تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى سۇئال جاۋاپلار

شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى سۇئال جاۋاپلار

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 2937 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىركەت ۋاكالەتلىكى


1– شىركەت دېگەن نىمە؟

شىركەت كارخانىنىڭ بىر تۈرى. كارخانا _ كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسەت، كۈچ- قۇدرەت، مەبلەغ ۋە باشقا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىلمىنتلىرىنى مۇئەييەن قانۇن- تەرتىپ بويىچە بېرىكتۈرۈپ، ئىقتىسادىي پايدا- قىممەتنى زورايتىش مەقسىدىدە تەشكىللىنىدىغان ئىقتىسادىي تەشكىلات. يەنى كارخانىنىڭ ئىككى خىل ئاساسىي خاسلىقى بار. بىرى كارخانىدا چوقۇم كوللىكتىپنىڭ بىرلىكى ئەكىس ئېتىشى كېرەك. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق گەۋدىلەنمىسە ياخشى كارخانا بولمايدۇ. يەنە بىرى كارخانىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا مەقسىدى بولىدۇ.ئۇ بولسىمۇ پۇل تېپىش. كارخانىدىكى ھەرقانداق بىر ئىش- ھەرىكەت چوقۇم موشۇ مەخسەدكە شەرتسىز بوي سۇنۇشى كېرەك.

ھازىرقى جۇڭگودا كارخانا تىپلىرى شېرىكسىز كارخانا، شېرىك كارخانا، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. پۇقرالار كۆپ تىلغا ئالىدىغان شىركەت ئۇقۇمى ئادەتتە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى_ قانۇن بويىچە تەشكىللىنىدىغان، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيەت ۋە مۇستەقىل مال- مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە كارخانا تۈزۈمى بولۇپ، بۇنداق تۈزۈمدە، پايچىك بىلەن كارخانىنىڭ مال- مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ئېنىق ئايرىلىدۇ. شىركەتنىڭ ھەقدارلىق مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەندە، پايچىكلار ئۆزى چىقارغان مەبلەغ دائىرىسىدە چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، شىركەت قانۇنىي ئىگىسى ئەمەلىي مال- مۈلكى بىلەن چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنداق ئەۋزەللىك شىركەتنىڭ چەكسىز تەرەققىيات ئىمكانىيىتىنىڭ ئاساسى.


2– شىركەت قۇرغان ياخشىمۇ ياكى يەككە سودا– سانائەتچى بولغان ئەۋزەلمۇ؟


يەككە سودا– سانائەتچى— پۇل تېپىشنى ئاساسىي مەخسەت قىلغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ كىچىك، ئەڭ ئاددىيسى بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا مەلۇم بىر تەبىئىي شەخىس ياكى بىر ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ تەشكىللىنىدۇ. بۇ خىل تىجارەت شەكلى كىچىك دائىرىدە ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ تاللىشىغا ماس كېلىدۇ. يەككە تىجارەتچى ئىقتىسادىي ئالاقىدە چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۇنيادا ھەممىدىن بەك ئومۇمىيلاشقان كارخانا شەكلى بولۇپ، شىركەت ئادەتتە بىرقانچە ئادەم ياكى تەرەپنىڭ بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىشى ئاساسىدا تەشكىللىنىدۇ. شىركەت قۇرغانلار سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن تارتىپ سېتىش– مۇلازىمەتكىچە بولغان ھەرقانداق چوڭ تىجارەتنى رايون ئاتلاپ ئېلىپ بارسا بولىدۇ. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىدىكى قانۇنىي مەسئۇلىيىتى رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلەغ دائىرىسىدە چەكلىنىدۇ.

يەككە سودا– سانائەتچى بولۇش ۋەياكى شىركەت– كارخانا قۇرۇشنى ھەركىم ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسا بولىدۇ.


3– شىركەتتىن ئېلىنىدىغان باج– سېلىق يەككە سودا – سانائەتچىنىڭكىدىن ئېغىرمۇ؟


بەزىلەر «شىركەت قۇرساق ھۆكۈمەت ئالىدىغان باج كۆپىيىپ كېتىدۇ» دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئورۇنسىز خېيال. يەككە تىجارەتچىنىڭ باج– سېلىقى ۋە باشقۇرۇلۇش ھەققى ھەر ئايدا بىر قېتىم نورما بېكىتپ ئېلىنىدۇ، تىجارەت بولسا– بولمىسا بۇ سېلىقنى تۆلىمەي چارە يوق. شىركەتتىن باشقۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ.شىركەتنىڭ بېجى ئەمەلىي ئوبروت (كېسىلگەن باج تالونى) قا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. كىرىم بولمىسا باج كەلمەيدۇ، تالون كېسىلمىسە باج ھىسابلانمايدۇ. كارخانىچى تاپشۇرىدىغان باجنى ئالدىن پىلانلىۋالالايدۇ. شىركەت تاپاۋەت بېجىنى قوش قاتلاق تاپشۇرغاندەك قىلغان بىلەن، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن جانلىق پايدىلىنالايدىغان شىركەتلەر ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، گاھى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇش ياكى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش كارخانا ئىناۋىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مۇستەققىل ئىناۋەت مىخانىزمى ئورنىتالمىغان كارخانىنىڭ ئۆمرى ئۇزاققا بارمايدۇ.


4– شىركەت قۇرۇشتا ھۆكۈمەتكە نىمىلەرنى تىزىملىتىمىز؟


«شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار شىركەتنىڭ نامى، تىجارەت ئورنى، قانۇنىي ۋەكىلى، نازارەتچىسى، پايچىكلىرى، رويخەتكە تىزىملىتىدىغان كاپىتالى، تىجارەت دائىرىسى، تىجارەت قەرەلى، شىركەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئالدىن بېكىتىپ، شىركەت تىزىملىغۇچى ئورگانغا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. ئادەتتە بۇ مەزمۇنلار «شىركەت نىزامنامىسى» دا تولۇق ئەكىس ئەتتۈرىلىدۇ.


5– شىركەت نامىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟


«شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەت نامى مەمۇرىي رايون تەۋەلىكى، خاسلىق نامى، ساھە ئالاھىدىلىكى، شىركەت تىپى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ھازىر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان شىركەت نامى شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:

شىنجاڭ ××× سودا چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ××× خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ××× ئىمپورت– ئىكىسپورت سودا چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ××× پەن– تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ××× بىئو– تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

خوتەن ××× يىمەكلىك سانائىتى چەكلىك شىركىتى

ئاقسۇ ××× ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى ××× چەكلىك شىركىتى

..................

شىركەت قۇرغۇچىلار يۇقارقى شىركەت نامى شەكىللىرىدىن ئۆز تىجارىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ قوللانسا بولىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 2009- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى شىركەت نامىغا «شىنجاڭ» نى قوشۇش نى ئالاھىدە تەرتىپ بىلەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئادەتتىكى شىركەتلەر «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئېسىش ئۈچۈ كەم بولغاندىمۇ 10 مىليون يۈەن كاپىتالنى رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك. مەبلەغ 10 مىليونغا يەتمەيدىغان كارخانىنى «شىنجاڭ» دەپ قۇرغىلى بولمايدۇ. شىركەت نامىنى «شىنجاڭ» دەپ باشلاشقا ھەۋەس قىلىدىغانلار ئەڭ كەم بولغاندىمۇ ئىككى مىليون يۈەن مەبلەغنى نەخلەپ قالغان سەككىز مىليون مەبلەغنى بەش يىل ئىچىدە تولۇقلاشقا ۋادە قىلىشى كېرەك.


6– شىركەتنىڭ موقۇم تىجارەت ئورنى(ئىشخانىسى) بولمىسا بولمامدۇ؟


«شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەتنىڭ موقۇم تۇرالغۇسى بولۇشى كېرەك. نورمال ئەھۋالدا شىركەت قۇرغۇچىلار شىركەت تۇرالغۇسىنى بىر يىلدىن يوقۇرى مۇددەتلىك ئىجارىگە ئېلىش ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ.


7– قانۇنىي ۋەكىل شىركەتنىڭ خوجايىنىغا ھىسابمۇ؟


قانۇنىي مەۋقەدە، قانۇنىي ۋەكىل شىركەتنىڭ خوجايىنى ئەمەس بەلكى شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ۋەكىلى. قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ھەرىكىتى پايچىكلار ھوقۇق بەرگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتمىسىلا، قانۇنىي ۋەكىلنىڭ جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ئۆزى قوشقان پاينىڭ نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قانۇندا «ئەڭ كۆپ مەبلەغ قوشقان پايچىكنى قانۇنىي ۋەكىل قىلىش كېرەك» دەيدىغان تەلەپ يوق. شۇڭا قانۇنىي ۋەكىلنى بېكىتكەندە، شىركەتنىڭ ئەمەلىي تىجارەت ئىھتىياجىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش كېرەك.


8– شىركەتنىڭ پايچىكلار سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟


چەكلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغاندا، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىك سانى ئىككىدىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا شىركەت قۇرۇشنىڭ ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغنى بېرىكتۈرۈش، خېيىم– خەتەرنى پارچىلاش مەخسىدىنى بىۋاسىتە ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. يەنى پايچىكلار قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ ئادەم ياكى تەرەپنىڭ ئەقىل– پاراسىتى، كۈچ– قۇدرىتى، مەبلىغى ۋە باشقا ئاكىتىپ ئامىللىرىنى بېرىكتۈرۈپ، بىر ئادەم ياكى كىچىك تەشكىلاتنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

بازار سوبيېكتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا ئېلھام بېرىش نۇقتىسىدىن، يېڭى «شىركەت قانۇنى» دا بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل مەبلەغ سېلىپ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇشىغا يول قويۇلىدىغان بولدى. ئەمما بىر ئادەملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قويۇلىدىغان چەكلىمە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن خېلىلا كۆپ. ئەڭ ئاساسلىقى بىر ئادەملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرغۇچى شىركەتكە مۇكەممەل بوغالتىرلىق ھىساباتى تۇرغۇزۇپ شىركەتنىڭ مال – مۈلكى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنىڭ خۇسۇسىي مال– مۈلكىنى ئېنىق ئايرىمىسا، شەخسىي مەبلەغ كارخانىسىغا ئوخشاشلا چەكسىز چاتما مەسئۇلىيەت يۈكلىنىپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ.


10– رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى قانچىلىك تىزىملاتقان ياخشى؟


يېڭى «شىركەت قانۇنى» دا، ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ چېكى 30مىڭ يۈەن، بىر ئادەملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەغلەغ چېكى 100 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى. شىركەت قانۇنىي ئىگىسى تىزىملاتقان كاپىتال ۋە ئەمەلىي مال– مۈلكى دائىرىسىدە چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولغاچقا، كاپىتال كۆپ بولسا كارخانىنىڭ ئىناۋىتىمۇ يوقۇرى بولىدۇ. ئەمما كاپىتالنى نەچچە يۈز مىڭ، نەچچە مىليون يۈەن قىلىپ تىزىملىتىپ، شىركەتنىڭ ئەمەلىي مال– مۈلكى بىلەن تىزىملىتىلغان كاپىتالى بەك چوڭ پەرقلىق بولۇپ كەتسە، قانۇن بويىچە جازالىنىدىغان گەپ. بۇنىڭ ئەكسىچە، تىزىملاتقان كاپىتال بەك ئاز بولۇپ قالسا، كارخانىنىڭ سودا ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىپ، تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش تەس بولىدۇ. شۇڭا، شىركەت قۇرماقچى بولغانلار رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ مىقدارىنى بېكىتىشتە، باشقىلارنى دوراپ مودا قوغلاشماي، ئۆزىنىڭ سودىغا قاراتقان ئەمەلي كۈچىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.


11– رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى دەمىلاتىن تولۇق تەييارلىغىلى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟


«شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى نەقلەشتۈرۈپ بولالمىسا، قانۇن بويىچە ئاۋۋال %20 ىنى نەقلەپ، قالغان قىسمىنى ئىككى يىلغىچە نەقلەشتۈرۈشكە ۋەدە قىلىپ تىزىملاتسا بولىدۇ. مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ قالدۇق مەبلىغىنى بەش يىلغىچە تولۇقلاشقا بولىدۇ. شىركەتنىڭ كاپىتال قۇرۇلمىسىدا %30 نەخپۇل بولسىلا قالغان كاپىتال قانۇنلۇق ئىگىلەنگەن ماددىي بويۇم، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان پۇلدىن باشقا مال– مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى پۇلغا سۇندۇرۇپ باھالاشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىنسىمۇ بولدىدۇ.

شىركەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ چېكى 30 مىڭ يۈەن. ئومۇمەن، 30 مىڭ يۈەن نەخ پۇل غەملىيەلەيدىغان ئادەم مۇستەقىل شىركەت قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. بۇنچىلىكمۇ مەبلەغگە كۈچى يەتمەيدىغانلار شىركەت قۇرىمەن دىمەي كىچىكرەك ئىش تۇتسا مۇۋاپىق.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: جەمئىيەتتە شىركەتكە كاپىتال قىلىدىغان مەبلەغنى جازاينىخوردىن يوقۇرى ئۆسۈم بىلەن ئېلىپ ھەل قىلىدىغان قانۇنسىز قىلمىش خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزى ئەبگا ۋاكالەتچىلەر ھەتتا «رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغنى ھەل قىلىپ بېرەلەيمىز» دەپ ئېلان تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنسىز ئىش قىلالايدىغانلىقىدىن پەخىرلىپ كارخانا قۇرغۇچىلارنى خاتا يېتەكلەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك، قانۇنسىزلىق، دىنسىزلىق بولۇپ، پايدا - زىيان سۈرۈشتۈرسەك بۇنداق ئىشتىن پەقەت قارانىيەت ۋاكالەتچى بىلەن ئىمانسىز جازاينىخورلا نەپ ئالىدۇ، زىياننىڭ ھەممىسى كارخانا قۇرغۇچىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. قانۇنىي جەھەتتە، دۆلەت بۇنداق قىلمىشنى چەكلەيدۇ، شىركەت قۇرغاندا مەبلەغنى جازاينىخوردىن ئالغان كارخانىچىلار بىر - ئىككى يىل ئىچىدىلا سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھەسسەلەپ جەرىمانە قويۇپ جازالىشىغا دۇچار بولىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغانلار تۈرمىدىن ئۆي تۇتىدۇ. ئېتىقاتسىزلىق دېسەك، جازاينىخورلۇق ئىسلام دىنىدا قەتئىي چەكلەنگەن ھارام ئىشلارنىڭ بىرى. شىركەت قۇرغاندىلا ھالال- ھارامنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىش باشلىغانلارنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ بەرىكىتى بولۇشى ناتايىن.

شىركەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ چېكى 30 مىڭ يۈەن. شىركەت قۇرغاندا كاپىتالنى راست- يالغاندىن كۆپەيتىپ يازدۇرىۋالغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئومۇمەن، 30 مىڭ يۈەن نەخ پۇل غەملىيەلەيدىغان ئادەم مۇستەقىل شىركەت قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. بۇنچىلىك مەبلەغگىمۇ كۈچى يەتمەيدىغانلار «شىركەت قۇرىمەن» دىمەي كىچىكرەك ئىش تۇتسا مۇۋاپىق.

شىركىتىمىز ھەرقانداق ۋاكالەتلىك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشتا ئاللانىڭ كالامى بويىچە ئىش قىلىدۇ، دۆلەت قانۇنىغا تولۇق بوي سۇنىدۇ. شىركەت قۇرۇشتا كاپىتالنى جازاينىخوردىن ئېلىپ ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلار ئاۋارە بولۇپ شىركىتىمىزنى ئىزدىمەي، باشقا ساختىپەز ۋاكالەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ باقسا بولىدۇ.


12– شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟


شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى ئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرى ۋە ئادەتتىكى تىجارەت تۈرلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرى دېگەندە قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايرىم تەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدىغان تىجارەت تۈرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مىسال، يىمەكلىك، ئىچىملىك، دورا، ئۆي– مۈلۈك، تاشقى سودا، مىھمانساراي دېگەندەك. ئادەتتىكى تىجارەت تۈرلىرى دېگەندە ئايرىم تۈر بويىچە تەستىقلىتىش زۆرۈر بولمىغان تىجارەت تۈرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مىسال: كىيىم– كىچەك، گىرىم بويۇملىرى، ئىلىكتىر سايمانلىرى، چىنە– قاچا، قۇرۇلۇش ماترىياللىرى، ئوغۇت، ماشىنا– ئۈسكىنە، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى دېگەندەك.

شۇڭا، شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى بېكىتشتە، بىرىنچىدىن، ھەممىنى يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك، ئىككىنچىدىن ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلىش ئىھتىمالى بولغان تۈرلەرنى چالا قويماسلىق، ئۈچىنچىدىن، قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايرىم تەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدىغان تىجارەت تۈرلىرىنى تاللىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامە، تەستىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنىڭ شەرت– شارائىتىنى ئوبدان ئويلىشىش كېرەك.


13– شىركەت قۇرۇشتا قانداق ماترىياللارنى ھازىرلاش كېرەك؟


«شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ماترىياللارنى تەييارلىشى كېرەك:

(1) مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى(كىملىكى ۋە نوپۇس كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى)؛

(2) مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىككى پارچىدىن بىر سۇڭلۇق رەسىمى؛

(3) شىركەتكە ئىشخانا قىلىدىغان ئورۇننىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى (مۈلۈك ھوقۇقى كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى، ئىجارە توختىمىنىڭ ئەسلىسى).

(4) شىركەتكە ئىشخانا قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى (باج تالونى)؛

(5) شىركەت بولتىرىنىڭ كىملىك ۋە بوغالتىرلىق سالاھىيەت كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى؛

(6) رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتال ۋە رەسمىيەت ھەققى.


14– شىركەت قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟


«مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى» دا بېكىتىلگەن تەرتىپ بويىچە، شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى تولۇق بېجىرىشكە يەتتە كۈندىن 20 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئايرىم تۈر بويىچە ئىجازەتنامە بېجىرىش ۋە باج تىزىملىتىش ۋاقتى بۇنىڭ سىرتىدا.


15– شىركەت قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟


مەبلەغ تەكشۈرۈش ھەققى 600 يۈەن، بانكىنىڭ ئىسپات ھەققى 450 يۈەن. رويخەت ھەققى تىزىملاتقان كاپىتالنىڭ 0.008 پىرسەنتى بويىچە ھىسابلاپ ئېلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، تامغا ئويغۇزۇش ئۈچۈن 810 يۈەن، تەشكىلىي ئاپپارات ۋاكالەت نومۇرى كېنىشكىسى بېجىرىش ئۈچۈن 148 يۈەن، باج تىزىملىتىش ئۈچۈن 50 يۈەن، بانكىدا ھېساب ئېچىش ئۈچۈن 200 يۈەن، يەككە– خۇسۇسىي كارخانىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن 300 يۈەن خىراجەت قىلىنىدۇ.

شىركەت قۇرغۇچىلار شىركەت ئىشخانىسىنىڭ ئىجارە بېجىنى تاپشۇرغاندا باج تالونى ئالمىغان بولسا، بىر يىللىق ئىجارە بېجىنى تۆلەيدۇ، باج نىسبىتى 19.5%.

ئەگەر بۇ بىر يۈرۈش رەسمىيەتلەر شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلنسا، بىز 5000 يۈەن مۇلازىمەت ھەققى ئالىمىز.

5000 مىڭ يۈەن ھەق ئالىمىز دېسەك، «قويمىچى، قاراڭغۇ بازارچى» ئىكەن دەپ قالماڭ. ئادەتتە شىركەت قۇرۇش رەسمىيىتىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشتە ئىككى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئېلىنىدۇ. ئەمما شىركەت يېڭى قۇرۇلغاندا كارخانىچىلار شىركەت توغرىسىدا ئېنىق قانۇنىي چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغاچقا، شىركەت قۇرۇلۇپ ئالتە ئاي- ياز ئۆتۈپ بولغۇچە بىرمۇنچە جەرىمانە، جازا ۋە باشقا خاپىلىقلارغا دۇچار بولىدىغان گەپ. زور كۆپ سانلىق كارخانا قۇرغۇچىلار قانۇن جەھەتتە يىتەرلىك كەسپىي ئىقتىدارغا ئىگە بولمىغانلىقتىن، بىر ئىككى يىلدىلا شىركەتنى ۋەيران قىلىش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. شىركىتىمىز موشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ۋاكالەتلىك ھەققىگە تەربىيىلەش ھەققى ۋە يېرىم يىللىق قانۇن مەسلىھەتچىلىك ھەققىنى مەجبۇرىي يوسۇندا قوشۇپ ئېلىپ، تىجارەتنى ساغلام باشلاش، ساغلام راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەشنى قارار قىلدۇق. سىستېمىلىق تەربىيىلەش ياكى قانۇن مەسلىھەتچىسىگە ئىھتىياجى يوقلار ئالدىن ئەسكەرىتسە، شىركەت قۇرۇش ۋاكالەتلىك ھەققىنى 2000 يۈەن بويىچە ھىسابلاپ ئالىمىز.


16– شىركەتكە چوقۇم بوغالتىر تەكلىپ قىلىش زۆرۈرمۇ؟


چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان مۇستەققىل قانۇنىي ئىگە بولغاچقا، ئالاقىدار قانۇن– قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە، چوقۇم دائىملىق بوغالتىر تەكلىپ قىلىپ، كىرىم– چىقىم ھىساباتىنى تەپسىلىي خاتىرىلىشى ھەمدە قەرەللىك ھالدا باجخانا ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا مالىيە مەلۇماتى يوللىشى كېرەك.

ئەگەر شىركەت قۇرغۇچىلار بوغالتىر تەكلىپ قىلىش، مالىيە ھىساباتى تۇرغۇزۇشتا قىينالسا، شىركىتىمىز بىلەن «باج– بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش توختىمى» تۈزسە بولىدۇ.


17– تاشقى سودا شىركەتلىرى قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك؟


تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر تىجارەت كېنىشكىسى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن يەنە تۆۋەندىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك: (1) تاشقى سودا ئىجازەتنامىسى؛ (2) ئىكىسپورتتىن باج قايتۇرۇش ئىجازەتنامىسى؛ (3) تاموژنا كېنىشكىسى؛ (4) كارانتېن كېنىشكىسى؛ (5) ئېلىكترونلۇق چىگرا پورتىIC كارتىسى؛ (6) چوڭ باج تاپشۇرغۇچىلىق سالاھىيەت ئىسپاتى؛ (7) خەلقئارالىق بانكا ھىساب نومۇرى؛ (8) تاشقى پىرۋوت ئىجازەتنامىسى.

بۇ رەسمىيەتلەرنى تولۇق بېجىرىشكە 6000 يۈەن ئەتراپىدا خىراجەت كېتىدۇ.


«18–يىمەكلىك تازىلىق ئىجازەتنامىسى» بېجىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟


«يىمەكلىك تازىلىق ئىجازەتنامىسى» يىمەكلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار چوقۇم بېجىرىش تەلەپ قىلىنىدىغان رەسمىيەت بولۇپ، بۇ رەسمىيەتنى بېجىرىشتە ئىككى ئادەمنىڭ ساغلاملىق كېنىشكىسى، ۋاكالىتەن ساتماقچى بولغان يىمەكلىكنى ئىشلەپچىقارغان كارخانا بىلەن تۈزۈشكەن توختام ۋە شۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رەسمىيىتىنى تەييارلاش كېرەك.


.19–بىر تۈرلۈك سانائەت مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنى تەييارلاش كېرەك؟


(1) تىجارەت كېنىشكىسى؛ (2) ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى؛ (3) تىجارەت ئىجازەتنامىسى (4) ماركا؛ (5) مەھسۇلاتنىڭ ئىجرا ئۆلچىمى؛ (6) سىزىقلىق بەلگە؛ (7) سۈپەت بىخەتەرلىك ئىسپاتى.

شىركەت قۇرۇش رەسمىيەت بېجىرىشتە قىيىنچىلىققا يولۇققان قېرىنداشلارنىڭ شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.


بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى