ئىلىمىي ئوزۇقلىنىپ ساغلاملىقنى ئاسراش ________ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش
-
ئىلىمىي ئوزۇقلىنىپ ساغلاملىقنى ئاسراش ________ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش
ۋاقتى: 2016-03-20 ئاۋاتلىقى: 384 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئىلىمىي ئوزۇقلىنىپ ساغلاملىقنى ئاسراش ________ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش
شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى كەڭ كارخانچىى، تىجارەتچى دوستلارنىڭ يېمەكلىك،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇلاردىن ئىلىمى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىلىمىي ئوزۇقلىنىپ ساغلاملىقنى ئاسراش ________ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش دېگەن كىتاپنى تەرجىمەقىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق . بىلوگىمىزدا چاتما شەكىلدە ئېلان قىلىنىدۇ .
بىرىنچى باب ئومۇمىي بايان
بىرىنچى بۆلەك ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە بولغان ئاساسىي تونۇش
1. ساغلاملىق يىمەكلىكلرىنىڭ ئاساسىي ئۇقۇمى
1.1 ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى دېگەن نېمە؟
ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئەڭ ئاۋۋال بولسا يېمەكلىك ،ئاندىن قالسا ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولغان بولۇپ،ئۇ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ باھالىشى ۋە تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن،شۇنداقلا ئىجازەتنامە تارقىتىلغان بىر خىل مەھسۇلاتتۇر.2005-يىلى7-ئايدا ئىجرا قىلىنغان"ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى"نى بەلگىلەپ،ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بولسا ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولغان ياكى مىكرو ئىلمېنىت،مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلغان يېمەكلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىجرا قىلغان.ھەم ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئىشلىتىدىغان،ئورگانىزمنى تەڭشەش رولى بولغان،كېسەل داۋالاشنى مەقسەت قىلمىغان،شۇنداقلا ئاستا ۋە تىز خاراكتېرلىك خەتەرلىرى بولمىغان يېمەكلىكتۇر.2009-يىلى6-ئايدا دۆلەت"جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى"نى بەلگىلەپ،ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە نىسبەتەن قاتتىق نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بولسا ئالاھىدە بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ ماتېرىيالى ئاساسلىقى يېمەكلىك خام-ئەشياسى ۋە يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قاتارلىقلار ئىشلىتىلگەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىمىدە يولغا قويۇلغان يېمەكلىك ماددىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى نامدىلا بىر قاتار ئالاھىدە فىزىكىلىق تەڭشەش ئىقتىدارلىرىنى ھازىرلىغان بولۇپ بۇ ئىقتىدارلار بىر قانچە تارىخىي باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن،ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا كەسكىن باشقۇرۇش ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىغان.نۆۋەتتە تىزىملىتىشقا بولىدىغان ئالاھىدە ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىدىن 27 خىل تۈر بار بولۇپ،ئۇلار تۆۋەندىكىچە:ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش،قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولغان بولۇش،ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش،ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش،كۆزنىڭ چىرىپ-چارچىشنى تۈگىتىش،قوغۇشۇن ھەيدەشنى ئىلگىرى سۈرۈش،يۇتقۇنچاق بوشلۇقىنى تازىلاش،قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولۇش،ئۇيقۇنى ياخشىلاش ،سۈت بېزى ئاجرىلىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش،بەدەن ھېرىپ چارچىشىنى تۈگىتىش،ئوكسىگېن كەمچىلىككە بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش،رادىئاتىسيە زىيىنىغا نىسبەتەن قوغداش ئىقتىدارى بولۇش،ئورۇقلىتىش،ئۆسۈپ يېتىلىشنى ياخشىلاش،سۆڭەك زىچلىشىشنى ئاشۇرۇش،قۇۋۋەت سەۋەبىدىن بولغان كەم قانلىقنى ياخشىلاش،خمىيلىك سەۋەبتىن بولغان ئۆتنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىش،دانىخورەكنى يوقىتىش،سەپكۈننى يوقىتىش،تېرىنىڭ ماي قاتلىمىسىنى ياخشىلاش،ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپىنى تەڭشەش،تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش،ئاشقازان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا نىسبەتەن قوغداش رولىنى ئويناش قاتارلىقلار.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر تەشكىلى قۇرۇلما جەھەت
2015-12-28 11:40:521216خارۋارد ئۇنېۋىرىستېتى ئايال مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوق
2015-10-23 19:19:481086ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن بازار تەكشۈرۈش كېرەك
2015-11-28 11:56:2088610 تۈرلۈك ئاساسىي ئوزۇقلۇق ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەس
2015-10-26 00:03:18943خادىملارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سە
2015-10-29 07:22:54996يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇش چا
2015-10-25 17:27:331116مىزاج ۋە دوسىت تۇتۇش ھەققىدە
2015-10-26 09:48:40793مۇھىت ، سېخ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تازى
2015-12-16 00:32:22757
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-