ياخشى ئوي-پىكىرنى ھەر ۋاقىت قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.
ۋاقتى: 2016-08-06
ئاۋاتلىقى: 1014 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ياخشى ئوي-پىكىرنى ھەر ۋاقىت قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.
جون بەكمۇ خۇشال ئىدى. چۈنكى ‹10مىڭ ھەسسە›پىلانى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەنىدى. ئۇ ئايالىغا بۇ پىلانىنى ئېيتتى. يەنە خاتىرىسىگىمۇ خاتىرىلىۋالدى. ئۇ ئەمدى ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇنازىرلىشىدىغان بولدى. مەيلى ماشىنا ياساۋاتقان چاغدا بولسۇن ياكى يۇيۇنۇۋاتقان چاغدا بولسۇن بەزىدە تېخى ئۇخلاپ ئويغانغان چاغلاردىمۇ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ كېتەتتى.ئۇندىن باشقا جون ھازىر يېنىدىن قەلەم-قەغەز ئايرىمايدۇ. تۇيۇقسىز كاللىسىغا ياخشى ئوي-پىكىرلەر كەلگەندە قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ،دەرھال خاتىرىلىۋالىدۇ. قەلەم-قەغەز تاپالمىسا،ئېسىدە ساقلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ خىل ئوي پىكىرلەرنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيەسىنى پۇل تېپىشنىڭ ئاساسى كۆز قارىشىنى بېكىتكەنلىك،سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى بېكىتكەنلىك. كارخانا ئىدىيەسى پەقەت بىر جۈملە سۆز.بىر جۈملە شوئار دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيەسىنى كارخانا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق كېرەكسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ ۋە ئىدىيەنىڭ كارخانىغا بولغان باشلامچىلىق رولىنى يوقىتىپ قويىدۇ. كارخانا ئىدىيەسى ئاددىي بولۇشى لېكىن ئاددىيلىقنىڭ ئىچىدە كۆپ تەرەپلىك ئۇچۇر بولۇشى كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيەسى كارخانىچىنىڭ توختىماستىن يېڭى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشى،ئويلىنىشى،تۈزىتىشى ئارقىلىق تاللاپ چىقىلغان بولۇشى كېرەك. بۇ خىل ئىدىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ياخشى بولغان ئوي-خىياللىرىمىزنى خاتىرىلەپ مېڭىشىمىز كېرەك.
ئويلىغانسېرى تەپەككۇرىمىز تېزلىشىدۇ.تەپەككۇرىمىز تېزلەشكەنسېرى بايلىق مەنبەسىمۇ بىزگە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ