دۆلىتىمىزنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقرىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
ۋاقتى: 2016-08-08
ئاۋاتلىقى: 1335 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دۆلىتىمىزنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقرىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
جۇڭگو تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ نوپۇسنىڭ كۆپىيىش، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئازىيشى، ئوتلاقلارنىڭ چېكىنىشى، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىشى، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنىڭ بولغىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈنسېرى ئېغىرلاشتى. مۇھىت ئاسراش ۋە بايلىقنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈىيەتكە ئايلاندى.
80-يىللاردىن كېيىنكى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگو شەھەر- يېزىلىرىدىكى خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيىسى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىدە كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كىيىمى پۈتۈن، قورسقى توق بولۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن يېمەكلىك سۈپىتىگە بولغان تەلىپى كۈندىن –كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛
(1) سۈپەت تەلىپى كۈندىن –كۈنگە يۇقىرىلاشتى. تۈرلىرى سەر خىل بولۇش، ئورۇقلۇق تەركىبى مول بولۇش، پۇرىقى ۋە تەمى ياخشى بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(2) ئىش قوشۇش سۈپىتىگە بولغان تەلىپى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەر خىل تولۇقلىغۇچى خۇرۇچلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش چەكلەندى.
(3) پاكىزلىق ۋە بىخەتەرلىك تەلىپى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېمەكلىك تەركىبىدە دېھقانچىلىق دورا قالدۇقى ۋە ئېغىر ئېلېمېنىتلاردىن بولغىنىش بارمۇ- يوق دېگەنلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولدى.
1989-يىلى، دۇنيا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەتسىنىڭ، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك ۋە ئورگانىڭ يېمەكلىك تەسىرىدە دۆلىتىمىز يېشىل يېمەكلىكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم يېشىل يېمەكلىكلەر ئۇقۇمىنى تۇرغۇزدى.
1990-يىلى 5-ئايدا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدا يېشىل يېمەكلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى قۇرۇلۇپ، يېشىل يېمەكلىكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەسمىيى ئېلان قىلىندى.
1993-يىلى، جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزىي خەلىقئارالىق يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىك ھەرىكەت بىرلەشمىسى (ئىتتىپاقى) گە قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقتى. ئارقىدىنلا نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېشىل يېمەكلىك گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. يېشىل يېمەكلىكلەر جامائەتنىڭ ئىشىنىش ۋە تەسىر كۈچى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئېسىل بۇيۇمىغا ئايلاندى.