ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ
ۋاقتى: 2016-08-01
ئاۋاتلىقى: 1631 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىگىلىك تىكلەشنى بىر قېتىمدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇش
ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ
مەن ئويلايمەن،ئەگەر ئىلگىرى يازغان كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قائىدە بويىچە باشلانغان بولسا،ھازىر ئوتتۇرىمىزدىكى سۆھبەتمۇ باشقىچە بولاتتى.
بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىم ھازىرقىدىن كۆپ بولىشى ياكى ئاز بولىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبى كۆپ قىسىم كارخانىچىلار ئىش باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا كارخانىسىنى ‹كىچىك تىپتىكى كارخانا› دەپ قارىۋالىدۇ ۋە بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرىدە ئىگىلىكنى تېخىمۇ زورايتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىمايدۇ. كۆپ قىسىم كارخانىچىلار ئۇزۇن يىل تىرىشسىمۇ كارخانا كۆلىمىنى يەنىلا چوڭايتالمايدۇ.
ھەممىمىزگە ئايان، %70 شىركەت ۋە %100 ئائىلىۋى كارحانىلار مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانا ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق كارحانىلاردا پەقەت بىر ئىككى ئادەملا تىجارەتنى يۇرۇشتۇرۇشكە مەسئۇل بولۇپ، ياراتقان ئىقتىسادى قىممەتمۇ پەقەت ئائىلىنى قامداشقىلا يېتىدۇ. تىكلىگەن ئىگىلىك ئۇلار ئۇچۇن پەقەتلا بىر خىزمەت حالاس. ئۇلارمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىشنى، شەخسى تاپاۋەتكە ئىگە بولۇشنى، ئۆزى قىلالايدىغان خىزمەت بولغان ئىش ئورنىغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ ۋە ياكى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئەمگىكى ۋە قابىلىيىتىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئۇلار قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، خوجايىن بولۇشنى ئويلايدۇ.
ئوحشىمىغان نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق بۇ خىل تىجارەت ئۇسۇلى بىز دەۋاتقان ئىگىلىك تىكلەش ئۇقۇمىدىن بەكمۇ يىراقلىشىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى باغۋەننىڭ باغۋەنچىلىك بىلەن شۇعۇللىنىشىغا،قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ بىنا سېلىشىغا، دوختۇرنىڭ بىمار داۋالىشىغا ئوخشاش بولۇپ ھەممىسى سۇيىئستېمالچى سالاھىيىتىدىكى ئەمەلىي خىزمەت ئىشلىگۇچىلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
‹ئىگىلىك تىكلەش رىۋايىتى› دىكى بايانغا ئاساسلانغاندا بۇ خىل تىجارەت قىلعۇچىلار ئەمەلىيەتتە ‹ئىگىلىك تىكلەش قىزعىنلىقى›نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئەتراپىدىكى زىيادە كۆپ بولغان دېققەت ئېتىبارنىڭ تەسىرىدىن كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ ۋە پەقەتلا بازار ئىچىش، مەھسۇلاتنى سېتپ چىقىرىش،كەسىپ تورىنى قۇرۇش،ئىقتىساد باشقۇرۇش،كارخانىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدىن ئۆتۈۋالغاندىلا كېيىنكى تەرەققىياتلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ‹قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىچى› دەپ قارىلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى كۆپلىگەن كارخانىچىلار بۇ خىل خاتا قاراش تۈپەيلى ئىگىلىكىنى ئاحىرغىچە ساقلاپ قالالماي مەغلۇپ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار تىكلىگەن ئىگىلىك ھەقىقىي تۈردىكى ئىگىلىك ھىسابلانمايدۇ. كارخانىچىلارنىڭ مەغلۇپ بولىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ھەر خىل سودا-تىجارەت كەسپى بىلەن شۇعۇللانغۇچىلار ئۆزلىرى قىلىۋاتقان شۇ خىل تىجارەت تۈرىنى پەقەت پۇل تېپىش ۋاستىسى قىلىپ شۇ خىل كەسىپنى ياخشى كۆرمىگەنلىك تۈپەيلىدىن ئاحىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ.
سىز بەلكىم تىجارەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مەقسىتى يەنىلا پۇل تېپىش ئۇنىڭغا قىزىقىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن مەن ئۇنداق قارىمايمەن، خىزمەت قىلىش ئۇچۇنلا حىزمەت قىلىش ئادەمنى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۈزىۋىتىدۇ، سىز ئاۋال ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان، قىزىقىدىغان ئىشنى تاللاڭ، ئاندىن شۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ. ئالدىنقى شەرت سىزنىڭ شۇ ئىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاساسىڭىز يېتەرلىك بولىشى كېرەك. مۇۋاپىقىيەت قازىنىش جەريانىدىكى بارلىق سەرپ قىلغانلىرىڭىز، ۋاقتىڭىز، مەبلىغىڭىز، قان-تەرىڭىز پەقەتلا سىزنىڭ شۇ ئىشنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىز ئۇچۇنلا بولىشى كېرەك.
سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىشىڭىز، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ياخشى كۆرىشىڭىز كېرەك.نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى كۆرۈش پەقەتلا شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھالىتىگە بولغان قىزىقىش ياكى ئەتراپتىكى مۇھىت،بېسىمنىڭ تەسىرىدىن مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن پەيدا بولغان قىزىقىش بولۇپ ھەقىقىي قول سېلىپ ئىشلىگەندە بولسا يولۇققان مەسىلىلەر تۈپەيلى ئاسانلا ۋاز كېچىدۇ. سىزنىڭ ۋاز كەچكەنلىكىڭىز شۇ ئىشنى ياخشى كۆرمەيدىعانلىقىڭىزنى بىلدۇرىدۇ. ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن تاللىغان ئىشىڭىزغا بولغان پوزىتسىيەرىڭىزنى ئېنىق ئايىرىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ياخشى كۆرگەن ئىشنىڭ مۇۋەپىققىيەت قازىنىش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەش-خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشتۇر. ياخشى كۆرۈپ قىلغان ئىشىڭىز تۈپەيلى ئەسلىدە بار بولغان نام-مەنپەئەتىڭىز، ماددى نەرسىلىرىڭىز،حاتىرجەم بولغان تۇرمۇشىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.
مۇۋەپىققيەت قازىنىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كەسىپتە ئىگىلىك تىكلەڭ ۋە ئۇنىڭدا بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتقا لازىملىق بولغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك يارىتىڭ.بەلكىم بۇ خىل ئالاھىدىلىك كارخانىڭىزنى تېخىمۇ زورايتىپ قالماستىن يەنە سىز ئويلىمىغان نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈرۈىشى مۇمكىن.