ھەر قايسى بۆلەكلەرنى قۇراشتۇرۇپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش
ۋاقتى: 2016-08-05
ئاۋاتلىقى: 891 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەر قايسى بۆلەكلەرنى قۇراشتۇرۇپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش
ئالدىنقى مەزمۇنلاردا چۈشەندۈرۈلگەن ھەر قايسى بۆلەكلەرنىڭ خۇلاسىسى جەدۋەللەشتۈرۈلدى.ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەر بىر بۆلەك باشقا بارلىق بۆلەكلەر بىلەن ماسلاشقاندىلا ئاندىن بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر بۆلەك يۇقىرى سىستېمىلىق شەكىلدە باشقا بۆلەكلەر بىلەن ماسلىشالمىسا،پۈتۈن سىستېمىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلىدۇ. ئۇ چاغدا سىزمۇ ‹ يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا› نى قۇرۇپ چىقالمايسىز. ئەگەر قۇرۇپ چىقىشنى ئويلىسىڭىز،چوقۇم بارلىق ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.
تەرتىپكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چوقۇم سىممېتىرىك بولۇش؛ سىممېتىرىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،چوقۇم تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇشى؛ تەڭپۇڭ ھالەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،بىردەك بولۇشى؛ بىردەكلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇشى؛ بىر پۈتۈنلۈككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،ھەر بىر بۆلەكنى خۇددى بىرىكتۈرمە رەسىمنىڭ كىچىك پارچىلىرى بىرىكىپ بىر پۈتۈن رەسىمنى ۋۇجۇدقا چىقارغاندەك،مۇۋاپىق بىرىكتۈرۈپ يوچۇقلارنى ھىم ئېتىش كېرەك. سىز بىر پۈتۈن رەسىمنى كۆرۈشىڭىز،رەسىم بىرىكتۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىنكى مەنزىرىنى كۆرۈشىڭىز،ھېكايە تۈگىگەندىن كېيىنكى مەنزىرىنى كۆرۈشىڭىز،كاللىڭىزدا ۋە ئۆز جىسمىڭىزدا شۇ مەنزىرىنى كۆرۈشىڭىز كېرەك.