ئىچىملىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
يانفوندا كۆرۈش
ئىچىملىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى
چوڭ جەھەتتىن 31 تۈرىگە بۆلۈنىدۇ . ئۇلار :
1. ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات
2. ئۆسۈملۈك مېيى ، ياغ ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بويۇملار زاۋۇتى
3. يېمەكلىك دورا-دەرمەكلىرى ( قورۇما دورا-دەرمەكلىرى، تېتىتقۇلار ) زاۋۇتى
قۇرۇش
4. گۆش مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
5. سۈت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
6. ئىچىملىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
7. قولايلىق يېمەكلىكلەر
8. پېچىنە تۈرىدىكىلەر
9. كونسېرۋا
10.سوغۇق يېمەكلىكلەر
11. تىز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر
12. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر
13. كەمپۈت تۈرىدىكىلەر
14. چاي ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار
15. ھاراق تۈرىدىكىلەر
16. سەي -كۆكتات تۈرىدىكىلەر
17. مېۋە - چېۋە تۈرىدىكىلەر
18. قورۇلغان يېمەكلىك ۋە چىداملىق يېمەكلىكلەر
19. تۇخۇم تۈرىدىكىلەر
20. كولا ۋە قەھۋە تۈرىدىكىلەر
21. يېمەكلىك شېكەر
22سۇ مەھسۇلاتلىرى
23. كىراخمال ۋە كىراخمال تۈردىكى مەھسۇلاتلار
24. تورت تۈردىكى مەھسۇلاتلار
25. پۇرچاق تۈردىكى مەھسۇلاتلار
26. ھەسەل مەھسۇلاتلىرى
27. ساغلاملىق يېمەكلىكى
28. ئالاھىدە تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان رېتسېپلىق يېمەكلىكلەر
29. بوۋاقلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرى
30. ئالاھىدە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر
31. باشقا تۇردىكى يېمەكلىكلەر دەپ 31 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ .
بۇ 31چوڭ تۈر يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ . تۆۋەندە
بىز 6- چوڭ تۈر بولغان ئىچىملىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىنچىكە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى
كۆرۈپ ئۆتەيلى :
بوتۇلكىلىق (تۇڭلۇق) سۇ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
1.ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى بوتۇلكىلىق( تۇڭلۇق)
سۇ بولسا سولياۋ،ئەينەك
قاچىلارغا مۇستەھكەم قاچىلانغان بىۋاسىتە ئىچىشكە بولىدىغان سۇنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ
ئىچىشكە بولىدىغان تەبىئىي مىنېرال بۇلاق سۈيى ،ئىچىشكە بولىدىغان تەبىئىي بولاق سۈيى،ئىچىشكە
بولىدىغان تازىلانغان سۇ،ئىچىشكە بولىدىغان مىنېرال سۇ(مىنېرال ماددىلار قوشۇلغان)ۋە
باشقا ئىچىشكە بولىدىغان سۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بوتۇلكىلىق (تۇڭلۇق) سۇنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1،يەنى
بوتۇلكىلىق (تۇڭلۇق) سۇ(瓶(桶)装饮用水) بوتۇلكىلىق (تۇڭلۇق)
سۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3يىلدىن
كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
كولا تۈردىكى ئىچىملىك ياساش زاۋۇتى قۇرۇش
1.ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە
ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
باشقۇرۇشىدىكى كولا تۈردىكى ئىچىملىكلەر(گازلىق سۇ) بولسا بەلگىلىك شارائىتتا تەركىبىگە
كاربون تۆت ئوكسىد گازى ئارىلاشتۇرۇلغان ئىچىملىكلەرنى كۆرسىتىدۇ،ئېچىتىش ئۇسۇلى
ئارقىلىق ئۆزىدىن كاربون تۆت ئوكسىد گازى ھاسىل قىلغان ئىچىملىكلەرنى ئۆز ئىچىگە
ئالمايدۇ. كولا تۈردىكى ئىچىملىكلەر(گازلىق سۇ) تەركىبىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد
گازى مىقدارى بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
كولا تۈردىكى ئىچىملىكلەر(گازلىق سۇ) نىڭ
ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1،يەنى كولا تۈردىكى ئىچىملىكلەر(گازلىق سۇ) (碳酸饮料) .كولا تۈردىكى ئىچىملىكلەر(گازلىق سۇ)
ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3يىلدىن
كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
چاي ئىچىملىكى ياساش زاۋۇتى قۇرۇش
1.ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە
ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
باشقۇرۇشىدىكى چاي تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر بولسا چاي يوپۇرمىقىنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى
ياكى قويۇقلاندۇرۇلغان ئېرىتمىسىنى،تىز ئېرىشچان چاي تالقىنى قاتارلىقلارنى ئاساسى
خام ئەشيا قىلىپ،پىششىقلاش،تەڭشەش(ياكى تەڭشىمەي) قاتارلىق تېخنولوگىيەلىك جەريانلار ئارقىلىق ياسالغان ئىچىملىكنى كۆرسىتىدۇ.چاينى تەم تەڭشىگۈچ
قىلىپ ئىشلەنگەن چاي تەملىك ئىچىملىكنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
چاي تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر نىڭ ئىجازەتنامە
ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1،يەنى چاي تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر (茶饮料类) . چاي تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر ئىشلەپچىقىرىش
ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس
قىلىنىدۇ.
مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شەربىتى تۈردىكى ئىچىملىك ياساش زاۋۇتى قۇرۇش
1.ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە
ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
باشقۇرۇشىدىكى مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شەربىتى تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر
بولسا ھەرخىل مېۋە (كۆكتاتلار)نى ياكى ئۇلارنىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئېرىتمىسىنى خام
ئەشيا قىلىپ،دەسلەپكى بىر تەرەپ قىلىش،سىقىش،تەڭشەش،مىكروبسىزلاندۇرۇش،مىكروبسىز قاچىلاش ياكى قىزىق قاچىلاش قاتارلىق جەريانلار ئارقىلىق ئىشلەنگەن
ھەر خىل مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شەربىتى تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر
مەھسۇلاتىنى كۆرسىتىدۇ.شەربەت مىقدارى%5دىن تۆۋەن مېۋە تەملىك ئىچىملىكلەرنى ئۆز
ئىچىگە ئالمايدۇ.
مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شەربىتى
تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر نىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1،يەنى مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شەربىتى تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر (果汁和蔬菜类饮料) . مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شەربىتى
تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
ئاقسىللىق ئىچىملىك ياساش زاۋۇتى قۇرۇش
1.ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە
ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
باشقۇرۇشىدىكى ئاقسىللىق ئىچىملىك مەھسۇلاتى بولسا سۈت ياكى ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى،ياكى بەلگىلىك ئاقسىل تەركىبى بولغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى،ئۇرۇقى
ياكى مېغىزى قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ،پىششىقلاپ ئىشلەش ياكى ئېچىتىش
ئارقىلىق ياسالغان ئىچىملىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇ سۈتلۈك ئىچىملىك،ئۆسۈملۈك
ئاقسىلى ئىچىملىكى،ئارىلاشما ئاقسىل ئىچىملىكى قاتارلىق تۈرلەگە بۆلۈنىدۇ.
سۈتلۈك ئىچىملىك بولسا يېڭى سۈت ياكى سۈت
ياسالمىلىرىنى(ئېچىتىلغان ياكى ئىچىتىلمىغان)ئاساسى خام ئەشيا
قىلىپ،تەڭشەش،تەكشىلەش،قاچىلاش،مىكروبسىزلاندۇرۇش(ياكى مىكروبسىزلاندۇرۇپ
قاچىلاش)قاتارلىق تېخنولوگىيەلىك جەريانلار ئارقىلىق ياسالغان ئىچىملىكلەرنى
كۆرسىتىدۇ.ئۇ تەڭشەلگەن سۈتلۈك ئىچىملىك،ئېچىتىلغان سۈتلۈك
ئىچىملىك،سۈت كىسلاتا ئىچىملىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۆسۈملۈك ئاقسىل
ئىچىملىكى بولسا ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى بولغان ئۆسۈملۈك مېۋىسى،ئۇرۇقى ياكى مېغىزىنى
ئاساسى خام ئەشيا قىلىپ،دەسلەپكى بىرتەرەپ قىلىش،بوتقا ياساش،تەڭشەش،تەكشىلەش،قاچىلاش،
مىكروبسىزلاندۇرۇش(ياكى مىكروبسىزلاندۇرۇپ
قاچىلاش)قاتارلىق تېخنولوگىيەلىك جەريانلار ئارقىلىق ياسالغان ئىچىملىكلەرنى
كۆرسىتىدۇ. ئارىلاشما ئاقسىل ئىچىملىكى بولسا سۈت ياكى ئۇنىڭ ياسالمىلىرى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى ئاساسى خام ئەشيا
قىلىپ،ياسالغان ئىچىملىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئاقسىللىق ئىچىملىكنىڭ ئىجازەتنامە
ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1،يەنى ئاقسىللىق ئىچىملىك (蛋白饮料类) . ئاقسىللىق ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ
ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس
قىلىنىدۇ.
قاتتىق ھالەتتىكى ئىچىملىك ياساش زاۋۇتى قۇرۇش
1.ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە
ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
باشقۇرۇشىدىكى قاتتىق ئىچىملىك مەھسۇلاتى بولسا شېكەر،سۈت ياكى سۈت مەھسۇلاتى،تۇخۇم
ياكى تۇخۇم مەھسۇلاتى،مېۋە شەربىتى ياكى ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋېلىنغان ماددا
قاتارلىقلارنى ئاساسى خام ئەشيا قىلىپ،مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇمچە ماتېرىيال ياكى يېمەكلىك
خۇرۇچلىرىنى قوشۇپ تەڭشىگەندىن كىيىن سۇسىزلاندۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان قاتتىق
ھالەتتىكى ياسالمىنى كۆرسىتىدۇ.
قاتتىق ئىچىملىكنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس
قىلىش بىرلىكى 1،يەنى قاتتىق ئىچىملىك (固体饮料) . قاتتىق ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
باشقا تۈردىكى ئىچىملىكلەرنى ياساش زاۋۇتى قۇرۇش
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى
باشقۇرۇشىدىكى باشقا تۈردىكى ئىچىملىكلەر مەھسۇلاتى بولسا ئىسپىرت مىقدارى %0.5دىن
ئېشىپ كەتمىگەن، بوتۇلكىلىق (تۇڭلۇق) سۇ، كولا تۈردىكى ئىچىملىكلەر، چاي تۈرىدىكى
ئىچىملىكلەر، مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شەربىتى تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر،
ئاقسىللىق ئىچىملىك، قاتتىق ئىچىملىك قاتارلىقلاردىن باشقا ئىچىملىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئاساسلىقى
ئالاھىدە مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئىچىملىك،قەھۋە ئىچىملىكلىرى،ئۆسۈملۈك
ئىچىملىكلىرى(مېۋە كۆكتاتتىن باشقا)،ھەرخىل تەمدىكى ئىچىملىكلەر(يېمەكلىك خۇرۇچلىرى
ئارقىلىق تەمى ،پۇرىقى،رەڭگى تەڭشەلگەن)قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باشقا تۈردىكى ئىچىملىكلەرنىڭ ئىجازەتنامە
ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1،يەنى باشقا تۈردىكى ئىچىملىكلەر (其它饮料) . باشقا تۈردىكى ئىچىملىكلەر ئىشلەپچىقىرىش
ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
6 . ئىچىملىكلەر
0601 ( بوتۇلكا ( تۇڭ) غا قاچىلانغان ئىچىملىكلەر
1. تەبىئىي مىنېرال سۇ ئىچىملىكى (تەبىئىي مىنېرال سۇ ئىچىملىكى)
2. ئوراپ قاچىلانغان ئىچىملىك سۇ ( ساپ سۇ ، تەبىئىي مىنېرال سۇ ، تەبىئىي سۇ ، باشقا تۈردىكى ئىچىملىك سۇ قاتارلىقلار )
0602 كاربونلۇق ئىچىملىكلەر ( گازلىق ئىچىملىكلەر )
كاربونلۇق ئىچىملىكلەر ( گازلىق ئىچىملىكلەر )(مېۋە شەربىتى تەملىك كاربونلۇق ئىچىملىك )(مېۋە تەملىك كاربونلۇق ئىچىملىك )(كولا تەملىك كاربونلۇق ئىچىملىك )(باشقا تۈردىكى كاربونلۇق ئىچىملىكلەر )
0603 چاي تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر
چاي تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر ئەسلى تەملىك چاي، قۇيۇلدۇرۇلغان چاي ، چاي ئىچىملىكى ، مېۋە تەملىك چاي ئىچىملىكى ، سۈت تەملىك چاي ئىچىملىكى ، مۇرەككەپ چاي ئىچىملىكى ، ئارىلاشتۇرۇلغان چاي ئىچىملىكى )
0604 مېۋە ،كۆكتات شەربىتى ۋە باشقا تۈردىكى ئىچىملىكلەر
1. مېۋە ، كۆكتات شەربىتى (قىيامى ) ( ئەسلى تەملىك مېۋە شەربىتى ، مېۋە شەربىتى ، كۆكتات شەربىتى ،مېۋە قىيامى ، مۇرەككەپ مېۋە -كۆكتات شەربىتى ، مۇرەككەپ مېۋە كۆكتات قىيامى قاتارلىقلار )
2. قويۇقلاندۇرۇلغان مېۋە-كۆكتات شەربىتى ( قىيامى ) ( قويۇقلاندۇرۇلغان مېۋە -كۆكتات شەربىتى ، قويۇقلاندۇرۇلغان مېۋە -كۆكتات قىيامى )
3. مېۋە -كۆكتات شەربىتى ( قىيامى ) تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر ( مېۋە - كۆكتات شەربىتى ئىچىملىكى ، مېۋە شىرنىسى ئىچىملىكى ، مېۋە قىيامى ئىچىملىكى ، مۇرەككەپ مېۋە - كۆكتات شەربىتى ئىچىملىكى ، مېۋە- كۆكتات ئىچىملىكى قويۇق قىيامى ، ئېچىتىلغان مېۋە-كۆكتات شەربىتى ئىچىملىكى ، مېۋە ئىچىملىكى قاتارلىقلار )
0605 ئاقسىللىق ئىچىملىكلەر
1 . سۈتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسىللىق ئىچىملىكلەر ( تەڭشەلگەن سۈتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچىملىكلەر ، ئېچىتىلغان سۈتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچىملىكلەر ، سۈت كىسلاتاسى باكترىيىسى ئىچىملىكى )
3. ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ئىچىملىكى ( ئۆرۈك مېغىزى شەربىتى ، ياڭاق مېغىزى شەربىتى )
4. مۇرەككەپ ئاقسىللىق ئىچىملىكلەر ( مەھسۇلاتنىڭ ئىسمىغا قارىتىلدۇ )
0606 قاتتىق ھالەتتىكى ئىچىملىكلەر
1. قاتتىق ھالەتتىكى تەبىئىي تەملىك ئىچىملىك ( قاتتىق ھالەتتىكى تەبىئىي تەملىك ئىچىملىك )
2. قاتتىق ھالەتتىكى ئاقسىللىق ئىچىملىك (قاتتىق ھالەتتىكى ئاقسىللىق ئىچىملىك )
3. قاتتىق ھالەتتىكى مېۋە-كۆكتات ئىچىملىكى (قاتتىق ھالەتتىكى مېۋە - كۆكتات ئىچىملىكى)
4. قاتتىق ھالەتتىكى چاي ئىچىملىكى (قاتتىق ھالەتتىكى چاي ئىچىملىكى )
5. قاتتىق ھالەتتىكى قەھۋە ئىچىملىكى (قاتتىق ھالەتتىكى قەھۋە ئىچىملىكى )
6. قاتتىق ھالەتتىكى كاكائو تەملىك ئىچىملىكى (قاتتىق ھالەتتىكى كاكائو تەملىك ئىچىملىكى)
7. قاتتىق ھالەتتىكى باشقا ئىچىملىكلەر ( قاتتىق ھالەتتىكى ئۆسۈملۈك ئىچىملىكى ، قاتتىق ھالەتتىكى دانلىق زىرائەت ئىچىملىكى ، قاتتىق ھالەتتىكى ئوزۇقلۇق ئىچىملىكى ، قاتتىق ھالەتتىكى يىيىلدىغان زەمبۇرۇغ ئىچىملىكى )
0607 باشقا تۈردىكى ئىچىملىكلەر
باشقا تۈردىكى ئىچىملىكلەر ( قەھۋە تەملىك ئىچىملىك ، ئۆسۈملۈك ئىچىملىك، تەبىئىي تەملىك ئىچىملىك ، ھەرىكەت ئىچىملىكى ، ئوزۇقلۇق ئىچىملىكى ، ئېنېرگىيە ئىچىملىكى ، ئىلىكتىرۇنلانغان ئىچىملىك ، قويۇقلاندۇرۇلغان ئىچىملىك ، باشقا تۈردىكى ئىچىملىكلەر )