ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-11-07
ئاۋاتلىقى: 1615 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئاقسۇنىڭ يۇرت ماكان بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى مىلادىدىن نەچچە ئون ئەسىر ئىلگىرىدىن ئىزدەش مۇمكىن، ئەسلىدە تارىمنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئەتراپىدا گۈللەنگەن شەھەر، يۇرتلار كېيىنچە ئىنسانلار پائالىيىتى نەتىجىسىدە چۆللىشىپ ھازىرقى چەت – ياقا جايلىرى ۋە تاغ سۈيىگە باغلىق رايونلىرىلا ئامان قالغان ۋە ئاقسۇنىڭ ئىنسانلار توپلىشىپ ياشايدىغان ئاۋات جايلىرى شىمالغا سۈرۈلۈپ، ھازىرقى ھالەت شەكىللەنگەن، شۇنداقتىمۇ ھازىرقى ئاقسۇ دائىرىسىنى تارىم دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى شاخچىلىرى ئوراپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ ئىللىق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن شەرقىي مىردىئان ′05°84-′02°78 شىمالىي پاراللېل ′40°42 - ′30°39 غا توغرا كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 132000 كۋادرات كىلومېتىر، قىرۇسىز مەزگىلى 200 كۈن ئەتراپىدا، ئوتتۇرىچە ھۆل – يىغىن مىقدارى 100 مىللىمېتىر بولىدۇ. مول يەر ئاستى سۈيى ۋە تاغ – دەريا نەم كېلىماتىغا ئىگە. بولۇپمۇ كۇچار، توقسۇ، شايار قاتارلىق جايلار تىپىك مۆتىدىل بەلۋاغ ئىللىق ئىقلىمىغا ئىگە، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاقسۇ ۋادىسى ھاۋاسىنىڭ قۇرغاقلىشىش دەرىجىسى يۇقىرىلاپ كىلىمات سۈپىتى يامانلاشماقتا، بۇ شۇ جايدىكى ئىنسانلار خاراكتېرىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
مىزاجى: كىلىماتنىڭ نىسبەتەن مۆتىدىل ۋە نەملىكى، مېۋە – چېۋە ئىستېمالىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىن ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ مىزاجىنى ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق، ھۆل ئىسسىق، قۇرۇق ئىسسىق دېگەن تەرتىپ بويىچە تىزىشقا بولىدۇ.
خىلىتى: ئاقسۇ كىشىلىرىنى خىلىت ئېتىبارىدىن بەلغەم، سەۋدا، قان، سەپرا خىلىتلىق كىشىلەر دەپ بۆلۈش مۇمكىن. ئومۇمەن ئۇلارنىڭ تەن ساپاسى، ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى، پسىخىك سۈپىتى ئۇشبۇ يەكۈننى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.
چىراي شەكلى ۋە تەققى – تۇرقى: ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى ئاقپىشماق، سەل – پەل بۇغداي ئۆڭ، بېشى يۇمىلاق، يۈزى كەڭ گۆشلۈك، چاچلىرى قارا ۋە دولقۇنلۇق، قوي كۆز، يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، ساقال – بۇرۇتلىرى ئوتتۇراھال، بۇرنى كەڭرەك ۋە تۈز، پىشانىسى كەڭ بولىدۇ، كىشىلىرى ئوتتۇرا بوي كېلىدۇ، خام سېمىز كىشىلەر مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
مېڭىش – تۇرۇشى: ئالدىرىماي، ئۆز خىيالىدا ماڭىدۇ، كۆرۈشكەندە مۇلايىملىق ۋە ئۆزرە بىلەن كۆرۈشىدۇ.
كىيىنىشى: ئادىي – ساددا ۋە پاكىز كىيىنىدۇ، دوپپا ۋە بۆكنى ئەتىۋارلايدۇ، ئاياللىرى ئۇزۇن ۋە زەر تۇتقان گۈللۈك رەخلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
يېمەك – ئىچمىكى: ئاقسۇنىڭ كۆپىنچە ناھىيىلىرىدە بۇغداي، شال تېرىلىدۇ، مېۋە – چېۋىلەردىن ئۈزۈم، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئانار، خورما، ئالما، قوغۇن، تاۋۇز، ئاق ئۈجمە قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ، كۆكتاتلاردىن سەۋزە، ياڭيۇ، چامغۇر، كەرەپشە، يېسىۋىلەك قاتارلىقلار يېتىشتۈرۈلىدۇ، ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، يازدا مېۋە – چېۋىلەر تولۇپ كېتىدۇ، قىشتا قۇرۇتۇلغان گۈلە، قۇرۇتۇلغان ئۈجمە، ھۆل ئۈزۈم قاتارلىقلارمۇ ئاسان تېپىلىدۇ، شۇڭا مېۋە – چېۋە ئىستېمال قىلىش ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇھىم يېمەك – ئىچمەك مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. قەشقەر كىلىماتىغا قارىغاندا نىسبەتەن نەم بولغان كىلىماتتا يېتىشتۈرۈلگەن زىرائەتلەر، مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلار كىشىلەرنىڭ مىزاجى ۋە خىلىتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئالاھىدىلىكى: ئاقسۇنىڭ سۈيى ئەلۋەك، مېۋە – چېۋىسى مول بولۇپ، كىشىلىرى ئاددىي – ساددا، تۈز، كەمتەر، شۈكرىچان كېلىدۇ. دېھقانچىلىق قىلىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ، كەسىپ ۋە تىجارەت قىلىدىغانلار كۆپىنچە باشقا شەھەرلەردىن كېلىدۇ. ئادەتتە باغۋەنچىلىك ۋە تېرىمئىشلىرىغا ماھىر كېلىدۇ، كۆڭۈلچەك، ساددا، خالس تەرەپلىرى كۆپ، جىددىي ئەمەس، لېكىن، باشقا يۇرتقا بېرىپ ئوقۇغان ۋە تۇرۇپ قالغان كىشىلىرى تىرىشچان، كۈچلۈك بولۇپ يېتىشىدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەتكە ھېرىس، مېھماندوست، ناخشا – ئۇسسۇل ۋە ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرىدە ئۆچمەس ئىزلارنى يارىتىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىي پسىخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىەە زور تەسىر كۆرسەتكەن.
كۈندىلىك مۇھىم پائالىيىتى: دېھقانچىلىق، ئۆيگە كىرىپ – چىقىش، خىزمەتكە بېرىش – كېلىش، سودا – سېتىق، كۆڭۈل خۇش قىلىش.
سالامەتلىك كۆرسەتكۈچى: 1 ) روھىي جەھەتتە: رىقابەت ۋە جىددىيلىك ئۇدۇل كەلمىگۈچە ئانچە تىرىشمايدۇ. دىلىغۇل بولىدۇ، ئۆزىدە پسىخىك توسالغۇ كۆپرەك. 2) جىسمانىي جەھەتتە ئۆپكە، يۈرەك، قول – پۇت ھەمدە تېرە كېسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ.
تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: تاكى شايارغىچە بولغان جايلاردا كىشىلەر تۇرپان شىۋىسىەە يېقىن ئاھاڭدا سۆزلەيدۇ. ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىن باشلاپ تاكى ئۈچتۇرپانغىچە بولغان رايون كىشىلىرى تەدرىجىي ھالدا ھەجۇب تەلەپپۇزىغا يېقىنلىشىپ ماڭىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرمۇ بار. مەسىلەن: ھەر بىر سوئاللىق ئاياغلاشقان پېئېلنىڭ ئاخىرىغا «يا» قوشۇلىدۇ، بېرىپ، قىلىپ، ئېلىپ، قاتارلىق سۆزلەردە چوقۇم «ي» ھەرپى پېئىلنىڭ ئاخىرقى ھەرىپىنىڭ ئالدىغا «يېرىم ھەرپ» شەكلىدە قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: قىلىيىپ (قىلىپ) قاتارلىقلار. بىر – بىرىنى «سىيلى، ئۆزلىيرى» دەپ ئاتىشىدۇ، كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرىدىن: قارى، بار سىنىيلا «بېرىشسىلا)، كەتكىيلا( كېتىۋەرسىلا) ... قاتارلىقلار.