تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ

ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ

ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 1631 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 
ئىگىلىك تىكلەشنى بىر قېتىمدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇش
 
ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ
 
مەن ئويلايمەن،ئەگەر ئىلگىرى يازغان كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قائىدە بويىچە باشلانغان بولسا،ھازىر ئوتتۇرىمىزدىكى سۆھبەتمۇ باشقىچە بولاتتى.
بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىم ھازىرقىدىن كۆپ بولىشى ياكى ئاز بولىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبى كۆپ قىسىم كارخانىچىلار ئىش باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا كارخانىسىنى ‹كىچىك تىپتىكى كارخانا› دەپ قارىۋالىدۇ ۋە بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرىدە ئىگىلىكنى تېخىمۇ زورايتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىمايدۇ. كۆپ قىسىم كارخانىچىلار ئۇزۇن يىل تىرىشسىمۇ كارخانا كۆلىمىنى يەنىلا چوڭايتالمايدۇ.
ھەممىمىزگە ئايان، %70 شىركەت ۋە %100 ئائىلىۋى كارحانىلار مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانا ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق كارحانىلاردا پەقەت بىر ئىككى ئادەملا تىجارەتنى يۇرۇشتۇرۇشكە مەسئۇل بولۇپ، ياراتقان ئىقتىسادى قىممەتمۇ پەقەت ئائىلىنى قامداشقىلا يېتىدۇ. تىكلىگەن ئىگىلىك ئۇلار ئۇچۇن پەقەتلا بىر خىزمەت حالاس. ئۇلارمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىشنى، شەخسى تاپاۋەتكە ئىگە بولۇشنى، ئۆزى قىلالايدىغان خىزمەت بولغان ئىش ئورنىغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ ۋە ياكى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئەمگىكى ۋە قابىلىيىتىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئۇلار قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، خوجايىن بولۇشنى ئويلايدۇ.
ئوحشىمىغان نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق بۇ خىل تىجارەت ئۇسۇلى بىز دەۋاتقان ئىگىلىك تىكلەش ئۇقۇمىدىن بەكمۇ يىراقلىشىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى باغۋەننىڭ باغۋەنچىلىك بىلەن شۇعۇللىنىشىغا،قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ بىنا سېلىشىغا، دوختۇرنىڭ بىمار داۋالىشىغا ئوخشاش بولۇپ ھەممىسى سۇيىئستېمالچى سالاھىيىتىدىكى ئەمەلىي خىزمەت ئىشلىگۇچىلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
‹ئىگىلىك تىكلەش رىۋايىتى› دىكى بايانغا ئاساسلانغاندا بۇ خىل تىجارەت قىلعۇچىلار ئەمەلىيەتتە ‹ئىگىلىك تىكلەش قىزعىنلىقى›نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئەتراپىدىكى زىيادە كۆپ بولغان دېققەت ئېتىبارنىڭ تەسىرىدىن كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ ۋە پەقەتلا بازار ئىچىش، مەھسۇلاتنى سېتپ چىقىرىش،كەسىپ تورىنى قۇرۇش،ئىقتىساد باشقۇرۇش،كارخانىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدىن ئۆتۈۋالغاندىلا كېيىنكى تەرەققىياتلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ‹قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىچى› دەپ قارىلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى كۆپلىگەن كارخانىچىلار بۇ خىل خاتا قاراش تۈپەيلى ئىگىلىكىنى ئاحىرغىچە ساقلاپ قالالماي مەغلۇپ بولىدۇ.  ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار تىكلىگەن ئىگىلىك ھەقىقىي تۈردىكى ئىگىلىك ھىسابلانمايدۇ. كارخانىچىلارنىڭ مەغلۇپ بولىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ھەر خىل سودا-تىجارەت كەسپى بىلەن شۇعۇللانغۇچىلار ئۆزلىرى قىلىۋاتقان شۇ خىل تىجارەت تۈرىنى پەقەت پۇل تېپىش ۋاستىسى قىلىپ شۇ خىل كەسىپنى ياخشى كۆرمىگەنلىك   تۈپەيلىدىن ئاحىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ.
سىز بەلكىم تىجارەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مەقسىتى يەنىلا پۇل تېپىش ئۇنىڭغا قىزىقىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن مەن ئۇنداق قارىمايمەن، خىزمەت قىلىش ئۇچۇنلا حىزمەت قىلىش ئادەمنى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۈزىۋىتىدۇ، سىز ئاۋال ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان، قىزىقىدىغان ئىشنى تاللاڭ، ئاندىن شۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ. ئالدىنقى شەرت سىزنىڭ شۇ ئىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاساسىڭىز يېتەرلىك بولىشى كېرەك. مۇۋاپىقىيەت قازىنىش جەريانىدىكى بارلىق سەرپ قىلغانلىرىڭىز، ۋاقتىڭىز، مەبلىغىڭىز، قان-تەرىڭىز پەقەتلا سىزنىڭ شۇ ئىشنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىز ئۇچۇنلا بولىشى كېرەك.
سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىشىڭىز، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ياخشى كۆرىشىڭىز كېرەك.نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى كۆرۈش پەقەتلا شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھالىتىگە بولغان قىزىقىش ياكى ئەتراپتىكى مۇھىت،بېسىمنىڭ تەسىرىدىن مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن پەيدا بولغان قىزىقىش بولۇپ ھەقىقىي قول سېلىپ ئىشلىگەندە بولسا يولۇققان مەسىلىلەر تۈپەيلى ئاسانلا ۋاز كېچىدۇ. سىزنىڭ ۋاز كەچكەنلىكىڭىز شۇ ئىشنى ياخشى كۆرمەيدىعانلىقىڭىزنى بىلدۇرىدۇ. ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن تاللىغان ئىشىڭىزغا بولغان پوزىتسىيەرىڭىزنى ئېنىق ئايىرىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ياخشى كۆرگەن ئىشنىڭ مۇۋەپىققىيەت قازىنىش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەش-خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشتۇر. ياخشى كۆرۈپ قىلغان ئىشىڭىز تۈپەيلى ئەسلىدە بار بولغان نام-مەنپەئەتىڭىز، ماددى نەرسىلىرىڭىز،حاتىرجەم بولغان تۇرمۇشىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.
مۇۋەپىققيەت قازىنىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كەسىپتە ئىگىلىك تىكلەڭ ۋە ئۇنىڭدا بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتقا لازىملىق بولغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك يارىتىڭ.بەلكىم بۇ خىل ئالاھىدىلىك كارخانىڭىزنى تېخىمۇ زورايتىپ  قالماستىن يەنە سىز ئويلىمىغان نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈرۈىشى مۇمكىن.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى