يانفوندا كۆرۈش
مۇھىت ، سېخ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تازىلىق تەلىپى
بىر يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتىدا سەھىيە بۆلۈمى تەسىس قىلىنىپ، مۇھىت، سېخ قاتارلىقلارنىڭ تازىلىقىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلىنىشى، قەرەللىك ھالدا ئومۇمىي تازىلىق ۋە شەخسىي تازىلىقىنى ( ھەر يىلىدىكى ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەشكىلىك ئاساستا تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.
1. زاۋۇت ئورنىنى تاللاش
(1) يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتىغا خاس بولغان مۇھىت بولۇشى كېرەك.
(2) يېتەرلىك مىقدارىدىكى سۇ مەنبەسى ۋە ياخشى سۈپەتلىك سۇ بولۇشى ھەمدە بىر قەدەر تولۇق بولغان سۇ چىقىرىش سىستېمىسى بولۇشى كېرەك.
(3) كېرەكسىز نەرسىلەر ۋە ئەخلەتلەرنى قويىدىغان مۇقىم ئورۇن بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئورۇن سېختىن يىراق ھەم ۋاقتىدا توشۇشقا قولايلىق جايدا بولۇشى كېرەك.
2. زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ تازىلىقى ۋە قۇرۇلمىسى
سېخنىڭ ئىچى ۋە يەر سېمونتتىن ياكى باشقا سۇدىن مۇداپىئەلىنىدىغان ماتېرىياللردىن قۇرۇلۇشى، سىرتقى يۈزى تۈز بولۇشى، لېكىن تېيىلغان بولماسلىقى، سۇنى چىقىرىۋېتىشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن. مۇۋاپىق يوچۇق (يېرىق) قالدۇرۇلۇشى كېرەك. قىسمەن جايلاردا سۇ يىغىلىپ قېلىش ھادىسىلىرى بولماسلىقى كېرەك. تامنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىپ m2 ئېگىزلىككىچە بولغان يېرىگىچە سىلىقلانغان تاش ياكى ئاق فارفۇر خىش ئورنىتىش كېرەك. يۇيۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، دېرىزە تەكچىسىنىڭ قىيپاشلىق دەرىجىسى 45گىرادۇسلۇق بولۇشى كېرەك شۇنداقلا دائىم چوتكىلاپ يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. سۇ تۇرۇبىسى ۋە پار تۇرۇبىسى سۇ قېتىپ قېلىش ياكى پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ يېمەكلىككە چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رۇستەك ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك. پاشا، كۇمۇتلاردىن ساقلانغىلى بولىدىغان ئىشىك-دېرىزىلەرنى (ئاكسېلىراتور، تورلۇق دېرىزە) ئورنىتىش كېرەك. مەشغۇلات مەيداننىڭ يورۇقلۇقى يېتەرلىك، شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى بولۇشى كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان زاۋۇتلار يېپىق ھاۋا تەڭشەشكە بولىدىغان سېخ قۇرسا بولىدۇ. ئېلېكتىر چىراغلىرىنىڭ ئورنى ۋە ئاسراش قۇرۇلمىلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
سېخقا كىرگەن خادىملار قول يۇغاندا دەسسەيدىغان تاختاي بولۇشى، قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسسىق پار بىلەن پۈۋلەپ قۇرۇتۇشى ياكى قولىنى پاكىز قۇرۇق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈشى كېرەك. ھاجەتخانا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان بولۇشى ياكى سېختىن مۇۋاپىق يىراقلىقتا بولۇشى كېرەك.
3. ئىسكىلاتنى لايىھەلەش
ئىسكىلاتىنى لايىھەلىگەن ۋاقىتتا، چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا، ھاۋا ئۆتۈشۈش ۋە سۇنى چىقىرىۋېتىش شارائىتىلىرىنىڭ ياخشى بولۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، چاڭ-توزان ۋە نەملىكىتىن ساقىلىنىدىغان ۋە ھاشارات، چاشقان، قۇشلارنىڭ كىرىشىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان مۇئەسسەسەلەرنى ياخشى لايىھەلەش لازىم.
4. سايمانلارنىڭ تازىلىقى
سايمان، ئەسۋاب، ئۈسكۈنە ۋە سىغىم ئەسۋابلىرىنىڭ تازىلىق تەلىپى تۆۋەندىكى قائىدىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛
(1) چۇۋۇش ۋە يۇيۇش ئوڭاي بولۇشى كېرەك.
(2) يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان يۈزى پارقىراق بولۇشى، ئېگىز-پەس، قوپال، يېرىق بولماسلىقى كېرەك.
(3) ئاسان چىرىيدىغان ياكى زەھەرلىك مېتاللارنى مەسىلەن: ئاليۇمىن، مىس، قوغۇشۇن، سىنك قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
(4) ئۈسكۈنىلەرنى سىلىقلاش مېيى، پاسكىنا سۇ، ئارىلاشما ماددا قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىشىدىن ساقلىنىش.
(5) بارلىق سايمانلار يۇيۇشقا قولايلىق بولۇشى كېرەك.
(6) سىرتقى يۈزىنىڭ سۈمۈرۈش كۈچى كىچىكرەك بولۇشى كېرەك.
(7) ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە پاكىز يۇيۇش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش لازىم.
(8) قوللىنىلىدىغان دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروبسىزلاندۇرۇش رېئاكتىپى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، زەھەرسىز بولۇشى كېرەك.
5. ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ تازىلىق تەلىپى
يېمەك-ئىچمەك سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ تەلىپى ئادەتتىكى سانائەت زاۋۇتلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، سۇكاتول (پارقازان) ۋە تازىلىققا ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەنە پىششىقلاپ ئىشلەشتە بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا سۇغا بولغان تەلەپ ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.
1) سۇ مەنبەسىنىڭ تازىلىقى، سۇ مەنبەسىنىڭ تازىلىقىغا بولغان تەلەپ:
(1) سۇ مىقدارى يېتەرلىك. سۈپىتى ياخشى، بىخەتەر بولۇشى، تازىلىق ئۆلچىمىگە توشقان بولۇشى كېرەك. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، بېسىمى يېتەرلىك، سۇنى زاۋۇتنىڭ ھەممە يېرىگىچە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم. تۇرۇبىنىڭ تەقسىماتى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.
(2) ھەرقانداق سۇ مەنبەسى چوقۇم تەكشۈرۈلۈپ، بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
(3) كاتولغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ يۇمشاقلاشتۇرۇلۇشى لازىم.
(4) پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەيلى تۇرۇبا سۈيى ياكى ئۆزى تەييارلانغان سۇ بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەممىسىلا خلورلاشتۇرۇشى، خىلور مىقدارى ppm2 ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك.
(5) كېرەكسىز سۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، تەركىبىدە يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدىغان ماددىلار بولماسلىقى كېرەك.