تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

سۈت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش

سۈت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 1124 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سۈت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش


يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى چوڭ جەھەتتىن 31 تۈرىگە بۆلۈنىدۇ . ئۇلار :


1. ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات
2. ئۆسۈملۈك مېيى ، ياغ ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بويۇملار زاۋۇتى
3. يېمەكلىك دورا-دەرمەكلىرى ( قورۇما دورا-دەرمەكلىرى، تېتىتقۇلار ) زاۋۇتى قۇرۇش
4. گۆش مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
5. سۈت مەھسۇلاتلىرى
6. ئىچىملىك
7. قولايلىق يېمەكلىكلەر
8. پېچىنە تۈرىدىكىلەر
9. كونسېرۋا
10.سوغۇق يېمەكلىكلەر
11. تىز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر
12. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر
13. كەمپۈت تۈرىدىكىلەر
14. چاي ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار
15. ھاراق تۈرىدىكىلەر
16. سەي -كۆكتات تۈرىدىكىلەر
17. مېۋە - چېۋە تۈرىدىكىلەر
18. قورۇلغان يېمەكلىك ۋە چىداملىق يېمەكلىكلەر
19. تۇخۇم تۈرىدىكىلەر
20. كولا ۋە قەھۋە تۈرىدىكىلەر
21. يېمەكلىك شېكەر
22سۇ مەھسۇلاتلىرى
23. كىراخمال ۋە كىراخمال تۈردىكى مەھسۇلاتلار
24. تورت تۈردىكى مەھسۇلاتلار
25. پۇرچاق تۈردىكى مەھسۇلاتلار
26. ھەسەل مەھسۇلاتلىرى
27. ساغلاملىق يېمەكلىكى
28. ئالاھىدە تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان رېتسېپلىق يېمەكلىكلەر
29. بوۋاقلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرى
30. ئالاھىدە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر
31. باشقا تۇردىكى يېمەكلىكلەر دەپ 31 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ .




بۇ 31چوڭ تۈر يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ . تۆۋەندە بىز 5- چوڭ تۈر بولغان سۈت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىنچىكە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :


1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.


يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى سۈت مەھسۇلاتى سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت،سۈت تالقىنى ۋە باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


سۈت مەھسۇلاتىنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 3،يەنى سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت (باستىزاتسىيەلەنگەن سۈت،يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مىكروبسىزلاندۇرۇلغان سۈت،مىكروبسىزلاندۇرۇلغان سۈت)؛


سۈت تالقىنى (قايماقلىق سۈت تالقىنى،قايمىقى سۈزۋىتىلگەن سۈت تالقىنى،قايماقلىق شېكەر قوشۇلغان سۈت تالقىنى،تەمى تەڭشەلگەن سۈت تالقىنى،ئالاھىدە رېتسېپلىق سۈت تالقىنى،كالا ئوغۇزى سۈت تالقىنى)؛


باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرى(قويۇقلاندۇرۇلغان سۈت،قايماق،ئىرىمچىك،قاتتىق شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن سۈت) قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم ئايرىم ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىنىدۇ.


سۈت مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.


سۈت مەھسۇلاتلىرى


0501 سۈت سۇيۇقلۇقى
1 . باستىرزاتسىيىلەنگەن سۈت سۇيۇقلۇقى(باستىرزاتسىيىلەنگەن سۈت سۇيۇقلۇقى)
2. تەڭشەلگەن سۈت سۇيۇقلۇقى ( تەڭشەلگەن سۈت سۇيۇقلۇقى )
3. يۇقۇمسىزلاندۇرۇلغان سۈت سۇيۇقلۇقى ( يۇقۇمسىزلاندۇرۇلغان سۈت سۇيۇقلۇقى )
4. ئىچىتىلغان سۈت سۇيۇقلۇقى ( ئەسلى تەملىك يۇقۇمسىزلاندۇرۇلغان سۈت سۇيۇقلۇقى ، تەملىك يۇقۇمسىزلاندۇرۇلغان سۈت سۇيۇقلۇقى ، قېتىق قاتارلىقلار )


0502 سۈت تالقىنى
1. تولۇق قايماقلىق سۈت تالقىنى ( تولۇق قايماقلىق سۈت تالقىنى)
2. ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تالقىنى ( ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تالقىنى )
3. بىر قەدەر ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تالقىنى ( بىر قەدەر ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تالقىنى )
4. تەڭشەلگەن سۈت تالقىنى ( تەڭشەلگەن سۈت تالقىنى )
5. يىڭى كالا سۈتى تالقىنى ( يىڭى كالا سۈتى تالقىنى )




0503 باشقا سۈت تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار


1. پىششىقلانغان سۈت (پىششىقلانغان سۈت )
2. خام قايماق(خام قايماق )
3. سۇيۇق قايماق ( سۇيۇق قايماق )
4. سۇسىزلاندۇرۇلغان قايماق ( سۇسىزلاندۇرۇلغان قايماق )
5. پىشلاق (پىشلاق )
6. قايتا ئىشلەنگەن پىشلاق ( قايتا ئىشلەنگەن پىشلاق )





بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى