دىلدوسىت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، شىركەت ۋاكالەتچىلىكى ، ماركا – پاتېنىت ۋاكالەتچىلىكى ، باج – بوغالتىرلىق ۋاكالەتچىلىكى ، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش (QS بېجىرىش) ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئىجازەتنامە ۋاكالەتچىلىكى ، يېڭى مەھسۇلات رتسىپى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنىلەش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت بىكىتى . شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇر: 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر تەشكىلى قۇرۇلما جەھەتتە چوڭ شىركەتلەرنى دورىماسلىقى كېرەك.

يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر تەشكىلى قۇرۇلما جەھەتتە چوڭ شىركەتلەرنى دورىماسلىقى كېرەك.

ۋاقتى: 2016-03-22 ئاۋاتلىقى: 1217 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر تەشكىلى قۇرۇلما جەھەتتە چوڭ شىركەتلەرنى دورىماسلىقى كېرەك.


يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەرگە مۇھىم بولغىنى ھەر قايسى بۆلۈملەرنى تولۇقلاش بولماستىن،بەلكى خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش،ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش،يەنە بىر تەرەپتىن،ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش،ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرمەسلىك.ھەر قايسى بۆلۈملەر ئىش تەقسىماتتا ھەمكارلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش،خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش،كارخانىنىڭ تېز ئايلىنىشتىكى تەشكىلى قۇرۇلما مۇۋاپىق بولۇش.تۆۋەندىكىلەر تەشكىلى قۇرۇلمىنى لايىھەلەشتە دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەر:


1-سېتىش بۆلۈمى بىلەن مالىيە بۆلۈمىنىڭ قۇرۇلمىسى.


كىرىم كارخانىنىڭ جان تومۇرى،ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى ئۈچ ئايلىق سېتىش ئەھۋالى،كۆپىنچە ئەھۋالدا يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.ئەگەر چوڭ كارخانىلار ‹باشقۇرۇش› ئارقىلىق زورايغان بولسا،يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار ‹سېتىش›ئارقىلىق زورىيىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،سېتىش بۆلۈمىنىڭ تەشكىلى لايىھەسى ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىش.بازار بىلەن سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىقتىدارنى ئايرىش ياكى ئايرىماسلىق،باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە كېڭەيتىش خىراجىتىنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى قانداق تەقسىملەش،ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى خادىملارنىڭ سېتىش خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە،نۇرغۇن يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە ۋەيران بولۇشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب،ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلدىكى تىرىلمەس ھېساب بەك كۆپ بولۇش،تۇراقسىز مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مالىيە باشقۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىدۇر. يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ مالىيە بۆلۈمىدە دائىم بىر بوغالتىر،بىر كاسسىر بولۇپ ئۇچرىغان رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ.ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مالىيە نازارەتچىلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى،مالىيە باشقۇرۇشنى ئاددىي ھالدىكى ھېساباتقا كىرگۈزۈش دەپ قارىماستىن كەسپى خادىملارنى مەسئۇل قىلىش،مۇۋاپىق بولغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمنى ۋە مۆلچەر سىستېمىنى تۈزۈش كېرەك.


2-‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› ياكى ‹ئىشنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش›


‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› ياكى ‹ئىشنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› دا ئېنىق ھۆكۈم يوق. ئىلىم-پەن ساھەسىدە ‹ئىشنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش›نى تەكىتلىسىمۇ نۇرغۇن باشقۇرغۇچىلار ‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش›نى تەشەببۇس قىلىدۇ.سەۋەبى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئېرىشىش پۇرسىتى ئاز بولۇپ،ئۇلار ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالىمايدۇ.يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار ئىختىساسلىق خادىملار يېتىشمەسلىكتەك مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ،چۈنكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى بارلىق باشقۇرۇش بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولالمايدۇ،يەنە كېلىپ سېتىش دىرېكتورى،مالىيە بۆلۈم دىرېكتورى قاتارلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىش ھەققىنى تۆلىيەلمەيدۇ.چوڭ شىركەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر بىر ياكى بىر نەچچە كىشىنىڭ شىركەت ئۈچۈن كىرىم كىرگۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا،بەلگىلىك دەرىجە ۋە دائىرىدىكى ‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› زۆرۈردۇر.بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇن،‹ئىشنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› مەڭگۈ ئاساسى ئېقىن بولىدۇ،‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› بولسا ئالاھىدە ئەھۋالدۇر.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى