دىلدوسىت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، شىركەت ۋاكالەتچىلىكى ، ماركا – پاتېنىت ۋاكالەتچىلىكى ، باج – بوغالتىرلىق ۋاكالەتچىلىكى ، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش (QS بېجىرىش) ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئىجازەتنامە ۋاكالەتچىلىكى ، يېڭى مەھسۇلات رتسىپى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنىلەش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت بىكىتى . شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇر: 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك خېرىدارغا موھتاج بولىسىز؟

ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك خېرىدارغا موھتاج بولىسىز؟

ۋاقتى: 2016-03-23 ئاۋاتلىقى: 634 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك خېرىدارغا موھتاج بولىسىز؟


تۆتىنچى قائىدە ‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا› ھەر قانداق ئىقتىسادى شارائىت ئاستىدىمۇ كارخانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشى،ئۇنىڭ ئۈستىگە،‹بارلىق بازار مۇھىتىدا بارلىق خېرىدارلارغا ئەھمىيەتلىك،يۇقىرى پەرقلىق نەتىجىنى بېرىشى كېرەك.› دېيىلگەن. سىزنىڭ نەتىجىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ نەتىجىسىدە ماھىيەتلىك پەرق بولۇشى كېرەك. ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ساھەسىنى مىسالغا ئالساق،كۆپلىگەن كارخانىلار پەقەت ئىچىملىك گىرادۇسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق،ئاشۇرۇش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان ۋاقىتتا،سىزنىڭ كارخانىڭىز ئاللىقاچان ئىچىملىكنىڭ پۇراق ۋە كۈتۈنۈش رولى قاتارلىق تەرەپلەردە كۈچ سەرپ قىلدى. سىز بۇ جۈملىنى توغرا چۈشەندىڭىز. كارخانىڭىز پەقەت ھازىرلاش،لايىھەلەش،قۇرۇش ۋە تەرەققىيات جەھەتلەردە تەييارلانسا،مەيلى قەيەردە بولسۇن پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.ئالدىنقى شەرت،يېتەرلىك بولغان خېرىدار مەنبەسى كارخانىڭىزنىڭ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.بۇ يەردە بىر مەسىلە پەيدا بولدى: بىر كارخانا تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىش ئۈچۈن زادى قانچىلىك خېرىدارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ؟ مەن دېگەن بۇ ‹تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىدىغان›كارخانا پەقەت ئون مىڭ كارخانىنىڭ ئىچىدىكى بىرسى.ھەر بىر ‹10مىڭ ھەسسە زورىيىش›نى ئويلايدىغان كارخانا بۇ مەسىلىنى چوقۇم ئويلىشى ۋە بۇنىڭغا جاۋاب تېپىشى كېرەك.بىر ماك دونالد تېز تاماقخانىسىنىڭ تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن،قانچىلىك خېرىدار لازىم؟بىر خېلتون مېھمانخانىسى ئۈچۈنچۇ؟ بىر قالتىس گۈزەل ساتىراشخانىسى ئۈچۈنچۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى جەزمەن ئوخشاش بولمايدۇ.ھەممە ئىشقا بىردەك قارىساق بولمايدۇ.بەلكىم سىزنىڭ جاۋابىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ جاۋابىغا ئوخشىمايدۇ.جاۋابىڭىز سودا ئۇسلۇبىڭىزغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.سودا ئۇسلۇبىڭىز بولسا سىزنىڭ كۆز-قارىشىڭىزغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.كۆز-قارىشىڭىز سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.خېرىدارىڭىزنىڭ قانچە قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى خالايسىز؟ ھەر قېتىمدا سىزگە قانچىلىك كىرىم قىلىپ بېرىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى سىزنىڭ سودا رايونىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر جۇغراپىيەلىك بازار بولۇپ،بۇ بازاردا شىركىتىڭىز بىر تۈركۈم دائىملىق خېرىدارلارغ ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپX ئىگە بولىدۇ.خېرىدارلار تەخمىنەن ۋاقتىنى توغرا تېپىشىڭىز ھەمدە X قىلىدۇ.سىز 10 مىڭ دۇكاننىڭ،ھەر بىرىنىڭ بىردەكلىكنى ساقلىشىڭىز كېرەك.خۇددى چىرايلىق بىر قالپاقنىڭ ئىچىدىن بىر تال ۋاقىت ئارقىلىق سىزنىڭ10 مىڭ دۇكىنىڭىز تىجارەت X توشقان چىققاندەك، بۇ تايىنىپ روناق تاپىدۇ ۋە ‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا›نىڭ ئۈمىدىگە ئايلىنىدۇ.بۇ ئىشلارنىڭ قالپاقنىڭ ئىچىدىن توشقان چىققاندەك سېھىرگەرلىككە ئايلىنىشىدىكى سەۋەب،سىز نۇقساسىز ئۆلچەمگە ئاساسەن،تۆتىنچى قائىدىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان،مۇكەممەل كۆپەيتكىلى بولىدىغان ئەندىزىنى قۇرۇپ چىقتىڭىز.بۇ كارخانىڭىزنىڭ بىر سىستېما ئىكەنلىكىنى،بۇ سىستېمىنىڭ ھەر بىر بۆلىكىنىڭ ئىنتايىن نەپىس،ھەمدە ئۆز ئارا ئالماستۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.ھەر بىر بۆلەكنىڭ لايىھەسى ئىنتايىن مۇرەككەپ،ئەقىل پاراسەتكە تولغان.ھەر بىر بۆلەك سىزنىڭ دۇنياغا داڭلىق ھېلىقى كىرىشتۈرمە رەسىمىڭىزنىڭ بىر پارچىسى.دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەر بۇ كىرىشتۈرمە رەسىم ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر پارچىسىنىڭ ئىسمىنىڭ باشقا بىرى ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.



بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى