تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يىمەكىلىك بىخەتەرلىكى يەر شارى خارەكتىرلىك مەسىلە

يىمەكىلىك بىخەتەرلىكى يەر شارى خارەكتىرلىك مەسىلە

ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 2090 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يىمەكىلىك بىخەتەرلىكى يەر شارى خارەكتىرلىك مەسىلە


يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، يىمەكلىك ئۆزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە سۈپەت مەسىلىسى، بۇ كىشىلەر ئادەتتە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. يەنە بىرى،يىمەكلىكنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، توشۇش، ساقلاش ۋە سېتىش جەريانىدا ئۇنىڭ تەبىئىيلىكى ۋە پاكىلىقى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىلىپ كېلىپ چىققان بىخەتەرلىك مەسىلىسى . يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان، زەھەرلىك گۈرۈچ، زەھەرلىك ئۇن، زەھەرلىك ياغ، زەھەرلىك ھاراق قاتارلىقلاردىن زەھەرلىنىش ئىشلىرى ھەر يىلى دېگۈدەك يۈز بېرىۋاتىدۇ.

مىنېرال ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان زەھەرلىك گازىر.

ئاقارتقۇچى پۇرچاق ئارالاشتۇرۇلغان پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى.

سۈپەتسىز جاڭيۇنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش.

كېسەل، ئۆلگەن ھايۋان گۆشىنى قىيما قىلىپ سېتىش.

سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان پارافىن، ناترىي سۇلفىد ۋە يېشىل پىگمېنت ئارالاشتۇرۇلغان پېنتوزا ئىشلەپچىقىرىش.

تەركىبىدە فورمالدېھىد بولغان سۇ مەسۇلاتلىرى.

ئەپيۇن شاكىلىدا تەييارلانغان دورا-دەرمەكىلىك گۆش مەھسۇلاتلىرى.

«ددۋ» پۈركۈپ سۈرلەنگەن بېلىق قېقى.

پارقىرىتىدىغان ماددا ئارىلاشتۇرۇلغان «پارقىراق نىلۇپەر ئۇرۇقى» دېلوسى

تەبىئەتتە يىمەكلىك زەنجىرى دەرىجىسى «پرامىدا»شەكىلىدە تىزىلغان،«پرامىدا» نىڭ چوققىسىدىكى ئادەملەر بولىدۇ.يىمەكلىك زەنجىرىنىڭ قايسى بىر ھالقىسىدا مەسىلە كۆرۈلسە، بۇ ئاخىرىدا بېرىپ ئىنسانلارنىىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. دېھقانچىلىق دورىلىرى ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى، ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئۆلتۈرۈش دورىسى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەش دورىسى، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىسى ۋە چاشقان يوقىتىش دورىسىنىڭ ئومومىي نامى. دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بىلەن بىرگە «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى» گە تەھدىت سالىدىغان مۇرەككەپ ۋەزىيەت شەكىللەندى. دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق زەھىرى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالماقتا.

TOCP نىڭ ئىلمىي نامى تېرىئورتوتسېرسول فوسفات بولۇپ، رەڭسىز، پۇراقسىز، مايسىمان خىمىيىلىك سۇيۇقلۇق. ئۇ ئاساسلىقى سۇلياۋ، كاۋچۇك، دەرەخ ئېمتېرى، بىرىكمە تالا ۋە سۇۋالغۇ سانائىتىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە يېمەكلىك پىششىقلاش ماشىنىسىنىڭ سىلىقلاش مېيىغا قوشۇلغاچقا، پىششىقلانغان ئۇن ۋە دانلىق زىرائەتلەرنى بۇلغايدۇ. ئۇنىڭدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ئاستا  بولۇش ياكى پالەچ بولۇشتۇر.

يېمەكلىكلەرنىڭ فورمالدىھىدتا بۇلغىنىشى

«ئاقارتقۇچ»تا بىر تەرەپ قىلىنغان ئۇننىڭ رەڭگى ئاق، ئىلاستىكىلىقى ياخشى ھەم چۆپنى قايناتقاندا ئاسان مىلىچلاپ كەتمەسمىش.

مۇھىتتىكى ئورگانىك بۇلغانمىلار

ئىچكى ئاجراتما توسالغۇ ماددىسى بولغان خىمىيىلىك ماددا نەچچە يۈز خىلغا يېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەبىئىي، بەزىلىرى سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن خىمىيىلىك بۇيۇملار بولۇپ، ئالكىل فىنوللار دىئوئىكسان ۋە يېمەكلىك ئوراش ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇۋالغۇ، يېقىلغۇ، يۇيۇش بۇيۇملىرى، سۇلياۋ بۇيۇملىرىنىڭ خام ئەشياسى ۋە يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قاتارلىقلار بار.

سانائەتتىن چىققان ئۈچ كېرەكسىز ماددا، قوغۇشۇنلۇق بېنزىن ئىشلەتكەن ئاپتوموبىل چىقارغان ئىس، دېھقانچىلىق دورىلىرى، قوغۇشۇننى مۇقىملاشتۇرغۇچى قىلغان سۇلياۋ مەھسۇلاتلىرى،  ساپال، فار-فۇر قاچا-قۇچىلارنىڭ سىرى، ھاكتا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى پىششىقلاشقا قوشۇلغان ساغارتىش پاراشوكى.

قوغۇشۇن ئىنسانلارنىڭ نېرۋىسى ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىنى ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەيدىغان بولغاچقا، يەنە بوۋاقلارنىڭ مېڭە قان توسىقى تولۇق يېتىلمىگەچكە، قوغۇشۇن چوڭ مېڭىگە كىرىپ، ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ؛ ئاستا خاراكتېرلىك قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، پەرزەنت كۆرەلمەس قىلىپ قويىدۇ؛ ئاياللاردا تۇغماسلىق، ئۆلۈك بوۋاق تۇغۇش ياكى ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بوۋاق تۇغۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئارسېندا زەھەرلىنىش تۆتىنجى زىيانداش كېسەللىك دەپ ئاتىلىدۇ. ئارسېن يېزا ئىگىلىكىدە ئوت-چۆپ يوقاتقۇچى دورا، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىسى، قۇرت ئۆلتۈرۈش دورىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. مېتال زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يېمەكلىكلەرنى بۇلغىشى ئادەمنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سىماب توپلىنىپ بەلگىلىك مىقدارغا يەتكەندىن كېيىن، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئانتىبئوتىپلار باكتېرىيىگە قارشى دورىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ ۋە نۇر چاچقۇچى زەمبۇرۇغلاردىن ھاسىل بولغان بىر خىل ماددا بولۇپ، ئۇ باشقا مىكرو ئورگانىزىمنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىدۇ. .ئادەم باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا، دائىم ئانتىبىئوتىك(پېنىتسىللىن، سپرامىتسىن ۋە سېفلوسپورىن قاتارلىقلار) ئىشلىتىپ داۋالىىنىدۇ. ئادەم ئەگەر ئانتىبئوتىكلار تەركىبى بولغان سۈت ۋە سۈت پاراشوكىنى ئۇزۇن مۇددەت ئەستېمال قىلسا، ھەزىم قىلىش بولىدىكى ئەسلىدىكى باكتېرىيىلەر نورمال تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ ۋە ئادەمدە قايتا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

يېمەكلىك قاچىلاشقا بولمايدىغان سۇلياۋلار

بازاردا سېتىلىۋاتقا سۇلياۋ بۇيۇملارنىڭ خام ئەشياسى پولىۋىنىل.

پولىۋىنىل خلورىد مەھسۇلاتلىرى خلورو ئېتىلىنى ئايرىم ئىشلىتىپ بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان، بۇ زەھەرلىك ماددا بولۇپ، سۇ، كىسلاتا، ئىشقار، ئىسپىرت، ماي قاتارلىقلارغا يولۇقسا، ئېرىپ يېمەكلىكنى بۇلغايدۇ.

CVP تاشلاندۇقلىرىنى كۆيدۈرگەندە زەھەرلىك گاز ھاسىل بولىدۇ؛ كۆپتۈرۈلگەن سۇلياۋ ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ. سۇلياۋ يوپۇق تەركىبىدە ئىچكى ئاجراتمىغا توسالغۇ بولىدىغان ماددا بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھورموننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئادەمنىڭ ماددا ئالمىشىش، ئۆسۈپ يېتىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ماددىلار كۆپ بولۇپ كەتسە، ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاياللاردا سۈت بېزى كېسەللىكىنى، بوۋاقلارنىڭ تۇغما كەمتۈكلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ سانىنى كېمەيتىۋېتىدۇ، ھەتتا ئادەمنى روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ. سۇلياۋ يوپۇق بىلەن ئورالغان يېمەكلىكلەر، بولۇپمۇ ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىشلىتىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر تېخىمۇ كۆپ سۇلياۋ قېتىشمىسى قوبۇل قىلىۋالىدۇ.

پسىخىكىلىق (روھىي كەيپىيات) تەڭپۇڭلۇق

كونترول قىلغىلى بولىدىغان خەتەرلىك ئامىللار ئىچىدە يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، تەنھەرىكەت، ھاراق ئىچىش ۋە پسىخىكىلىق تەڭپۇڭلۇق مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. بىراق كلىنىكىلىق پۈتۈنلۈك ۋە تەبىئىي كېسەللىك تارىخى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پسىخىكىلىق ئامىل كۈنسېرى مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا. پسىخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقتىن ئايرىلىپ، ياخشى پسىخىكىلىق ھالەتنى ساقلىمىغاندا، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىش ھالىتىنى كونترول قىلىش قىيىنغا چۈشۈپ، كۆپ ھاللاردا دورىنىڭمۇ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ. يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىمۇ پسىخىكا تەڭپۇڭلۇقىغا مۇھتاج. پسىخىكا تەڭپۇڭلۇقىنىڭ رولى بارلىق ساقلىق ساقلاش تەدبىرلىرى بىلەن بارلىق ساقلىق ساقلاش بۇيۇملىرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. روھى تەڭپۇڭلۇقى بولغاندىلا ئاندىن فىزىئولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بولىدۇ؛ فىزىئولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بولغاندىلا، ئادەم بەدىنىدىكى نېرۋا سىستېمىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى، ئىممۇنتېت ئىقتىدارى، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئورۇن بېسىپ ئىشلىشى ئەڭ ياخشى ماسلىشىش ھالىتىدە تۇرغاچقا، بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش پۇرسىتى ئازىيىدۇ. شۇڭلاشقا، كىم پسىخىكىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىگىلىيەلىسە، شۇ كىشى ساغلاملىقنىڭ ئاچقۇچىنى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقلا شۇ كىشى ساغلاملىقمنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەيدۇ.

رېئال تۇمۇشتا پسىخىكا تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، چۈنكى ئوبيېكتىپ مۇھىت كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە چۆرگىلىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پسىخىكا تەڭپۇڭلۇقى نەزەرىيە مەسىلىسى ياكى ئىلمىي مۇھاكىمە مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى ئەخلاق، تەربىيىلىنىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئۇزاق مۇددەت چېنىقىش، ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەش جەريانىدىن كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ قىسقا ۋاقىتتىلا نەتىجە قازىنىپ ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. پسىخىكا تەڭپۇڭلۇقى ھەرگىزمۇ كۆڭۈلدە ئەزەلدىنلا مەۋجۇت، بىپەرۋالىق قىلسا بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. پسىخىكا تەڭپۇڭلۇقى بىر خىل ئىدراك تەڭپۇڭلۇقى، كىشىلىك پەزىلەت يۈكسەكلىكى بىلەن قەلب ساقلىقىدىن كېيىنكى يۈكسەك پاسىل، شۇنداقلا ئۇلۇغۋار، دانا، يىراقنى كۆرەرلىكنىڭ مەھسۇلى.

قانداق قىلغاندا پسىخىك تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

ئۈچكە توغرا قاراش

1. ئۆزىگە توغرا قاراش: ئادەمنىڭ قىممىتى ئۆزىنى سوراشتا كۆرۈلىدۇ.

2. باشقىلارغا توغرا قاراش: كۆڭلىدە دائىم باشقىلارغا كۆيۈنۈش.

3. جەمئىيەتكە توغرا قاراپ، دائىم مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا بولۇش.

مۇشۇنداق قىلغاندا، ئىجتىمائىي بېرىش-كېلىش ۋە كەسپىي ئىنتىلىشلەر جەريانىدا ئۆز-ئۆزىنى توغرا بەلگىلىيەلەيدۇ. يېتەرلىك بولمىدى دەپ ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك، ئېشىپ كەتتى دەپ ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىق كېرەك. ئۆز ئورنىنى ئوبيېكتىپ جەھەتتە توغرا بەلگلىگەندىلا ئىش بېجىرىشتە ئاساسىي جەھەتتىن كۆڭلىدە نېمىنى ئويلىسا شۇنى قىلالايدۇ، روھىي جەھەتتىكى بېسىم ئازىيىدۇ، بۇ دەل ئىلمىي جەھەتتىكى دۇنيا قارىشى.

ئۈچنى «قىلىش»

1. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جەمئىيەتكە خالىسانە تۆھپە قوشۇش ھەم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساغلام كىشىلىك ھاياتتىن بەھرىمەن بولۇش؛

2. ئىرادىلىك بولۇپ، خىزمەتتە ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا تىرىشىش ھەم ئۆزىنى چوڭ تۇتماي ئادەتتىكى ئادەملەردەك تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا بولۇش؛

3. ھەم كەسپىي جەھەتتە مۇكەممەللىشىشكە ئىنتىلىدىغان بولۇش ھەم ھەر خىل كۆپ تەرەپلىمە قىزىقىشى بولۇش.

مۇشۇنداق بولغان كىشىنىڭ قەلب مۇھىتى ۋە روھىي كەيپىياتى، تونۇشى ۋە تۇيغۇسى تولۇق، چوڭقۇر ۋە كەڭ بولىدۇ. ئاندىن «بىرەر نەرسىنى كۆرسە ئارتۇقچە خۇش بولۇپ كەتمەيدىغان، بىرەر ئىشقا زىيادە قايغۇرۇپ بىئارام بولمايدىغان»، دائىم «ئويغا پېتىپ قايغۇرۇپ يۈرمەي»، «تەمكىن، بىمالال» يۈرىدىغان بولىدۇ. ئارتۇقچە ئىشلارغا ھەيران قالماي بىكار ۋاقىتلىرىدا گۈل-گىياھلارغا نەزەر سالىدىغان، سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىپ ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، راھەتلىنىدىغان بولىدۇ. ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ سەيلى-ساياھەت قىلىدۇ؛ مال-دۇنيا يىغىشقا ئىنتىلمەي، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، كىتاب، چالغۇ ئەسۋاب، لازىملىق نەرسىلىرى مۇۋاپىق بولسىلا قانائەت قىلىدۇ. بۇ ئىلمىي بولغان قىممەت قارىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچنى خۇشاللىق دەپ بىلىش

خۇشاللىقتا كۆڭلى يايراپ كەتكەندە، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش. باشقىلارغا ياردەم بېرىش كىشىلىك ھاياتتىكى خۇشاللىقنىڭ ئاساسى، «باشقىلارغا كۆيۈنگەن كىشى كۆيۈنۈشكە سازاۋەر بولالايدۇ، باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەن كىشى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ»، باشقىلارغا ياردەم بېرىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ئەتراپلىق يېتىلىدۇ، قەلبىمۇ پاكلىنىدۇ.

قانائەت قىلغان كىشىنىڭ كۆڭلى دائىم خۇشال يۈرىدۇ، ئالدىنقىلارغا يېتەلمىسىمۇ، كەينىدىكىلەردىن ئېشىپ كېتىدۇ. كىشى كەم-كۈتىسىز بولىمەن دەپ ئازابلانغىچە، روھى كۆتىرەڭگۈ بولۇپ، ئانچە-مۇنچە كەم-كۈتىسى بولغانمۇ تۈزۈك. بەختنىڭ مۇقىم ئۆلچىمى بولمايدۇ، بەخت ھەركىمنىڭ ئۆز تەئىبىتى، قارىشى بويىچە ھېس قىلىدىغان بىر خىل تۇيغۇ. بىر پەلسەپەچى مۇنداق دېگەن: «تۇرمۇش خۇددى بىر ئەينەك، سەن كۈلسەڭ ئۇمۇ كۈلىدۇ، سەن يىغلىساڭ ئۇمۇ يىغلايدۇ». كىشى ناچار، ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا تۇرغاندىمۇ ئۆز ئىشىدىن ئۆزى لەززەتلىنىشى، مەيۇسلەنمەسلىكى كېرەك. چۈنكى دۇنيادىكى ھەممە مەۋجۇداتلاردا بالا-قازا بىلەن بەخت-سائادەت بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەر ئىشنىڭ ئۆز نۆۋىتى بولىدۇ، ھاۋامۇ ئېچىلىپ-تۇتۇلغاندەك، ئايمۇ كەمتۈك بولغىنىدەك، ئادەملەرنىڭمۇ قايغۇ ۋە شاتلىقى بولىدۇ، بۇلار تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قايتىلانما ئېقىم ھادىسىسىگە كىرىدۇ، بىراق قايتىلانما ئېقىم ھادىسىسى ئالەمنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قانۇنىيىتى. ناچار شارائىتقا دۇچ كېلىش تاۋلىنىش كېيىنكى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ دەل بالزاك ئېيتقاندەك: «جاپا-مۇشەققەت ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى». دۇنياغا ئاكتىپ، توغرا، خۇشاللىق نەزىرىدە قاراپ، مەڭگۈ خۇشال پسىخىكا مۇھىتىنى ساقلاش ــ ساغلام بىر پەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر تۇرمۇش سەنئىتى. سىز ئاكتىپ، خۇشاللىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ دۇنياغا قارامسىز ياكى قاتمال پىكىردە دۇنياغا قارامسىز، ئوخشاش شەيئىلەرنىڭ نەتىجىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن.

پسىخىكا تەڭپۇڭلۇقى ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كېسەللىك، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىش، كىشىلىك ھايات ۋە كەسپلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋىتى زور، بۇنىڭدىكى ھالقا ــ ئىلمىي دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك دۇنيا قارىشى بولۇشتا. بۇ روھىي ئوزۇقنى كەڭ قورساق بولۇش قازىنىدا قورۇپ، سۇس، ئاستا ئوتتا زېرىكمەي-تېرىكمەي قورۇش؛

ئاندىن ئادىللىق تارازىسى بولغان قاچىدا يۇمشاق، ئىنچىكىلەپ يانجىش، قانچە يۇمشاق بولسا شۇنچە ياخشى، ئوبدان ئويلىنىپ، نام-مەنپەئەتنى قوغلاشماي، يۇقىرىقى خۇرۇچلاردا تەييارلانغان روھى ئوزۇقنى مۇلايىملىق بىلەن ئىستېمال قىلىش لازىم. بۇ رىتسىپ ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنىڭ قەلبىنى پاكىزلاپ، مىجەز-خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈپ، روھى كەيپىياتنى تەڭشىگىلى، روھى ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، مىجەزىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئۈنۈمى: سەمىمىي، راستچىل ئادەم بولۇپ، ئەستايىدىل ئىش قىلىدۇ؛ جەمئىيەتكە خالىس تۆھپە قوشۇپ، كىشىلىك ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق.

بۇ روھى ئوزۇق رىتسىپى قارىماققا ناھايىتى ئاددى، ئەمما ئەمەلىي مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر. بۇ روھى ئوزۇقنى ئاددىلا ئارىلاشتۇرماستىن، ئورگانىڭ بىرىكتۈرۈپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتماي، ئۆزىگە تەدبىقلىسا، ھەركىم ئۆز ئورنىنى تاپالايدۇ. تەييارلاش جەريانىغا ئەھمىيەت بېرىش، تەرتىپ-مىزانى بويىچە ئىنچىكىلەپ تەييارلاش لازىم.

نورمال پسىخىكا ساغلاملىقىنىڭ ئۆلچىمى مۇنداق: رېئاللىققا قارىتا كۈچلۈك سەزگۈرلۈكى بولۇش، مۇستەقىل چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش، تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە قارىتا ئىشەنچىسى ئۇرغۇپ تۇرۇش. تەبىئەتنى سۆيۈش، باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش، غەلىبە قىلىش ۋە مەغلۇب بولۇش، خۇشاللىق ۋە قايغۇنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش، ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدرىكى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى تولۇق ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش.

پسىخىكا ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ يەتتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى: ماسلىشىش ئىقتىدارى، بەرداشلىق ئىقتىدارى، كونترول قىلىش كۈچى، ئاڭ-سەۋىيىسى، ئىجتىمائىي بېرىش-كېلىش ئىقتىدارى، ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ۋە ئەخلاق خۇشاللىقى، ئەخلاق ئازابىنى بېسىپ چۈشۈش.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان روھى ساغلاملىقنىڭ ئۆلچىمى:

1. خۇلق-مىجەزى ياخشى بولۇش: كەيپىياتى تۇراقلىق، تەبىئىتى ئىللىق، ئىرادىسى كۈچلۈك، ھېسسىياتى مول، خۇشال-خورام يۈرۈش؛

2. ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولۇش: مەسىلىلەرنى ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئاساس قىلىپ كۆزىتىش، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ياخشى، مۇرەككەپ مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان بولۇش؛

3. كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇش: باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي بولۇش، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش؛

4. ئەخلاق ھەرىكىتى: ئەخلاق مىزانى بويىچە ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش، ياخشى-يامان، راست-يالغاننى ئېنىق ئايرىش، ھەق-ناھەقنى ئايرىيالايدىغان بولۇش.

بىز پسىخىكا ساغلاملىقىنى باھالاشنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

1. تەبىئىي ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشىش؛

2. ناچار تەسىر ۋە ئېغىر بېسىم

بەرداشلىق بېرىشچانلىقى ياكى كۆتىرىشچانلىقى جەھەتتە ئوخشاش بولمىغان كىشىلەردە مەلۇم پەرقلەر بولىدۇ، بۇ تۇغما ساپا، ھايات كەچۈرۈش مۇھىتى، نېرۋا تۈرى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى قاتارلىقلار بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، قاتتىق تەسىر قىلىش ۋە ئېغىر بېسىمغا قارىتا پسىخىكا جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە كۆتۈرۈش ئىقتىدارى بولىدۇ. قاتتىق تەسىر قىلىشلارغا، ناچار شارائىتتىكى بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىش بىلەن بىللە ئۆزىنى ھاياتىي كۈچكە، غەيرەت-شىجائەتكە ئىگە قىلالىسا، بۇ پسىخىكىلىق ھالەت ھېسابلىنىدۇ.

3. ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارى

پسىخىكىسى ساغلام كىشى روھىي كەيپىياتى ۋە ھېسسىياتىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرگە يولۇققاندا، رېئاللىققا يۈزلىنىپ، ئۆزىنى كونترول قىلالايدۇ، ئۆز ھېسسىياتىنى تەڭشىيەلەيدۇ. ياشانغانلارنىڭ مېڭە ئارتېرىيىسى قېتىش تۈپەيلىدىن ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ،شۇڭا ئاسانلا ھېسسىياتىنى باسالماي ھاياجانلىنىش،چۈشكۈنلىشىش ۋە ئىچى تىتىلداش قاتارلىق پسىخىكىلىق ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە ھېسسىياتىنى تەڭشەش ئىقتىدارى نىسبەتەن ياخشى بولسا، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىدۇ.

4. ئاڭ سەۋىيە

ئاساسلىقى دىققەت-ئېتىبارىنى يىغىش ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىلىدۇ. دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەي، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمىسا،مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرەلمىسە ۋە پىكىر يۈرگۈزەلمىسە، بۇ ئەھۋالغا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.

5.ئىجتىمائىي بېرىش-كېلىش ئىقتىدارى

روھىي كەيپىياتنى تەڭشەشتىكى مۇھىم نۇقتاـــ ئۈمىدۋار بولۇش

ئادەمنىڭ كەيپىياتى مۇقىملاشقاندا، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى نورمال ئايلىنىپ، پسىخىكىسى تەڭپۇڭلىشىدۇ، كۆكسى-قارنى كەڭ، روھىي كەيپىياتى خۇشال بولغاندىلا، ئاندىن تەقى-تۇرقى بىلەن روھىي ھالىتىنى ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئۈمىدۋار كەيپىياتتا بولغاندا نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى تەڭشەش رولى ناھايىتى ياخشى ھالەتتە بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئادەمنىڭ پىكىر قىلىشى، ئىرادە باغلىشى، تۇيغۇسى، ئەستە تۇتۇشى، قىزىقىشى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ روھىي كەيپىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە بولۇشىغا پايدىلىق. نۇرغۇنلىغان پسىخولوگلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ 90% تىن كۆپرەكىنىڭ كۆڭلى-كۆكسى بىر قەدەر كەڭ، مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، باشقىلارغا مۇلايىم، كەيپىياتى تۇراقلىق،نىسبەتەن ئۈمىدۋار بىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

 

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى