تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

‹قانائەت قىلماسلىق› ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى سۈرئەت تېزلەتكۈچ

‹قانائەت قىلماسلىق› ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى سۈرئەت تېزلەتكۈچ

ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 1218 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


قانائەت قىلماسلىقئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى سۈرئەت تېزلەتكۈچ


بەزى ۋاقىتلاردا كاللىمىزغا قانائەت قىلمايدىغان ئىدىيەلەر كېلىدۇ. بىزنى بارلىق ئامال چارىلەر ئارقىلىق شۇ خىل ئىدىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ئەمما بىز بۇرۇنقى تەپەككۇر ئادىتىمىز بويىچە بۇ خىل ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلمايمىز. ھەر خىل ئىدىيەلەر بولۇپمۇ يېڭى ئىدىيەلەر ئادەمنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ. كونىچە تەپەككۇر قارىشى بىلەن زىت كېلىپ ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى يېڭىلاشقا تىرىشىدۇ. لېكىن ئادەمنىڭ بۇرۇندىن ئادەتلەنگەن كونا تەپەككۇر قارىشى ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدۇ. كونىچە تەپەككۇر ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىش. لېكىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يېڭىچە تەپەككۇر قارىشىنى ئۆزىگە ئادەت قىلىش،مەسىلىلەرگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قاراش، ئويلىغان يېڭى ئوي پىكىرلەرنى ئىنكار قىلماستىن قەلبىدىن ئورۇن بېرىش كېرەك. يېڭى ئوي پىكىرلەرنى ئېتىراپ قىلغان ۋاقتىمىزدا قەلبىمىزدە بىر تەشنالىقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى،ئىلگىرى ھېس قىلمىغان ئىشلارنى بايقايمىز. ئىلگىرى ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ياقتۇرۇپ قالىمىز. تۇرمۇشىمىزمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.


يېڭىچە ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسى قانائەتچان بولمايدۇ. كاللىمىزنى ئارامسىزلاندۇرۇپ، تەپەككۇرىمىزنى قوزغىتىدۇ. بىزنى ئۆزىمىزدىن ھالقىپ كېتىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ،بىزنى ھېس قىلىشقا،ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ خىل ئىدىيە دەل ئەقىل پاراسەت جەۋھىرى،شەكىل بىلەن رەڭنىڭ ئاشۇرۇلما دەرىجىسى، يېڭىچە ئېنېرگىيەدۇر.


‹10مىڭ ھەسسە زورايتىش.بۇ بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىكمۇ قانداق! كىممۇ ئۇ دەرىجىگە بارالايدۇ؟ شۇنداق ئىشنى كىممۇ قىلالايدۇ؟ بۇ ياكى بىر نوچىلىقمۇ؟

يېڭىچە تەپەككۇر قارىشى بۇ سوئاللارنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. لېكىن كونا كۆز قاراشتىكى ئىدىيەلەرنىڭ10مىڭ ھەسسە زورىيىش›ئىقتىدارى بولمايدۇ. سىز پەقەت كونىچە قاراشنى تاشلاپ، تەپەككۇرىڭىزنى يېڭىلىسىڭىزلا بۇ خىل زورىيىش ئىمكانىيىتىنى كۆرەلەيسىز. پىكىر قىلىشقا ماھىر ئادەم يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىيالايدۇ. پىكىر قىلىش يۆنىلىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ.ل ېكىن قانداقلا ئۆزگىرىش بولسۇن كونىچە كۆز قاراش چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بەزى كىشىلەر بۇ خىل چەكلىمىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتىن ۋاز كېچىدۇ. مېنىڭ تەكلىپىم : ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن ۋاز كەچمەڭ. بەلكىم ئۆزگىرىش ئۈچۈن بەلگىلىك بەدەل تۆلىشىڭىز مۇمكىن.لېكىن ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلىگەن بەدىلىڭىزدىن كۆپ بولغان، سىزنى مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلمايدىغان پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. مەسىلىلەرنى كۆپ ئويلىغانسېرى پىكىر قىلىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرىلايدۇ.


جون ھەر كۈنى ئەتىگەن ياكى كەچقۇرۇندا بىر نەچچە سائەت سەيلە قىلىدۇ. ئۇ سەيلە قىلغاچ توختىماي ئىزدىنىدۇ. ئەتراپىدىكى ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تەھلىل قىلىدۇ. ئىشلار ئوتتۇرىسىدا باغلانما مۇناسىۋەت بارلىقىنى بايقىغان ھامان، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. يېڭى جوننىڭ تەپەككۇرى توختاپ قالمىدى،ئۇنىڭ تەپەككۇرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىق تېپىشقا تىرىشىدۇ.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى