ئىگىلىك تىكلەش شۇنچە ئاسانمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
زاماننىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولغان يوشۇرۇن ئېھتىياجلىرىنى، يەنى ئۆز قەدىر-قىممىتىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى بىر كىشىلىك ئورنىنى تېپىش، يۇقىرى شۆھرەت ۋە نام-ئابرويغا ئېرىشىش، باياشات ئىچىدە ياشاش، خەلقى ئۈچۈن بىرەر چوڭ ئىش قىلىپ بېرىش، ھەتتا ئۇلۇغ نامىنى قالدۇرۇش قاتارلىق بىر تالاي يوشۇرۇن ئېھتىياجلىرىنى قېزىپ چىقىپ، جان پىدالىق بىلەن كۆرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا. بۇ كۆرەشتە بەزى ئادەملەر مۇراد-مەقسەتلىرىگە يېتىپ، ئەجرىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈشمەكتە. بەزى ئادەملەر بولسا، مەقسەتلىرىگە يېتەلمەي پىغان چېكىشىپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشماقتا. ئەلۋەتتە، بۇنداق ئارزۇ-ئارمانلارغا يېتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشتىن باشقا، يەنە ئۆزىنى چۈشىنىش، پۇرسەت يارىتىش، تىز پۈكمەس ئىرادىسى بولۇش، ئېغىر- بېسىق ۋە سەۋرچان بولۇش، يىراقنى كۆرەرلىك، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق بىر تالاي روھ ۋە ئىقتىدارلارنىڭ بولۇشى شەرت. بولۇپمۇ، ياشلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.
نۇرغۇن كىشىلەر يۇقىرىقى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ــ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، خوجايىن بولۇش دەپ قارايدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنى پۈتۈنلەي خاتا دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئەمما پۈتۈنلەي توغرا دېگىلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە يۇقىرى سەۋىيەدىكى روھىي ساپانىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، پۇرسەتنى بايقاش ياكى يارىتىش ھەم پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىش روھى؛ يولۇققان ھەر بىر جاپا-مۇشەققەتلەرگە سەرۋچانلىق بىلەن يۈزلىنىپ، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئىزدىنىش ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىش روھى؛ ئويۇن-تاماشا ۋە ئارام ئېلىشلاردىن ۋاقتىنچە ئۆزىنى تارتىپ، پۈتۈن زېھنى ۋە ۋاقتىنى ئىگىلىكىگە سەرپ قىلىش روھى؛ مەغلۇبىيەتكە قايتا-قايتا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش روھى؛ كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتماسلىق روھى؛ ئۆزىگە-ئۆزى قائىدە-تۈزۈم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي ئەمەل قىلىش ۋە قاتتىق تەلەپ قويۇش روھى؛ يوقسۇللۇق ۋە ئاچارچىلىققا بەرداشلىق بېرىش روھى قاتارلىقلار. بۇنىڭغا ئەتراپىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلەش يولىدا، جاپالىق كۆرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆزىلا بىر ئىسپات. ئۇلار ئادەتتىكى ئادەملەر تارتىشنى خالىمىغان جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازابلارنى تارتىپ، نۇرغۇن قېتىملىق مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچ كېلىپ، ئاخىرىغىچە تىنىم تاپماي، قان-تەر ئاققۇزۇپ كۆرەش قىلماقتا. بۇ جەرياندا، بەزىلىرى نۇرغۇن نەرسىلىرىدىن، ھەتتا يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ، يوقسۇللۇق ۋە تەنھالىق تۇرمۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە، يەنە بەزىلىرى ھەددىدىن زىيادە چارچاش ۋە بېسىم تۈپەيلىدىن، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇپ، ئۆمرىنىڭ قىسقىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەي يۈرۈشمەكتە. بۇنداق روھ ھەممىلا ئادەمدە بولۇشى مومكىنمۇ؟
باشقىلار ياراتقان ئىگىلىكتە ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان كەسىپتە زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئوخشاشلا نامايەن قىلىشماقتا. بۇ خىل يولنى تاللىغان كىشىلەردە پەقەت كەسىپ جەھەتتە تىنىم تاپماي ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قاتتىق ئىنتىزامچانلىق ھەم مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولسىلا كۇپايە.
دېمەك، ئۆز قەدىر-قىممىتىمىزنى نامايەن قىلىپ، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزغا يېتىشنىڭ يولى پەقەت بىرلا ئەمەس. مەيلى قايسىلا يولنى تاللايلى، ھەممىدىن مۇھىمى، ئۆزىمىزنى، روھىي ساپاسىيىمىزنى ۋە ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان مۇھىتنى ئوبدان چۈشىنىپ، ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتۇر.
بەزى ئادەملەر ئۆزىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ قايسى جەھەتتە ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن ۋە روھىي ساپاسىغا توغرا ھۆكۈم قىلالمىغانلىقتىن، خاتا يولنى تاللىۋېلىپ، ئۆزىنى چارچىتىپ قويىدۇ ياكى ئۆزىنى بىخۇتلاشتۇرىدۇ ۋە ياكى كۆز ئالدىغا كېلىپ قالغان نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىۋېتىپ، جەمئىيەتتىن، شارائىتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈيدۇ. ئۇلار بۇ مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئادەمنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھورۇنلۇق، ئېزلەڭگۈلۈك، قورقۇنچاقلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاينىمىغا چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. ئەكسىنچە، قارىماققا تولىمۇ ئورۇنلۇق ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلايدۇ، يەنى «بىر كۈنۈم خۇشال ئۆتسە، ئاچ-يالىڭاچ قالمىسام، شۇ كۇپايە، نېمە كەپتۇ ئۆزۈمنى بۇنچە ئۇپرىتىپ؛ مەن جاپاغا تۇغۇلمىغان، راھەت ئويناپ ياشاشقا تۇغۇلغان؛ ئىشلار ئەسلى مېنىڭ ئويلىغىنىم بويىچە بولغان بولسا، چوقۇم ياخشى قىلىۋىتەتتىم؛ ئىككى كۈنلۈك ئالەمگە نېمە كەپتۇ ئۆزۈمنى جاپاغا قويۇپ» دېگەندەك بىر تالاي ئىدىيەلەر ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ھورۇنلۇقىنى يوشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى باھانىدۇر.
يىغىنچاقلىساق، ئادەم ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋۋال، چوقۇم ئۆزىنى چۈشىنىۋېلىشى كېرەك. ھېچبولمىغاندا، ئۆزىنىڭ ياشاشتىكى مەقسىتىنى، نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قايسى جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى، تالانتى ۋە ئىقتىدارى بارلىقىنى، تولۇپ-تاشقان ئىشەنچىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى چۈشىنىۋېلىشى كېرەك.
ئۆزىنى چۈشىنىۋېلىشنىڭ يولى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ئۆزىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدىغان ئاتا-ئانا ياكى دوست-بۇرادەرلەر ۋە ياكى خىزمەتداشلار ئارقىلىق چۈشىنىش؛ ئۆزىنىڭ كۆندىلىك خىزمىتىدە ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېلىپ بارغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى خۇلاسىلەش ھەم شۇ چاغدىكى ھېسسىي تۇيغۇسىنى تەھلىل قىلىش؛ ئۆزى توغرىسىدا بولۇنغان غەيۋەت-شىكايەت ۋە گەپ-سۆزلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە تەھلىل قىلىش؛ پسىخىكا دوختۇرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش؛ جەمئىيەتتىكى كۆپ قىسىم ئادەملەر قىزىقىدىغان كەسپىي خاراكتېرلىك ئاممىباب سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق، ئۆزىنى دەڭ سېلىش قاتارلىقلار.
ئالتىنچى خىلى ئۆز قەدىر-قىممىتىنى نامايەن قىلىپ، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرگە ئەڭ ماس كېلىدۇ. چۈنكى بۇ خىل سوئاللار ئادەمنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنى، يەنى كەسپىي، روھىي، ماددىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ساپاسىنى بىرلا ۋاقىتتا تولۇق نامايەن قىلىپ، نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ بېرىدۇ.