پاتېنتنىڭ قايسى تۈرلىرى بار؟
-
پاتېنتنىڭ قايسى تۈرلىرى بار؟
ۋاقتى: 2016-03-23 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىميانفوندا كۆرۈش
پاتېنتنىڭ قايسى تۈرلىرى بار؟دۆلىتىمىزدە پاتېنت كەشپىيات،ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ ، تاشقى لايىھەدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.كەشپىيات كۆرسىتىدىغىنى مەھسۇلات،ئۇسۇل ياكى ئۇنى يېڭىلاش ئۇچۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تېخنىكىلىق پىلان. ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ كۆرسىتىدىغىنى مەھسۇلاتنىڭ شەكلى ، تۈزۈلۈشى ياكى ئۇنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەلى ئىشلىتىشكە ماس كەلگەن يېڭى پەن تېخنىكىلىق پىلان.تاشىقى لايىھە كۆرسىتىدىغىنى مەھسۇلاتنىڭ شەكلى،نۇسخىسى ياكى ئۇنى بىرلەشتۈرۈش شۇنداقلا رەڭ ،شەكىل،نۇسخا بىرلەشتۈرۈش قىلىنغان ،گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان ھەم سانائەتتە قوللىنىشقا ماس كېلىدىغان يېڭى لايىھە.بۇ ئۈچ خىل پاتېنت ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەتنى ئۇلار ۋە «مەھسۇلات»نىڭ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىزاھلاشقا بولىدۇ.ئاۋۋال،كەشپىيات ۋە ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ مەھسۇلاتنىڭ تېخنىكا ساھسىگە چېتىلىدۇ،مەسىلەن يېڭى مەھسۇلاتنىڭ شەكلى، تۈزۈلۈشى،مەھسۇلاتنىڭ ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار؛تاشقى لاھىيە بولسا مەھسۇلاتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا چېتىلىدۇ،مەھسۇلاتقا گۈزەللەشتۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان يېڭى لايىھە، ئۇ مەھسۇلاتنىڭ تېخنىكا ساھەسىگە چېتىلمايدۇ.ئاندىن،ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ پەقەت كەشپىياتنىڭ كىچىككىنە بىر بۆلىكىگە چېتىلىدۇ،يەنى پەقەت ماكرو مەھسۇلاتنىڭ(كۆز بىلەن پەرق ئەتكىلى بولىدىغان مەھسۇلات)شەكلى ۋە تۈزۈلۈشىگە چېتىلىدۇ،مىكرو مەھسۇلاتقا چېتىلمايدۇ،يەنە مەھسۇلاتنىڭ ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا چېتىلمايدۇ.شۇنداقلا ، ئىجادچانلىق جەھەتتىن قارىغاندا ، ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپنىڭ ئىجادچانلىقى كەشپىياتنىڭ ئىجادچانلىقىدىن تۆۋەن ،شۇڭلاشقا ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ «كىچىك كەشپىيات»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئاخىردا، تاشقى لايىھە ۋە ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ ئىككىلسى مەھسۇلاتنىڭ شەكلىگە چېتىلىدۇ،لېكىن ئوخشىمايدىغىنى ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ بىر خىل تېخنىكىلىق پىلان،ئۇ چېتىلىدىغان شەكىل مەھسۇلاتنىڭ تېخنىكىلىق ئۈنۈمى ۋە رولى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىنغان؛تاشقى لايىھە بولسا ئۇ بىر خىل لايىھە پىلان ،ئۇ چېتىلىدىغان شەكىل مەھسۇلاتنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىنغان.ئادۋوكات كۆرسەتمىسىكەشپىيات، ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ ۋە تاشقى لايىھە ئومۇميۈزلۈك پاتېنت دەپ ئاتىلشى،دۆلىتىمىز پاتېنت قانۇنىنىڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى.كۆپچىلىك دۆلەتلەردە ، پاتېنت پەقەت كەشپىياتنى كۆرسىتىدۇ ، ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ ۋە تاشقى لايىھە ئىككىلىس مەخسۇس ھوقۇق،باشقا مۇناسىپ قانۇن قېلىپلاشتۇرۇش ئېلىپ باردۇ.مەسىلەن،گېرمانىيەنىڭ « ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ قوغداش قانۇنى»،ئەنگلىيەنىڭ«تاشقى لايىھە ئاپتور ھوقۇقى».قانۇنى ئۇلىنىش« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى »2-ماددىسى قانۇن بەلگىلىگەن ئىجادى كەشپىيات كۆرسىتىدىغىنى كەشپىيات ، ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ ۋە تاشقى لايىھە.كەشپىيات كۆرسىتىدىغىنى مەھسۇلات، ئۇسۇل ياكى ئۇنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تېخنىكىلىق پىلان .ئەمەلى ئىشلىتىشچان يېڭى تىپ كۆرسىتىدىغىنى مەھسۇلاتنىڭ شەكلى ، تۈزۈلۈشى ياكى ئۇنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەلى ئىشلىتىشكە ماس كەلگەن يېڭى پەن تېخنىكىلىق پىلان.تاشىقى لايىھە كۆرسىتىدىغىنى مەھسۇلاتنىڭ شەكلى،نۇسخىسى ياكى ئۇنى بىرلەشتۈرۈش شۇنداقلا رەڭ ،شەكىل،نۇسخا بىرلەشتۈرۈش قىلىنغان ،گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان ھەم سانائەتتە قوللىنىشقا ماس كېلىدىغان يېڭى لايىھە.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئىگلىك تىكلەش ۋە تىجارەت
2015-12-30 23:23:081102سۈت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
2015-12-16 13:36:48635شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى سۇئال جاۋاپلار
2015-11-03 06:59:221211دۆلىتىمىزنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقرىشنىڭ ئارق
2015-11-25 14:07:321003ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرىكى ئومۇمىي پىلان
2016-01-01 13:20:341029جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى
2016-03-15 13:52:28254ئىچىملىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
2015-12-23 11:32:521060‹ئىچكى قىسىم قۇرۇلۇش چېرتيوژى› نى سىزىپ بولدىڭىز
2015-12-21 20:17:10709
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-