دۆلىتىمىز ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنىڭ تەرەققىياتى
ۋاقتى: 2016-07-16
ئاۋاتلىقى: 1633 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى كەڭ كارخانچىى، تىجارەتچى دوستلارنىڭ يېمەكلىك،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇلاردىن ئىلىمى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىلىمىي ئوزۇقلىنىپ ساغلاملىقنى ئاسراش ________ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش دېگەن كىتاپنى تەرجىمەقىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق . بىلوگىمىزدا چاتما شەكىلدە ئېلان قىلىنىدۇ .
ئىككىنچى بۆلەك دۆلىتىمىز ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە باشقۇرۇشى
1. ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانى
" ساغلاملىق يىمەكلىك"لىرى ئىلگىرى جىددىي كەمچىل بولغان يېمەكلىكلەرنى تولۇقلىغۇچى دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ ئەمگەكچىلەرنى قوغداشقا ئالاقىدار ماتىرىياللاردا ئۇچرايدۇ.بۇ خىل ساقلىقنى ساقلاش،ئىستىمال قىلىش ۋە سىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان "ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى"20-ئەسىرنىڭ80-يىللىرىدا پەيدا بولغان بولسىمۇ،ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ ئىنىقلىما بىرىلگەن ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى 1995-يىلىدىكى"جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يىمەكلىك تازىلىق قانۇنى"دا پەيدا بولغان.
ئىسلاھات ئىچىۋىتىلگەندىن كىيىن،جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،ھۆكۈمەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى.1993-يىلى گوۋۇيۈەن ئىلان قىلغان "90-يىلدىكى جوڭگونىڭ يىمەكلىك قۇرۇلما ئىسلاھاتى ۋە تىزىسى"دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:"ھامىلدار ئاياللار ،ئوقۇغۇچىلار،ياشانغانلارنىڭ يىمەكلىكىنى شۇنداقلا ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كىرەك."بىر تەرەپتىن بازاردا ئىستىمالچىلار ئۆزى تاللاپ ئىشلىتىدىغان ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى پەيدا بولدى،يەنە بىر تەرەپتىن كارخانىچىلار ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا كىسەل داۋالايدۇ دەپ تەشۋىق قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى نازارەتچىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى دۆلىتىمىز بازىرىدا گۈللەپ تەرەققىي قىلىپ ،زورىيىپ مىڭىۋاتقان بولۇپ ،نۇ جەھەتتىكى باشقۇرۇش نازارەت قىلىش جەريانلىرىمۇ تولۇق بولۇپ،بۇ كەسىپنىڭ ۋە بازار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتنى شۇنداقلا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتىمۇ ئاساسنى ئىپادىلەپ بەردى.بۇ جەريان تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن.
1.1 بىرىنچى باسقۇچ:ئىسلاھات ئىچىۋىتىلگەن دەسلەپكى قەدەمدىكى،يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان نازارەت قىلىش
بۇ باسقۇچ20-ئەسىرنىڭ70-يىللىرىغا توغرا كىلىدىغان بولۇپ،ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىگە بولغان نازارەت تىخى ئىزدىنىش باسقۇچىدا ئىدى.1982-يىلى " جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يىمەكلىك تازىلىق قانۇنى "نىڭ 8-ماددىسىدا"يىمەكلىككە دورىلىق ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ"دەپ بەلگىلەندى.1987-يىلى8-ئاينىڭ18-كۈنى،سەھىيە تارماقلىرى"يىمەكلىك يىڭى مەنبەلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى"نى تارقاتقان بولۇپ بازارغا يىڭىدىن كىرگەن يىمەكلىك ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىدى.1987-يىلى10-ئاينىڭ28-كۈنى سەھىيە تارماقلىرى"يىمەكلىككە دورىلىق ماددىلارنى قوشۇشنى چەكلەشنى باشقۇرۇش چارىسى"نى تارقىتىپ،يىمەكلىكنى ئوراش،ئېتىكېتكا قىلىش،چۈشەندۈرۈش ۋە ئىلان قىلىشتا "كىسەل داۋالايدىغان يىمەكلىك"،"ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى"،"قۇۋۋەت تولۇقلاش يىمەكلىكلىرى"،"بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان يىمەكلىك"دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بەلگە قىلىشنى چەكلىدى. 1987-يىلى10-ئاينىڭ28-كۈنى سەھىيە تارماقلىرى"جوڭگو تىبابىتىساقلىقنى ساقلاش دورىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى"نى تارقىتىپ،ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك سەھىيە ئورۇنلىرىغا دورا ۋە ساغلاملىق دورىلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى بەردى.
شۇنىڭدىن باشلاپ،يىمەكلىك بىلەن دورىنى ئايرىپ باشقۇرۇش رامكىسى قۇرۇلۇپ،ساقلىقنى ساقلاش ئاتالغۇلىرىنى دورىغا بىرىش،يىمەكلىك جەھەتتە بىخەتەرلىك مۇھىم قىلىپ باشقۇرۇلدى.بىراق يىمەكلىكنى ساغلام بىر نام بىلەن ئاتاشنى باشقۇرۇشتا يەنىلا كەمچىللىكلەر مەۋجۇت.
1.2ئىككىنچى باسقۇچ:مەخسۇس بىخەتەر ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى بولغان يىمەكلىكنى نازارەت قىلىش
بۇ باسقۇچ 1995-يىلىدىكى"جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يىمەكلىك تازىلىق قانۇنى"نىڭ ئورنىنى 2009-يىلىدىكى"جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى "ئىلىشتەك ،ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ياخشىلىنىش جەريانىنى بىشىدىن كەچۈردى.
1995-يىلىدىكى"جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يىمەكلىك تازىلىق قانۇنى"دا ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى"ئالاھىدە ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئىپادىلەش،مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى چوقۇم گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈش"دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ،شۇنىڭدىن باشلاپ ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى قانۇنى ۋە نازارەت رامكىسى ئىنىق بولدى.
1.2.1 تىزىملىتىش ئىجازەت قىلىش تۈزۈمى
1996-يىلى سەھىيە تارماقلىرى "ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى"تارقىتىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قاتار باشقۇرۇش چارىسى،تەستىقلاش تەرتىپى،تەكشۈرۈش ئۇسۇلى،تېخنىك تۈزۈمى،تازىلىق ئۆلچىمى قاتارلىق قىلىپلاشقان ھۆججەت ۋە تېخنىك تەلەپلىرىنى ئىلان قىلىپ،"ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى خىتى"نى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ،مەمۇرىي مەشغۇلات،ۋە تېخنىكا بىلەن قوللاش ئىلىپ باردى.شۇ يىلدا ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ۋە چۈشەندۈرۈشىگە نىسبەتەن تەستىقلاش ئىلىپ باردى.2003-يىلى گوۋۇيۈەن ھەرقايسى ھەيئەتلەرنىڭ ئورنىدا تەڭشەش ئىلىپ بىرىپ،ساغلاملىق يىمەكلىرىنى تەستىقلاشنى توختىتپ،يىڭىدىن قۇرۇلغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ئىجازەتنامە بىرىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.
ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى تەستىقلاش ۋە ئىجازەتنامە بىرىش تۈزۈمى ئورنىتىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە،ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ ئىسمى ،مەزمۇنى ۋە باشقۇرۇش جەريانى بىر تەرەققىيات باسقۇچىنى بىسىپ ئۆتتى.
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمىنىڭ تولۇق بولىشى ئۈچۈن،سەھىيە تارماقلىرى 2003-يىلى"ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش تېخنىك ئۆلچىمى"نى تارقىتىپ،ئىقتىدارنىڭ ئىسمىنى قايتىدىن تەڭشەپ،تىرە ۋە ئاشقازان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىقتىدارنى ئايرىپ چىقىپ،تەستىقتىن ئۆتكۈزگەن ئىقتىدارنى 27تۈر قىلىپ ئۆزگەرتتى.
ئوخشاش ۋاقىتتا،2002-يىلدىن باشلاپ ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ 1959-يىلدىكى جوڭگو تىبابىتى ساغلاملىق دورىلىرىنى تەستىقلاش نومىرىنى بىكار قىلىپ،قىسمەن دورا ياسايدىغان زاۋۇتلارنىڭ ساغلاملىق يىمەكلىكرىنى تەتقىق قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،بۈگۈنكى ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزدى.
ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى چىقىش نۇقتىسى بولسا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش،ئۇنىڭدىن كىيىن ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى بازىرىدىكى سىتېش نۇقتىسىنى ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىغا قارىتىش كىرەك بولۇپ ئەمما بۇ خىل ئىقتىدار تېخنىكىلىق تونۇشنىڭ چەكلىمىسى ۋە ساتقۇچىلارنىڭ يالغان تەشۋىقاتى تۈپەيلىدىن دائىم گۇمانلىنىش ۋە تەنقىدكە ئۇچرايدۇ .
1.2.2 ئىشلەپچىقىرىش ۋە سىتېشنى باشقۇرۇپ،نازارەت قىلىش
ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بازاردا نۇرغۇنلىغان ساختا مەھسۇلاتلار پەيدا بولدى.مەلۇم نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ،جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىگە نىسبەتەن ئۇقۇشماسلىق ۋە ئارىلاشتۇرۋىتىشنى ،ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشىغا نىسبەتەن تەنقىدلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،جەمئىيەتنى ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى بازىرى قالايمىقان دېگەن تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويدى.
ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە،دۆلەتلىك سودا-سانائەت ئىدارىسى بازاردىكى بۇ خىل مەسىلىلەرگە نىسبەتەن"ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى بازىرىنى رەتلەش خىزمەت لاھىيسى"نى ئوتتۇرىغا قويدى،كىيىنلا سەھىيە تارماقلىرى،دۆلەت سۈپەت نازارەت قىلىش تەكشۈرۈش كارانتىن ئىدارىسىمۇ ئىشلەپچىقىرش ۋە سىتىشقا ئالاقىدار بىر تۈرلۈك قارارمىلارنى چىقىرىپ،ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇشىنى كۈچەيتتى.سەھىيە تارماقلىرى ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرگە،ھەريىلى بازارغا چىقىپ تەشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ،نۇرغۇن قىتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلدى.
بازارغا سىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئىجازەت بىلەن بازارغا چىققاندىن كىيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شەيئىلەردىكى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى مۇھىم تەرەپ بولۇپ،ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى قانۇنىنى تۇرغۇزۇشتا بۇ ئىككى تەرەپنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كىرەك.بىراق دۆلىتىمىزدە نۇرغۇنلىغان ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشتا بۇ ئىككى جەھەتتە مەسىلىلەر ساقلانغان.
2003-يىلدىن كىيىن ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇشى گوۋۇيۈەننىڭ بىر قانچە تارماقلىرىغا بۆلۈنگەن بولۇپ،دۆلەت يىمەكلىك ۋە دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى رويخەتكە ئىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛سەھىيە مەمۇرىي ئورۇنى ئىشلەپچىقىرىش سىتېش ئىجازەتنامىسىگە مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ بەزى كارخانىلار ئىشلەپچىقىرش سىتېش ئىجازەتنامىسىگە ئىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سۈپەت نازارەت تەكشۈرۈش كارانتىن ئىدارىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئىرىشىشكە ئىھتىياجلىق بولىدۇ؛سودا-سانائەت ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارماقلار بازارنى نازارەت قىلىشقا ئورتاق مەسئۇل بولىدۇ.بۇ خىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شەكلى بىر تەرەپتىن كارخانىلارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ،يەنە بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى باغلىنىشنىڭ قىيىنلىقى دەرىجىسىنى ئاشۇرۋەتتى،
ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ساھاسىدىكى بىر قەدەر مۇھىم قانۇن-بەلگىلىمە بولسا 2003-يىلى گوۋۇيۈەن تارقاتقان"بىۋاستە سىتېشنى باشقۇرۇش نىزامى"بولۇپ،بۇ قانۇن-نىزام ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى دۇككانلىرىىنڭ سىرىتقا سىتېش شەكلىنى بەلگىلەپ بەردى.بىۋاستە سىتېش شەكلىنى قوللانغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى تىز بولدى.
1.3ئۈچىنچى باسقۇچ:يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىغىر بىسىم شارائىتىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
2009-يىلى6-ئاينىڭ1-كۈنى،"جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يىمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى"نىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشى بۇ باسقۇچنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى.ئىچىدىكى 51-ماددىدا ئىنىق قىلىپ،دۆلەت ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ ئاتالغان يىمەكلىكلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىشنى بەلگىلىدى. "جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يىمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى" نىڭ ماددىلىرىدا ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلشنى بەلگىلىشى،ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش تارماقلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
تىزىملىتىش ۋە تېخنىك باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دۆلەت يىمەكلىك ۋە دورىلارنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش باشقارمىسى ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتىدىغان بىر قاتار قانۇن-نىزاملارنى ئىلان قىلىپ،تېخنىكىلىق باھالاشنىڭ ئادىل،ئوچۇق-ئاشكارا،ھەققانىي ۋە ئىنىق بولۇشنى يۇقىرى كۆتۈردى.
دۆلەت يىمەكلىك ۋە دورىلارنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش باشقارمىسى ساغلاملىق يىمەكلىكرىنى ئىشلەپچىقىرىپ سىتېشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتكۈزۋالغاندىن كىيىن ،باشقۇرۇپ نازارەت خىزمىتىدىكى ئەسلىدە بار بولغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن بىر قانچە تەدبىرلەنى قوللىنىپ،بىر قىسىم خام-ئەشيالارنىڭ تەلىپىنى كۈچەيتىپ،بىر قىسىم خام ئەشيالارنى ئايتىپ ئىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،مەسىلە چىققان خام-ئەشيالارغا مۇۋاپىق تەدبىر قوللاندى.
يىقىندىن بۇيان يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ئاللىقاچان جەمئىيەتتىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى،شۇنىڭ بىلەن بىرگگ ئوبىيكتىپلىق ۋە تېخنىكىلىق ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنىڭ كەمچىللىكىدىن ئىستىمالچىلاردا ئىۈىر تۈردە ئۇقۇشماسلىق كىلىپ چىقتى،يىمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بىرىشىگە ئەگىشىپ،ئامما يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئىغىر تۈردە ئىشەنمەي،بىر خىل ئەنسىرەش ئىچىدە قالدى.بۇنداق ۋەزىيەتتە ساغلاملىق يىمەكلىكلىرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى.شۈبىھسىزكى ساغلاملىق بىخەتەرلىك مەسىلىسى ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشتىكى ئالدىنقى مەسىلى بولۇپ قالدى،ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى جەميەتتىن كەلگەن ئىغىر بىسىمنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى،شۇنداقلا ئۈنۈمىگە نىسبەتەن گۇمانلار بار ئىدى،بۇ ئۈچىنچى باسقۇچتىكى ساغلاملىق يىمەكلىكلىرنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش ئىسلاھاتى يىڭى بىر رىقابەتكە يۈزلەنگەن ئىدى.
شۇڭلاشقا،دۆلەت يىمەكلىك ۋە دورىلارنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش باشقارمىسى ئىقتىدار دائىرىسىنى تەڭشەشنى ئىچىۋىتىپ،ئىقتىدارنى باھالاش چارىسىنى تۈزەتتى.جوڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي ساقلىقنى ساقلاش نەزەرىيسىنى ئىقتىدار دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق،جوڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي ساقلىقنى ساقلاش نەزەرىيسى يىتەكچىلىك قىلغان يىڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ،ئىقتىدار تەڭشىشىنىڭ تېخنىكىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،جەمئىيەتنىڭ ئىھتىياجى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىغا بولغا تونۇشنىڭ ئىلگىرلىگەنلىكىنى يىتەرلىك ھالدا ئىپادىلەپ بەردى.
بۇ باسقۇچتا ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ تەڭشەش ۋە ئىسلاھاتى ئەمدىلا باشلانغان بولۇپ،"ساغلاملىق يىمەكلىكلىرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامنامىسى"تېخى چىقمىغان بولۇپ،ئەڭ ئاخىرىقى تەرەققىياتى كەلگۈسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى جاۋاب بىرەلەيدۇ.