يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇش چارىسى ئېلان قىلىندى
ۋاقتى: 2016-08-05
ئاۋاتلىقى: 1738 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
2015يىل 9- ئاينىڭ 1- كۈنى تارقىتىلغان .
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ئىجازەتنامىسى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، خەلقنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، 2015- يىلى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى ، دۆلەتلىك يېمەكلىك -دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يىغىن ئىچىپ «يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇش چارىسى » ۋە« يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇش چارىسى » نى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى . 8-ئاينىڭ 31- كۈنى دۆلەتلىك يېمەكلىك -دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىجىڭ چۈەن 16 - 17- نومۇرلۇق ھۆججەتكە ئىمزا قويۇپ ، ئىككى نىزامنامىنى 2015- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىش توغرىسىدابۇيرۇق چۈشۈردى .
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئىجازەتنامىسى بولسا ئىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى . 18- نۆۋەتلىك 3 - 4 -ئومۇمىي يىغىن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەلىرىنىڭ ئۆزگىرىش روھىغا ئاساسەن ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ، رەسمىيەت بېجىرىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ،تەستىقلاش ئۈنۈم تەلىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، دۆلەتلىك يېمەكلىك -دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلمىي ئۇسۇلدا قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە دېموكراتىك قانۇن تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەت قىلىش تەلىپى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىنكاس - پىكىرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ،دۆلەت ئىچى - سىرتىغا پايدىلىق تەجرىبە - يەكۈنلەردىن ئۆرنەك ئالغان ئاساستا ، ئاساسىي كۈچنى ئىجازەتنامە بېجىرىشنىڭ قىيىن ھەم مۇھىم بولغان تەرەپلىرىگە قارىتىپ ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ، كۆپ قېتىم مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق ، « يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇش چارىسى »بىلەن « يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇش چارىسى»نى قاراپ چىقتى . ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە :
1، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش .
بىرىنچىدىن، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى ۋە يېمەك -ئىچمەك مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى دېيىش ئارقىلىق ئىجازەتنامە سانىنى ئازايتىش .
ئىككىنچىدىن، يېمەكلىك خۇرۇچى ئىجازەتنامىسىنى « يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇش چارىسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ ، يېمەكلىك خۇرۇچى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىش تەلىپىگە ماس كەلگەنلەرگە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بېرىش ، ئۈستىگە يېمەكلىك خۇرۇچى دەپ ئەسكەرتىشنى يولغا قويۇش .
2، ئىجازەتنامە پىرىنسىپىنى ئېنىق قىلىش .
بىرىنچى ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئىجازەتنامىسى قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن بولۇش ، ئاشكارا ، ئادىل ، ئاممىغا قولايلىق ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش قاتارلىق پىرىنسىپلارغا بويسۇنغان بولۇشى كېرەك.
ئىككىنچى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىر كارخانا بىر كىنىشكا پىرىنسىپى ئاساسىدا قوللىنىلىدۇ ، شۇنىڭدەك ئوخشاش بىر مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى باشتىن - ئاخىر يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا بىرلا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ ؛يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىر رايون بىر كىنشكە پىرىنسىپى ئاساسىدا قوللىنىلىدۇ ،يېمەكلىك تىجارىتى قىلغۇچىلار ئۆزى تىجارەت قىلىۋاتقان تەۋەلىكتە يېمەكلىكتىجارىتى قىلغان بولسا ، بىر يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشەلەيدۇ .
ئۈچىنچى ، يېمەكلىك -دورانازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىكنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىگە قاراپ تۈرگە ئايرىپ ئىجازەتنامە تارقاتسا بولىدۇ .
3، تۈرگە ئايرىپ ئىجازەتنامە تارقىتىشنى ئىجرا قىلىش .
بىرىنچى ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات ،يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماي ، مايلىق يېمەكلىكلەر ۋە باشقا تۈردىكىلەر ،تەم تەڭشىگۈچلەر ، گۆش مەھسۇلاتلىرى ، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئىچىملىك ، قولايلىق يېمەكلىكلەر ، پېچىنە تۈرىدىكىلەر ، كونسېرۋا ، سوغۇق يېمەكلىكلەر ، تىز توڭلىتىلغانيېمەكلىكلەر ، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋەكۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر ، كەمپۈت تۈرىدىكىلەر ، چاي ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ، ھاراق تۈرىدىكىلەر ، سەي -كۆكتات تۈرىدىكىلەر ، مېۋە - چېۋە تۈرىدىكىلەر ، قورۇلغان يېمەكلىك ۋە چىداملىق يېمەكلىكلەر ، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر ، كولا ۋە قەھۋە تۈرىدىكىلەر ، يېمەكلىك شېكەر ، سۇ مەھسۇلاتلىرى ، كىراخمال ۋە كىراخمال تۈردىكلەرمەھسۇلاتلار ، تورت پۇرچاق تۈردىكلەرمەھسۇلاتلار ، ھەسەل مەھسۇلاتلىرى، ساغلاملىق يېمەكلىكى ، ئالاھىدە تېبابەتتەئىشلىتىلىدىغان رېتسېپلىق يېمەكلىكلەر ، بوۋاقلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرى ،ئالاھىدە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر ، باشقا تۇردىكى يېمەكلىكلەر دەپ 31 دەرىجىگەئايرىلىدۇ .
ئىككىنچى ، يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىچىلار - يېمەكلىك سېتىش تىجارەتچىسى ، يىمەكلىك مۇلازىمەت تىجارەتچىسى ، ئىدارە ئورگان ئاشخانىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ . يېمەكلىك تىجارەت تۈرلىرى بولسا ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى سېتىش ، پارچە پۇرات يىمەكلىكەرنى سېتىش ، ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنى سېتىش ، باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى سېتىش ؛ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى سېتىش ، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى سېتىش ، خام يېيىشكە بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىش ، تورت تۈردىكلەر يېمەكلىكلەرن ىسېتىش ، ئۆزى تەييارلاپ ئىچىدىغان ئىچىملىكلەرنى سېتىش ، باشقا تۈردىكى يىمەكلىكەرنىسېتىش قاتارلىق 10 تۈرگە بۆلۈنىدۇ .
4، ئالاھىدە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ .
بىرىنچى، ئۆلكە دەرىجىلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاھىدەيېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ .ئىككىنچى ، ئالاھىدە يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار ئادەتتىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى شەرتلىرىنى ھازىرلاشتىن سىرت سىرت يەنە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش سۈپەت باشقۇرۇش ھۆججەت ماتېرىيالى ھەمدە مەھسۇلاتنى تىزىملاتقان ۋە ئەنگەئالدۇرغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇشى كېرەك .
5، ئىجازەتنامە نومۇرىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى ئېنىق .
بىرىنچى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى س س ( « ئىشلەپچىقىرىش » دېگەن سۆزنىڭ پىنيىنچە يېزىلىشنىڭ قىسقارتىلمىسى) ۋە 14 خانىلىق ئەرەب رەقىمىدىن تۈزۈلگەن . سانلار سولدىن ئوڭغا تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ : 3 خانە يېمەكلىك تۈرىنىڭ رەت نومۇرى؛ 2 خانە بولسا ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ) نىڭ كود نومۇرى ، 2 خانە شەھەر ( رايون )نىڭ كود نومۇرى ، 2 خانە ناھىيە ( رايون ) نىڭ كود نومۇرى ، 4 خانە رەت نومۇرى ، 1 خانە تەكشۈرۈش نومۇرى .
ئىككىنچى، يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى ج ي ( « تىجارەت » دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە پىنيىن ھەرپىنىڭ قىسقارتىلمىسى ) ۋە 14 خانىلىق ئەرەب رەقىمىدىن تۈزۈلگەن . سانلار سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە : 1 خانە ئاساسلىق ئىگىلىك كود نومۇرى ، 2 خانە بولسا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ) نىڭ كود نومۇرى ، 2 خانە شەھەر (رايون )نىڭ كود نومۇرى ، 2 خانە ناھىيە ( رايون ) نىڭ كود نومۇرى ، 6خانە رەت نومۇرى ، 1 خانە تەكشۈرۈش نومۇرى .
6 ، ئىجازەتنامىگە كېتىدىغان ماتېرىياللار ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار .
مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ،بىرىنچى ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشتا كېتىدىغان ماتېرىياللار ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ ئىسمى ، ئىجتمائى ئىناۋەت كود نومۇرى ، قانۇنىي ۋەكىل ،تۇرۇشلۇق ئورۇن ، ئىشلەپچىقارغان ئادرېس ، يېمەكلىك تۈرى ،ئىجازەتنامە نومۇرى ، ئۈنۈملۈك مۇددىتى ، ئادەتتىكى باشقۇرۇش نازارەت قىلىش ئورگىنى ، ئادەتتىكى باشقۇرۇش نازارەت قىلىش خادىمى ، پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى ، كىنىشكا تارقاتقان ئورۇن ، ئىمزاقويغان ئادەم ، كىنىشكا تارقاتقان ۋاقىت ۋە ئىككىلىك كود . ئىككىنچى ، يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئېلىشتا تەييارلاشقا تېگىشلىك ماتېرىياللار-ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ ئىسمى ، ئىجتمائى ئىناۋەت كودنومۇرى ، قانۇنىي ۋەكىل ، تۇرۇشلۇق ئورۇن، ئىشلەپچىقارغان ئورۇن ، ئاساسلىق ئىگىلىك ئەھۋالى ، تىجارەت تۈرى ، ئىجازەتنامەنومۇرى ، ئۈنۈملۈك مۇددىتى ، ئادەتتىكى باشقۇرۇش نازارەت قىلىش ئورگىنى ، ئادەتتىكى باشقۇرۇش نازارەت قىلىش خادىمى ،پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى ، كىنىشكا تارقاتقان ئورۇن ، ئىمزا قويغان ئادەم ،كىنىشكا تارقاتقان ۋاقىت ۋە ئىككىلىك كود .
7، مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىش.
بىرىنچى، يېمەكلىك خۇرۇچى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇش قائىدىسى ، تەرتىپى ،نازارەت قىلىش تەكشۈرۈش ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولۇش ، مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىلىرىدە بەلگىلەنگەن .
ئىككىنچى ، ئوخشاش بىر مەھسۇلات تۈرى ئىچىدىك ىتۈرلەر ، سىرتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامبار ئادرېسى قاتارلىق تۈرلەردە ئۆزگىرىش بولسا ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچى ئىجازەتنامىنى كۆپەيتىش ياكى قايتىدىن ئۆزگەرتمىسمۇ بولىدۇ ، پەقەت ئۆزگەرتىلىپ 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە كىنىشكا تارقاتقان يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسىغا مەلۇم قىلىپ قويسىلا بولىدۇ .
ئۈچىنچى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىش ياكى ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت شارائىتى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قايتا نەق مەيدان تەكشۈرۈش قىلدۇرمىسىمۇ بولىدۇ .
دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش تارماقلىرىدىن « يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇش چارىسى » ۋە « يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ، ئىجازەتنامە بېجىرىش يوللىرىنى يەنە بىر قەدەم ياخشىلاپ ، ئىجازەتنامە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ،نازارەت قىلىش ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، ئۈزلۈكسىزھالدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ،ئۈنۈملۈك ھالدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كېلىدىغان خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، خەلقنىڭ بىخەتەر يېمەكلىك ئىستېمال قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشن ىتەلەپ قىلدى .