10 تۈرلۈك ئاساسىي ئوزۇقلۇق ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى
ۋاقتى: 2016-11-09
ئاۋاتلىقى: 1273 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. ئاقسىل: كېلىش مەنبەسى – گۆش (بېلىق، توخو، قۇش تۈرىدىكى گۆشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قۇرۇق ماش، كۆك پۇرچاق، ئېرىمچىك، تۇخۇم، مېغىز، ئاپتاپپەرەس.
2. قەنت: كېلىش مەنبەسى – ئاشلىق، بەرەنگە، قۇرۇق ماش، كۆممەقوناق، بولكا
3. ياغ: كېلىش مەنبەسى – سېرىق ياغ، قايماق، سۈنئىي سېرىق ياغ، تۇزلانغان گۆش، مېغىز، ئاپتاپپەرەس، يەر ياڭىقى.
4. ۋېتامىن A: جىگەر، سەۋزە، يېشىل كۆكتات، سۈنئىي سېرىق ماي، قايماق.
5. ۋېتامىن C: كېلىش مەنبەسى – قىچا چىچىكى، لاڭقا (كاللەك سەي)، بەرەنگە، شوخلا، يېشىل كۆكتات.
6. ۋېتامىن B1: كېلىش مەنبەسى – ئورۇق گۆش، مېغىز، قارا ئاشلىق، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر.
7. ۋېتامىن B2: كېلىش مەنبەسى – جىگەر، كالا سۈتى، يېشىل كۆكتات، قارا ئاشلىق.
8. ۋېتامىن PP: كېلىش مەنبەسى – جىگەر، گۆش، ئۆي قۇشلىرى، بېلىق، يەر ياڭىقى، قارا ئاشلىق، قۇرۇق ماش، كۆك پۇرچاق، مېغىز.
9. كالىتسىي: كېلىش مەنبەسى – كالا سۈتى، ساردىن بېلىقى، ماخا بېلىقى، كۆكتات، تۇرۇپ كۆكى.
10. تۆمۈر: كالا گۆشى، قوي گۆشى، كۈچەيتىلگەن كىرخمال، جىگەر، قۇرۇق ماش، كۆك پۇرچاق، يېشىل كۆكتات، قارا ئاشلىق.