ئۆسۈملۈك مېيى ، ياغ ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بويۇملار زاۋۇتى قۇرۇش ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-08-08
ئاۋاتلىقى: 1382 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۆسۈملۈك مېيى ، ياغ ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بويۇملار زاۋۇتى قۇرۇش ھەققىدە
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى چوڭ جەھەتتىن 31 تۈرىگە بۆلىنىدۇ . ئۇلار :
1. ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات
2. يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماي
3. مايلىق يېمەكلىكلەر ۋە باشقا تۈردىكىلەر
4. تەم تەڭشىگۈچلەر
5. گۆش مەھسۇلاتلىرى
6. سۈت مەھسۇلاتلىرى
7. ئىچىملىك
8. قولايلىق يېمەكلىكلەر
9. پېچىنە تۈرىدىكىلەر
10. كونسېرۋا
11. سوغۇق يېمەكلىكلەر
12. تىز توڭلىتىلغانيېمەكلىكلەر
13. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋەكۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر
14. كەمپۈت تۈرىدىكىلەر
15. چاي ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار
16. ھاراق تۈرىدىكىلەر
17. سەي -كۆكتات تۈرىدىكىلەر
18. مېۋە - چېۋە تۈرىدىكىلەر
19. قورۇلغان يېمەكلىك ۋە چىداملىق يېمەكلىكلەر
20. تۇخۇم تۈرىدىكىلەر
21. كولا ۋە قەھۋە تۈرىدىكىلەر
22. يېمەكلىك شېكەر
23. سۇ مەھسۇلاتلىرى
24. كىراخمال ۋە كىراخمال تۈردىكلەرمەھسۇلاتلار
25. تورت پۇرچاق تۈردىكلەرمەھسۇلاتلار
26. ھەسەل مەھسۇلاتلىرى
27. ساغلاملىق يېمەكلىكى
28. ئالاھىدە تېبابەتتەئىشلىتىلىدىغان رېتسېپلىق يېمەكلىكلەر
29. بوۋاقلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرى
30. ئالاھىدە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر
31. باشقا تۇردىكى يېمەكلىكلەر دەپ 31 دەرىجىگەئايرىلىدۇ .
بۇ 31چوڭ تۈر يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ . تۆۋەندە بىز 2– چوڭ تۈر بولغان ئۆسۈملۈك مېيى ، ياغ ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بويۇملار زاۋۇتى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىنىچىكە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئىنچىكە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش جەدۋىلى
ئۆسۈملۈك مېيى ، ياغ ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بويۇملار زاۋۇتى قۇرۇش ھەققىدە
ئۆسۈملۈك مېيى ، ياغ ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بويۇملار ئادەتتە ئۆسۈملۈك مېيى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش ، ھايۋانات يېغى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش ، يىمەكلىك ماي ياسالمىلىرى دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ .
ئۆسۈملۈك مېيى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى ئۆسۈملۈك مېيى بولسا قىچا،دادۇر،خاسىڭ،گازىر،چىگىت،زىغىر،قوناق تۆرەلمىسى،زاراڭزا،گۈرۈچ شاكىلى،كۈنجۈت،پالما مېۋىسى،زەيتۇن مېۋىسى،كوكۇس مېۋىسى ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەردىن (ياڭاق،ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلاردىن) ئايرىپ ئىلىنغان خام ماينى،پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق تەييارلانغان، ئىستېمال قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك مېيدۇر(تەڭشەلگەن ئىستېمال قىلىنىدىغان ماينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1 ،يەنى ئىستېمال قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك مېيى(食用植物油). ئۆسۈملۈك مېيى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
ھايۋانات يېغى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى ھايۋانات يېغى بولسا ھايۋانلارنىڭ ياغ توقۇلمىسىدىن ئايرىپ ئىلىنغان قاتتىق ياكى يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى ياغلارنى،پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياسالغان ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانات يىغىنى كۆرسىتىدۇ،ئۇ كالا يېغى ،قوي يېغى ،بېلىق جىگىرى يېغى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
ھايۋانات يىغىنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1 ،يەنى ئىستېمال قىلىنىدىغان ھايۋانات يېغى (食用动物油脂). ھايۋانات يېغى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
يىمەكلىك ماي ياسالمىلىرى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش
يىمەكلىككە ئىشلىتىدىغان ھىدروگىنلاشتۇرۇلغان ماي ، سۈنئىي قايماق (مارگارىن) ياكى سۈنئىي سېرىق ماي ، سېرىق ماي ، كاكائو مېيى قاتارلىقلار