تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھاياتلىق قانۇنىيىتى 03

ھاياتلىق قانۇنىيىتى 03

ۋاقتى: 2016-10-05 ئاۋاتلىقى: 906 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھاياتلىق قانۇنىيىتى 03 باشقىلارنىڭ سىز تاپىدىغان پۇلنى تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرمەي ئۆزىڭىزنىڭ پۇل تېپىشنى بىلمەسلىكىڭىزدىن ئەنسىرەڭ


20نەچچە يىل ئىلگىرى مەن سىتېش خادىمى چېغىمدا خوجايىنىم ماڭا ئۆزىنىڭ بىر تەجرىبە-ساۋىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى،ئۇ مۇنداق دېگەن:ئىلگىرى ئۇ نەرسىلەرنى سىتېپ چىقىرىپ ئۆزۈم قانچە پۇل تاپالايمەن؟شىركەت قانچىلىك پۇل تاپالايدۇ؟مۇشۇنى ئويلايدىكەن،ھەرقېتىم نەتىجە ۋە ئېرىشكەن پايدىنى ئويلىغاندا ئاچچىقلىنىپ كېتىدىكەن،چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن يۇقىرى باشقۇرغۇچىلارنى ياقتۇرمايدىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ شىركەتنىڭ ئۆزىگە تەمىنلەپ بەرگەن مەنبە بايلىقىنىڭ يېتەرلىك ئەمەس دەپ ئويلاپ بارا-بارا بۇ ئىشنى قىلماسلىقنى قارار قىلىپتۇ.كىيىن ئۇ ئاستا-ئاستا چۈشىنىپتۇ،يەنى باشقىلارنىڭ قانچىلىك تېپىشى بىلەن كارى بولماي ئۆزىنىڭ قانچىلىك تىپىشىغىلا كۆڭۈل بۆلسە بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ.مەيلى قانداق تەجرىبە-ساۋاققا ئىگە بولسۇن،چوڭراق غەلىبىگە ئېرىشسۇن ياكى كىچىكرەككە ئېرىشسۇن،ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن مەن كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇلىنى تىپىۋىىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
سىز بىرەر ئىش قىلغان ۋاقتىڭىزدا دائىم يۇقىرىغا قاراپ باشقىلارنىڭ سىزدىن قانچىلىك پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلايسىز،مەسىلەن كىيىم سېتىۋالماقچى بولسىڭىز دۇكاندارنىڭ قانچىلىك پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى،خىزمەتچى بولسىڭىز باشلىقىڭىز سىزنى ئانچە ياقتۇرمىسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەۋاتىمەن دەپ ئويلايسىز.بەزى چاغدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ جان تىكىپ ئىشلەپ تىرىشىپ تاپقان پۇلىڭىزنىڭ (ئۇ)نىڭ خەجلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ھاياتىمنىڭ يېرىمىدا بولسىمۇ ئۆزۈمگە كۆڭۈل بۆلسەم بولمامدىغاندۇ؟دەپ ئويلاپ قالىسىز.مەن دەرس ئۆتكەن ۋاقتىمدا بەزى كۇرسانتلار مېنى كۇرس ئىچىپ كۆپ پۇل تاپتى دەپ ئويلايتتى.بىلمىدىم سىزدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال بولۇپ باققانمۇ-يوق .مەسىلەن سىز ئاتا-ئانىڭىزغا دائىم پۇل بېرىسىز ئەمما باشقا قېرىنداشلىرىڭىز تاپقان پۇلىسىنى يىغىدۇ،ئاتا-ئانىسىغا بەرمەيدۇ،بۇ ۋاقىتتا سىز مۇنداق ئويلاپ قالىسىز، ئەجەبا باشقىلار تاپقان پۇلىسىنى يىغىدىكەن مەنلا خەجلىۋىتىدىكەنمەن،مەنمۇ يىغسام بولمامدۇ؟ياكى بەزىدە زاۋۇت بىلەن ھەمكارلاشقاندا ئۇلارنىڭ سىزدىن كۆپ پۇل ئۈندۈرۋالغاندەك ھېس قىلىسىز...مانا بۇلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ئوي-خىياللاردۇر.


ئەڭ مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ قانچىلىك پۇل تاپالىشىڭىز


كىيىن مەن ئاستا-ئاستا بىلدىم،ئەسلىدە نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار،كۆپ پۇل تاپقانلار،تۇرمۇشى ياخشىلار،جەمئىيەتكە كۆپلەپ تۆھپە قوشقانلار،نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇلىنى تېپىۋېلىشىدىن قورقمايدىكەن ئەكسىچە باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇلىنى تېپىشىنى باشقىلارغا كۆپلەپ ھەق بېرىشنى،باشقىلارغا ئۇلار بىلەن بىرگە بولغاندا كۆپلەپ پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ سىزنىڭ پۇلىڭىزنى تېپىۋېلىشىدىن،خوجايىنىڭىزنىڭ سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق پايدىغا ئىرىشىشىدىن،ياكى باشقىلارنىڭ سىز ئارقىلىق كۆپلەپ پايدىغا ئىرىشىشىدىن قورقماڭ.سىز كىتاب سېتىۋالغاندا دۇكاندار قانچە پۇل تاپىدىغاندۇ؟نەشرىيات ئورنى قانچىلىك پۇل تاپىدىغاندۇ؟يازغۇچى قانچىلىك پۇل تاپىدىغاندۇ؟دېگەندەك سوئاللارنى ئويلامسىز؟ياكى سىز مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى تاپشۇرغاندا ئوقۇتقۇچى قانچىلىك پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئويلىسىڭىز كۆڭلىڭىز تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولماي،ھېچقانداق ئىش قىلالماي قالىسىز،چۈنكى سىز باشقىلارنىڭ سىزنىڭ پۇلىڭىزنى تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلمايسىز ياكى قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشمايسىز.ئەمەلىيەتتە مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ قانچىلىك پۇل تاپالىشىڭىزدا،سىز پۇل تاپقان ۋاقتىڭىزدا باشقىلار سىزنىڭ قانچىلىك پۇلىڭىزنى تاپتى بۇلار مۇھىم بولماي قالىدۇ.سىز باشقىلارنىڭ قانچىلىك پۇل تاپىدىغانلىقىغا ئارىلىشىپ نېمە ئىش قىلىسىز ؟ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك پۇل تاپىدىغانلىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.
مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر سۆھبەت مىسالىنى ئاڭلىغانتىم: ئا تەرەپ مەلۇم بىر زاۋۇتتىن زور بىر تۈركۈم مال سېتىۋالىدۇ،زاۋۇت تەرەپ ئەسلىدە بىر مىليون باھا قويغان بولۇپ،ئا تەرەپ نەچچە ھەپتە سۆھبەتلەشكەندىن كىيىن باھانى 85تۈمەنگە چۈشۈرگەن،ئەمما ئا تەرەپ توختامغا باھانى يەنىلا بىر مىليون دەپ يازغان،زاۋۇت تەرەپ ئا تەرەپتىن باھانى خاتا يېزىپ قويغانلىقىنى ئېيتقاندا ئا تەرەپ خاتا يازمىغانلىقىنى ھەقىقەتەن زاۋۇتقا بىر مىليون بېرىشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان،زاۋۇت تەرەپ مۇنداق دېگەن:«سىلەر بىزگە بىر مىليون بېرىشنى خالايدىغان تۇرۇپ نېمىشقا نەچچە ھەپتە سۆزلىشىپ باھانى 85تۈمەنگە چۈشۈرگەندىن كىيىن يەنىلا بىر مىليون بەرمەكچى بولدۇڭلار؟»ئا تەرەپ مۇنداق دەيدۇ:«ئەمەلىيەتتە باھانى 85تۈمەنگەچۈشۈرۈشنى سۆزلىشىشتىكى مەقسىتىمىز بولسا سىلەرنىڭ مەھسۇلات ۋە سېتىش باھاسىغا بولغان قارىشىڭىلارنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى،بۇ بىر مىليون سىلەر ئىشقا تېگىشلىك پۇل،ئەمما بىزنىڭ بىر شەرتىمىز بار يەنى چوقۇم مەھسۇلاتنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىسىلەر.»بۇ مىسال باشقىلار ئىلىشقا تېگىشلىكنى باشقىلارغا بېرىش كېرەكلىنى مۇشۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ بىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقى،شۇنداقلا ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئىش بېجىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
سىز باشقىلارنىڭ سىزنىڭ پۇلىڭىزنى تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرگەن ۋاقتىڭىزدا سىز دىلغۇل بولىسىز،ئالغا باسالمايسىز،كەسكىن بولالمايسىز،كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمايدۇ. بىراق سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ سىزنىڭ پۇلىڭىزنى تېپىشىنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز،چۈنكى سىز ئازنى كۆزلىمىگەندىن كىيىن سىز تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشەلەيسىز.بەزى ۋاقىتتا مەن دۇنيادىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۇستاز،يازغۇچى،تەسىر كۈچى بار كىشىلەرنى دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن،ئۇلارنىڭ ھەققىنى بېرىپ بولغاندىن كىيىن كۇرسانتلارنى بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىمەن،ھەربىر ئادەم قىممىتى بار،پۇل،ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىدىن ئېشىپ كەتكەن مىقداردا سوۋغا قوبۇل قىلىدۇ.بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئۇلارغا بىزنىڭ سەمىمىيتىمىزنى بىلدۈرۈشتۇر.
ناۋادا سىز ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزگە ئەرزىگۈدەك ئادەم ياكى ئىشقا يولۇققان ۋاقتىڭىزدا باھانى چۈشۈرۈپلا قالماستىن بەلكى كۆپ بېرىشنى ئەسكەرتىپ تۇرسىڭىز كىيىن سىز تېخىمۇ كۆپكە ئېرىشىسىز.بەلكىم بەزىلەر بۇنداق قىلغاندا تەننەرخ بەك يۇقىرى بولۇپ،پۇل كۆپ خەجلىنىپ كەتمەمدۇ دىيېشى مۇمكىن.ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق،چۈنكى بايا مەن تىلغا ئالغىنى قىممىتى بار ئادەم ۋە ئىش.ئەرزىگۈدەك ئادەم ۋە ئىشقا يولۇققاندا يۇقىرىقىدەك قىلىش پۇل خەجلەش بولماستىن بىرخىل مەبلەغ سېلىش ھېسابلىنىدۇ.شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئويلىشىدىغىنىڭىز قىممىتى بار نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشتۇر.سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك سىزنىڭ بەرگىنىڭىز ۋە تۆلىگەن بەدىلىڭىزنىڭ ھەممىسى ئاز پۇلدۇر.مەسىلەن سىز باشقىلارغا 10تۈمەن بەرگەن بولسىڭىز بەلكىم سىز كىيىن 100تۈمەن تېپىشىڭىز مۇمكىن.شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئويلىشىدىغىنىڭىز بولسا ئارىلىقتىكى بۇ 90تۈمەننى تېپىشنىڭ پىلانى،لاھىيسى ۋە چارىسىدۇر.باشقىلارنىڭ سىزنىڭ پۇلىڭىزنى تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرمەي ئامال قىلىپ باشقىلارنى كۆپرەك پۇل تاپقۇزۇپ كۆپرەك ئادەمنى سىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان قىلىڭ،مۇشۇنداق بولغاندا سىز تېخىمۇ كۆپ قوشۇمچە قىممەت يارىتالايسىز.بۇ ۋاقىتتا سىز چىقارغان پۇلىڭىزنىڭ ئاز پۇل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىسىز.
كۆز-قارىشىڭىنى ئۆزگەرتىپ،ناۋادا ئەرزىگۈدەكلا بولۇپ قالسا باشقىلارنىڭ سىزنىڭ پۇلىڭىزنى تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرمەي ئۇلارنى كۆپرەك تاپىدىغان قىلىڭ.باشقىلارنىڭ سىزدىن كۆپ پۇل تېپىپ كەتكىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەسەت قىلماڭ ۋە ئۆچمەنلىك ساقلىماڭ.سىز زېھنىڭىزنى قىممىتى بار ئىشلارغا بەرگەن ۋاقتىڭىزدا باشقىلارنىڭ سىزنىڭ پۇلىڭىزنى تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرمەيسىز،شۇنداق ئەمەسمۇ؟
قوزغىتىش:پۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار ناھايىتى قولايلىق ئىشلار.سىز ئاۋۋال سىز مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىيدىغان بەش ئىشنى ئۇنىڭدىن كىيىن سىزنى تېخىمۇ كۆپ قىممەتكە ۋە مەنبە بايلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان ئادەم،ئىش ۋە شەيئىلەرنى تىزىپ چىقىڭ.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى