‹قانائەت قىلماسلىق› ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى سۈرئەت تېزلەتكۈچ
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ۋاقىتلاردا كاللىمىزغا قانائەت قىلمايدىغان ئىدىيەلەر كېلىدۇ. بىزنى بارلىق ئامال چارىلەر ئارقىلىق شۇ خىل ئىدىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ئەمما بىز بۇرۇنقى تەپەككۇر ئادىتىمىز بويىچە بۇ خىل ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلمايمىز. ھەر خىل ئىدىيەلەر بولۇپمۇ يېڭى ئىدىيەلەر ئادەمنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ. كونىچە تەپەككۇر قارىشى بىلەن زىت كېلىپ ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى يېڭىلاشقا تىرىشىدۇ. لېكىن ئادەمنىڭ بۇرۇندىن ئادەتلەنگەن كونا تەپەككۇر قارىشى ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدۇ. كونىچە تەپەككۇر ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىش. لېكىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يېڭىچە تەپەككۇر قارىشىنى ئۆزىگە ئادەت قىلىش،مەسىلىلەرگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قاراش، ئويلىغان يېڭى ئوي پىكىرلەرنى ئىنكار قىلماستىن قەلبىدىن ئورۇن بېرىش كېرەك. يېڭى ئوي پىكىرلەرنى ئېتىراپ قىلغان ۋاقتىمىزدا قەلبىمىزدە بىر تەشنالىقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى،ئىلگىرى ھېس قىلمىغان ئىشلارنى بايقايمىز. ئىلگىرى ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ياقتۇرۇپ قالىمىز. تۇرمۇشىمىزمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.
يېڭىچە ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسى قانائەتچان بولمايدۇ. كاللىمىزنى ئارامسىزلاندۇرۇپ، تەپەككۇرىمىزنى قوزغىتىدۇ. بىزنى ئۆزىمىزدىن ھالقىپ كېتىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ،بىزنى ھېس قىلىشقا،ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ خىل ئىدىيە دەل ئەقىل پاراسەت جەۋھىرى،شەكىل بىلەن رەڭنىڭ ئاشۇرۇلما دەرىجىسى، يېڭىچە ئېنېرگىيەدۇر.
‹10مىڭ ھەسسە زورايتىش›.بۇ بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىكمۇ قانداق! كىممۇ ئۇ دەرىجىگە بارالايدۇ؟ شۇنداق ئىشنى كىممۇ قىلالايدۇ؟ بۇ ياكى بىر نوچىلىقمۇ؟
يېڭىچە تەپەككۇر قارىشى بۇ سوئاللارنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. لېكىن كونا كۆز قاراشتىكى ئىدىيەلەرنىڭ‹ 10مىڭ ھەسسە زورىيىش›ئىقتىدارى بولمايدۇ. سىز پەقەت كونىچە قاراشنى تاشلاپ، تەپەككۇرىڭىزنى يېڭىلىسىڭىزلا بۇ خىل زورىيىش ئىمكانىيىتىنى كۆرەلەيسىز. پىكىر قىلىشقا ماھىر ئادەم يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىيالايدۇ. پىكىر قىلىش يۆنىلىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ.ل ېكىن قانداقلا ئۆزگىرىش بولسۇن كونىچە كۆز قاراش چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بەزى كىشىلەر بۇ خىل چەكلىمىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتىن ۋاز كېچىدۇ. مېنىڭ تەكلىپىم : ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن ۋاز كەچمەڭ. بەلكىم ئۆزگىرىش ئۈچۈن بەلگىلىك بەدەل تۆلىشىڭىز مۇمكىن.لېكىن ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلىگەن بەدىلىڭىزدىن كۆپ بولغان، سىزنى مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلمايدىغان پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. مەسىلىلەرنى كۆپ ئويلىغانسېرى پىكىر قىلىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرىلايدۇ.
جون ھەر كۈنى ئەتىگەن ياكى كەچقۇرۇندا بىر نەچچە سائەت سەيلە قىلىدۇ. ئۇ سەيلە قىلغاچ توختىماي ئىزدىنىدۇ. ئەتراپىدىكى ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تەھلىل قىلىدۇ. ئىشلار ئوتتۇرىسىدا باغلانما مۇناسىۋەت بارلىقىنى بايقىغان ھامان، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. يېڭى جوننىڭ تەپەككۇرى توختاپ قالمىدى،ئۇنىڭ تەپەككۇرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىق تېپىشقا تىرىشىدۇ.