كورلا ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-08-11
ئاۋاتلىقى: 1140 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كورلا
كورلا قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تارىم ۋادىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن شەرقىي مېردىئان ′38°82 - ′45°93، شىمالىي پاراللېل ′38°35- ′26° گە توغرا كېلىدۇ، يەر مەيدانى 478700 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇملۇق 50 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. تاغ 35 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، ئىقلىمى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغ ۋە مۆتىدىل بەلۋاغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا كىرىدۇ، ئوتتۇرىچە ھۆل يىغىن مىقدارى 120 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. كورلا قەدىمدىن بۇيان يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن بولغاچقا، ئەينى دەۋرىدە سودا – سېرىق، ئىلىم – مەرىپەت گۈللەنگەن. بولۇپمۇ كورلا، قارا شەھەر، بۈگۈن ۋە چەرچەن خەلقى قەدىمكى زامانلاردا ئىلىم ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. كورلا تەۋەسىدىكى نۇرغۇن مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى ۋە ئاسرە – ئەتىقىلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ. كورلىنىڭ تەبىئىي شارائىتى يېقىنقى ئەسىرلەردىن قۇرغاقلىشىشقا باشلاپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا پارچە – پارچە بوستانلىقلارغا ئايلىنپ قالدى.
مىزاجى: كورلىلىقلارنىڭ مىزاجىنى يېمەك – ئىچمەك، كىلىمات ھەمدە تۇرمۇش ئادىتىگە ئاساسەن، قۇرۇق سوغۇق، قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، ھۆل ئىسسىق دېگەن تەرتىپ بويىچە تىزىش مۇمكىن.
خىلىتى: خىلىتى ئېتىباردىن كورلا كىشىلىرىنى سەۋدا،سەپرا، بەلغەم، قان دېگەن تەرتىپكە تىزىش مۇمكىن.
تەققى – تۇرقى ۋە چىراي شەكلى: كورلا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ، كورلىنىڭ ئۆزىدە ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، كېيىنچە بۇ يەرگە تۇرپان ئۇيغۇرلىرى كۆپرەك تەسىر كۆرسەتكەن، ھازىر بىر قەدەر ئالاھىدىلىككە ئىەە قىسمى لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى بولۇپ، ئۇلار سارغۇچ ئۆڭلۈك، بېشى يۇمىلاقراق، بويى ئوتتۇراھال، يۈزىنىڭ داس سۆڭىكى چوڭراق، بۇرنى تۈز قېلىنراق، بۇرۇن تۆشۈكلىرى سەل چوڭراق، يۈزلىرى قىسقا ھەم كەڭ، چاچلىرى تۈز ۋە قويۇق، كۆز قارىچۇقى قارا، قاپىقى تار، ئەمما قېلىنراق، ساقال – بۇرۇتلىرى ئۇتتۇراھال بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.
يېمەك – ئىچمىكى: كورلىنىڭ شىمالىي قىسىم ناھىيىلىرىدە ھۆل – يېغىن بىر قەدەر مول، بۇغداي، گۈرۈچ ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدۇ، كۆكتاتمۇ كۆپ تېرىلىدۇ، يېمەك – ئىچمەكتە نان، لەغمەن، سۇيۇقئاش، كاۋاپ قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ، مېۋىلەردىن، تاۋۇز، ئۆرۈك، ۋە ئۈزۈم ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، غەرب ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى نىسبەتەن قۇرۇقراق بولۇپ، بۇغداي، قوناق، كېۋەز تېرىلىدۇ، يېمەك – ئىچمەكتە ئۇن تاماقلىرى ئاساس قىلىنىدۇ، مېۋىلەردىن نەشپۈت، ئامۇت، ئۆرۈك، ئۈزۈم، قوغۇن قاتارلىقلار بار. دەريا ۋە كۆل بېلىقلىرىمۇ ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: كورلا ئۇيغۇرلىرى مۇلايىم، ئىززەت – ئېكراملىق، چىقىشقاق كېلىدۇ، دېھقانچىلىق، ئۇۋچىلىق ۋە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، باغ، ئورمان يېتىشتۈرۈشكە ھېرىس كېلىدۇ. ئەمام ھۈنەر – كەسىپ، تىجارەت بىلەن ئانچە شۇغۇللانمايدۇ.
سالامەتلىك ئەھۋالى: كورلىدا ئېغىر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئاساسەن تېرە كېسەللىكلىرى، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپرەك دېگەن مەلۇماتلار بار.
تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: قىلايلى، ئاۋارەبولمايلىيلا،قالسۇن، ئەكىپ (ئەكىلىپ)... قاتارلىقلار جۈملىنىڭ ئاخىرى يۇقىرى سوزۇلىدۇ.
Tags: كورلا ئۇيغۇرلىرى