يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر تەشكىلى قۇرۇلما جەھەتتە چوڭ شىركەتلەرنى دورىماسلىقى كېرەك.
-
يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر تەشكىلى قۇرۇلما جەھەتتە چوڭ شىركەتلەرنى دورىماسلىقى كېرەك.
ۋاقتى: 2016-03-22 ئاۋاتلىقى: 1217 قېتىميانفوندا كۆرۈش
يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر تەشكىلى قۇرۇلما جەھەتتە چوڭ شىركەتلەرنى دورىماسلىقى كېرەك.
يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەرگە مۇھىم بولغىنى ھەر قايسى بۆلۈملەرنى تولۇقلاش بولماستىن،بەلكى خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش،ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش،يەنە بىر تەرەپتىن،ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش،ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرمەسلىك.ھەر قايسى بۆلۈملەر ئىش تەقسىماتتا ھەمكارلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش،خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش،كارخانىنىڭ تېز ئايلىنىشتىكى تەشكىلى قۇرۇلما مۇۋاپىق بولۇش.تۆۋەندىكىلەر تەشكىلى قۇرۇلمىنى لايىھەلەشتە دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەر:
1-سېتىش بۆلۈمى بىلەن مالىيە بۆلۈمىنىڭ قۇرۇلمىسى.
كىرىم كارخانىنىڭ جان تومۇرى،ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى ئۈچ ئايلىق سېتىش ئەھۋالى،كۆپىنچە ئەھۋالدا يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.ئەگەر چوڭ كارخانىلار ‹باشقۇرۇش› ئارقىلىق زورايغان بولسا،يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار ‹سېتىش›ئارقىلىق زورىيىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،سېتىش بۆلۈمىنىڭ تەشكىلى لايىھەسى ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىش.بازار بىلەن سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىقتىدارنى ئايرىش ياكى ئايرىماسلىق،باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە كېڭەيتىش خىراجىتىنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى قانداق تەقسىملەش،ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى خادىملارنىڭ سېتىش خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە،نۇرغۇن يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە ۋەيران بولۇشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب،ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلدىكى تىرىلمەس ھېساب بەك كۆپ بولۇش،تۇراقسىز مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مالىيە باشقۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىدۇر. يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ مالىيە بۆلۈمىدە دائىم بىر بوغالتىر،بىر كاسسىر بولۇپ ئۇچرىغان رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ.ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مالىيە نازارەتچىلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى،مالىيە باشقۇرۇشنى ئاددىي ھالدىكى ھېساباتقا كىرگۈزۈش دەپ قارىماستىن كەسپى خادىملارنى مەسئۇل قىلىش،مۇۋاپىق بولغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمنى ۋە مۆلچەر سىستېمىنى تۈزۈش كېرەك.
2-‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› ياكى ‹ئىشنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش›
‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› ياكى ‹ئىشنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› دا ئېنىق ھۆكۈم يوق. ئىلىم-پەن ساھەسىدە ‹ئىشنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش›نى تەكىتلىسىمۇ نۇرغۇن باشقۇرغۇچىلار ‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش›نى تەشەببۇس قىلىدۇ.سەۋەبى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئېرىشىش پۇرسىتى ئاز بولۇپ،ئۇلار ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالىمايدۇ.يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار ئىختىساسلىق خادىملار يېتىشمەسلىكتەك مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ،چۈنكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى بارلىق باشقۇرۇش بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولالمايدۇ،يەنە كېلىپ سېتىش دىرېكتورى،مالىيە بۆلۈم دىرېكتورى قاتارلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىش ھەققىنى تۆلىيەلمەيدۇ.چوڭ شىركەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر بىر ياكى بىر نەچچە كىشىنىڭ شىركەت ئۈچۈن كىرىم كىرگۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا،بەلگىلىك دەرىجە ۋە دائىرىدىكى ‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› زۆرۈردۇر.بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇن،‹ئىشنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› مەڭگۈ ئاساسى ئېقىن بولىدۇ،‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش› بولسا ئالاھىدە ئەھۋالدۇر.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
خارۋارد ئۇنېۋىرىستېتى ئايال مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوق
2015-10-23 19:19:481088يېمەكلىك تىجارىتى قىلىش ئىجازەتنامىسى ھەققىدە چۈ
2015-11-29 11:22:26821شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چ
2015-10-27 09:08:351892تەجرىبە خادىمى قوبۇل قىلىنىدۇ
2015-11-08 12:00:42777شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كارخانا ئۆلچەمنى
2015-11-16 17:05:141266‹ئىچكى قىسىم قۇرۇلۇش چېرتيوژى› نى سىزىپ بولدىڭىز
2015-12-21 20:17:10709پاتېنتنىڭ قايسى تۈرلىرى بار؟
2016-01-02 23:36:48659ئەمگەك توختامى (مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تامام
2015-11-05 18:46:111000
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-