تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

30 تۈرلۈك ئىش ھەم ئۇنىڭ قۇدىرىتى

30 تۈرلۈك ئىش ھەم ئۇنىڭ قۇدىرىتى

ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 1107 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەر كىمنىڭ ھاياتى تۈرلۈك تۈمەن ئىشلار قاينىمىدا دولقۇنلايدۇ. گاھى ئىش-ھەرىكەتلەر ئادەمنىڭ ھاياتلىق كېمىسىنىڭ راۋان ئىلگىرىلىشىگە تۇسقۇنلۇق قىلسا، يەنە شۇنداق قىممەتلىك، ئۆرنەك ئىش-ئەمەللەر باركى، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە ئاددى بولۇشىغا قارىماي، ئادەمگە نىشان، كۆڭلىگە ئەمىنلىك ئاتا قىلالايدۇ.

شىنجاڭ «ھەرەمباغ» سودا چەكلىك شىركىتى تەۋسىيە قىلغان تۆۋەندىكى 30 تۈرلۈك ئىشمۇ دەل يوقارقى سۆزىمىزگە دەلىل بولالايدۇ. ئۇنى ئۆز تۇرمۇشىڭىزغا يار ئەيلەپ سىناپ كۆرۈڭ، شۇ ۋەجى سىز ھەركۈنى كەچ تاتلىق، قېنىپ ئوخلىغان چىغىڭىزدا، ئاندىن تەۋسىيىمىز ئۆزىنىڭ تېگىشلىك بۇرچ ھەم ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.

1.  ھەركۈنى ئۆزىڭىز مۇھىم دەپ قارىغان ئۈچ مۇھىم ئىشنى قىلشنى پىلانلاڭ.

2.  باشقىلاردىن 10 مېنوت بۇرۇن ئىشقا كېلىڭ.

3.  بىر ئىشقا ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن، نەچچە سېكونت ئويلنىۋىلىڭ.

4.  ئاچچىقلىنىشتىن بۇرۇن، 30غىچە ساناڭ.

5.  مۇقىملاشتۇرالمىغان ۋاقتىڭىزدا، ئىشنىڭ ئەڭ جاپالىقىنى تاللاپ قېلىڭ.

6.  ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئۇنىڭ تاماملىنىش ۋاقتىنى ئېنىق بىكىتىڭ.

7.  1-رەتتە ئولتۇرۇڭ.

8.  سىزدىن ئالغا كەتكەنلەرنى كۆزۈتۈپ تۇرۇڭ.

9.  باشقىلارغا قارىغاندا 10 مېنوت ئارتۇق بەردەشلىق بېرىڭ.

10.  يېنىڭىزدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى يادىڭىزدا تۇتۇۋىلىڭ.

11.   ئىشنى تالىشىپ قىلىڭ، تازىلىق ئىشنى بولسىمۇ مەيلى.

12. باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن ياخشى گېپىنى قىلىڭ.

13. يېنىڭىزدىكى ھەربىر ئادەمگە ئەھمىيەت بىلەن قاراڭ.

14.  باشقىلار سۆزىنى تاماملىغىچە گىپىنى بۆلمەڭ.

15.  ئۆز يېنىڭىزدىكى كىشلەرگە باشقىلاردىنمۇ ئارتۇق ئۈمىد بېغىشلاڭ.

16.  باشقىلارنى تەنقىدلەشتىن ئاۋال، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى تىلغا ئېلىڭ.

17.  يېنىڭىزدا قەلەم، قەغەز ئېلىپ يۈرۈڭ.

18.  ئويغاندىن باشلاپ ئىككى مېنوت ئىچىدە كۆرگەن چۈشىڭىزنى ئەسلەڭ.

19.  ئۆزىڭىزنىڭ 10 تۈرلۈك ئاجىزلىقىڭىزنى تېپىپ چىقىڭ، ھەمدە تۈزۈتۈڭ.

20.  ئەڭ مۇھىم قارارنى ئەڭ ياخشىسى بىر كۈننى ئۆتكۈزىۋىتىپ، ئېلان قېلىڭ.

21.  ئوخلاشتىن بەش مېنوت بۇرۇن، ئۆز-ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇڭ.

22.  ھەركۈنى خوشاللىق تۇيغۇسىدا خىزمەتكە قاتنىشىش ئادىتىڭىزنى ساقلاڭ.

23.  ھەرگىز خىزمەتتىكى ئىشلارنى ئائىلىڭىزگە ئېلىپ كەلمەڭ.

24. باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلىڭ.

25. دوستلىرىڭىز ئارقىلىق يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇڭ.

26. ھەركۈنى يېرىم سائەت ۋاقتىڭىزنى كىتاب ئوقۇشقا سەرىپ قىلىڭ.

27.  قىسقا مۇددەتلىك پىلاندىن تۆتنى بىكىتىڭ، بۇنىڭ ئىچىدىن بىرىنى «نوقتىلىق پىلان» قىلىپ تاللىۋىلىڭ.

28. پۇل تېپىشنى ھەرگىزمۇ ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى نىشان قىلىۋالماڭ.

29. ئەڭ ياخشىسى نىشان، پىلانلىرىڭىزنى يېزىپ، خاتىرىگە ئېلىڭ، ئاندىن ھەر كۈنى 10 نۆۋەت ئاۋازىڭىزنى قويۇۋىتىپ ئوقۇڭ.

30. دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ! دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ! دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ!... 

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى