزنىڭ بىر قىسمى ياكى تولۇقلىمىسى بولۇپ،ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش بىلەن بىرلەشكەندىلا رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.ئادەتتە تەڭپۇڭ بولغان قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ،قائىدىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ،مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش،ياخشى بولغان روھىي كەيپىياتنى ساقلاش بولسا ساغلاملىقنىڭ تۈپتىن كاپالىتىدۇر.





بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى