تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

خېرىدارنىڭ پۇلىنىلا كۆزلىمەي، ئۇلارغا پۇل تېجەپ بېرىشىڭىز لازىم

خېرىدارنىڭ پۇلىنىلا كۆزلىمەي، ئۇلارغا پۇل تېجەپ بېرىشىڭىز لازىم

ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 1833 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش



خېرىدارنىڭ پۇلىنىلا كۆزلىمەي،ئۇلارغا پۇل تېجەپ بېرىشىڭىز لازىم


ئاكۇلانىڭ مەركەزلىك قىممەت قارىشى‹ ئالغا ئىنتىلىش› دە تەلەپ قىلىدىغىنى خوجايىنىڭىزغا ئوخشاش پىكىر قىلىپ،قول ئاستىڭىزدىكى خىزمەتچىگە ئوخشاش ئىشلەڭ.ئەگەر سىز كاتتا كارخانىچىغا ئايلانماقچى بولسىڭىز،شۇ خىل كارخانىچىغا ئوخشاش پىكىر قىلىڭ.لېكىن كاتتا كارخانىچىدەك ھەرىكەت قىلسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز.سىز چوقۇم ئۆزىڭىزدىنمۇ كىچىك بولغان كارخانىچىلاردەك ھەرىكەت قىلىشىڭىز كېرەك.ئىگىلىك تىكلەشتە ئېھتىيات قىلىدىغان ئىش،كىچىك شىركەتنىڭ چوڭ ئىش قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.ئەگەر يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەت ئىش باشلىماي تۇرۇپلا قائىدە تۈزۈم،تەشكىل قۇرۇلمىسىنى تۇرغۇزۇش،مۇئاۋىن دىرېكتور ، ھەر قايسى بۆلۈم دىرېكتورلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ھالقىسىغا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولسا بۇ شىركەت ئۇزۇنغا بارمايلا ۋەيران بولىدۇ.كىچىك شىركەتنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى قائىدە تۈزۈم،باشقۇرۇش ئەمەس بەلكى توغرا بولغان نىشان ۋە چىقىش نۇقتىسى تېپىپ،شۇ ئارقىلىق ۋەزىيەتكە يۈزلىنىش.
ئويلاپ باقايلى: جوننىڭ ئەسلىدىكى پاسسىپ ھالىتىدىن سىز نېمىلەرنى بايقىدىڭىز؟ئەڭ مۇھىم بايقاش: دەسلەپتە جون بىر ماشىنا رىمونتچىسىنىڭ كاللىسى بىلەن پىكىر قىلىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغان.ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەتلا خىزمەت،ئىقتىسادى كىرىم،ئائىلە،بالا،ۋە ئائىلىسىنى بېقىپ كېلىۋاتقان ئۆزىدىن ئىبارەت.ئۇزۇن يىللىق ماشىنا رىمۇنىتچىلىق خىزمىتى،تەجرىبىلىرى ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى چۈشەپ قويغان.ئۇ قىلىۋاتقان ئىشىنى خىزمەت قاتارىدا كۆرىدۇ،ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇ بولسا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق خىزمەت قىلالىغان،شۇ خىزمەت ئارقىلىق پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى بېقىۋاتقان بىر ماشىنا رېمونتچىسى.ئىگىلىك تىكىلگەندىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە ئۆزى مائاش بېرىدىغان بولدى.ئۇ ئەمدى باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچى ئەمەس.شىركەت قۇرغاندىن كېيىن ئۇ يەنىلا ئاۋۋالقىغا ئوخشاش تىرىشىپ ئىشلىدى.ئوخشىمايدىغىنى ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئىلگىرىكىدىن
پەرقلىق بولغان‹باشقا خىزمەتلەر›.
جون دەسلەپتە‹ 10مىڭ ھەسسە› نى تەسەۋۋۇر قىلدى.ئاندىن ‹يېشىللاشتۇرۇش› خىيالى كاللىسىغا كەلدى.ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ھەممىباب،فورد،كىرىسلىر قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە دىققەت قىلدى.بۇ شىركەتلەرنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،مۇلازىمەت مەركەزلىرىنى تاقىغانلىقىنى كۆرۈپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىشسىز قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى.ئىشسىزلىق يالغۇز ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىلا ئەمەس باشقا ساھەلەردىمۇ كۆرۈلمەكتە ئىدى.ۋال كوچىسى،بانكا،پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرىمۇ خادىم قىسقارتقان ئىدى.جون بۇ ئەقىللىك كارخانىچىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئويلاشقا باشلىدى. جون (ھازىر ئۇ بىز تونۇيدىغان، ئىشلارنى ئاددىي ئويلايدىغان ئىلگىرىكى جون ئەمەس) تۇنجى قېتىم يېڭىچە كۆز قاراش بىلەن ئەتراپقا نەزەر سالدى.ئۆزىنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنى،ۋەزىيەتنى ۋە ئىقتىساد ئەھۋالىنى ئويلىدى.ئىلگىرى ئۇ سىياسەتكە قىزىقمايتتى.باشلىقلارغا بېلەت تاشلاشقا توغرا كەلسىمۇ مەقسەتسىزلا ئۆزى خالىغان بىرىگە بېلەت تاشلايتتى.ھازىر بولسا ئۇ دۆلەت ئەھۋالىنى،ئىلگىرى ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاشقا باشلىدى.
نۇرغۇن كىچىك كارخانىچىلار سىياسەتكە،ئىقتىسادى ۋەزىيەتكە قىزىقمايدۇ،ئۇ ئىشلارنى ئىقتىسادشۇناسلار ۋە سىياسەتشۇناسلارنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.ياكى پەقەت ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىقتىسادى سىياسىي ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ كارخانىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ كۆپرەك پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى قامداشنىلا ئويلايدۇ.بىز سىياسەتكە قىزىققۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن دائىم سىياسەتكە ئىقتىسادقا ئائىت سۆزلەرنى،ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى پەرەز قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇمىز.مەسىلەن :مۇھىت قوغداش› تېمىسىنى مىسالغا ئالساق،بۇ بىر دۇنياۋى خاراكتېرلىك،سىياسىي ،ئىقتىسادى ،كەلگۈسىنى نىشان قىلغان پائالىيەت بولۇپ،مەڭگۈ داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. ئەلۋەتتە ‹مۇھىت قوغداش›قا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىقتىسادى پائالىيەتلەرمۇ تەبىئىيلا قوللاشقا ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.ئالدىنقى تېمىدا جوننىڭ كاللىسىغا ‹يېشىللاشقان مۇھىت ئاسراش تىپ›دىكى ماشىنا رېمونت قىلىش ئىدىيەسىنى كەلتۈرۈشۈمدىكى مەقسەتمۇ دەل بۇ خىل ئىدىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزگەرمەيدىغان تەرەققىيات يۆلىنىشىگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرگەنلىكىمدىن بولغان.ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا بۇخىل تېمىلار نۇرغۇن. ئەتراپىڭىزدىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ،تەھلىل قىلىڭ،سىياسەتشۇناس،ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مەلۇم خىل ئىقتىسادى پائالىيەتلەرگە بولغان تەھلىلى ۋە مۆلچەرىگە ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ يەكۈن چىقىرىڭ.چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى كۆزىتىپ،كىچىك كارخانىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى مۆلچەرلەڭ.بەلكىم سىز بۇ خىل كەڭرى مۇھىتنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.لېكىن داۋاملىق ئۇ ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلسىڭىز ئىككى خىل ئۆزگىرىشنى بايقايسىز:بىرىنچىدىن تەپەككۇر شەكىلىڭىز ماكرولىشىشقا ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ.ئىككىنچىدىن خەلقئارالىق ئىقتىسادى مۇھىتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىدىن تەمتىرەپ قالمايسىز.خۇددى 2008-يىلىدىكى يەرشارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى كىرىزىس سەۋەبىدىن نۇرغۇن كارخانىلار (بىر قىسىم خەلقئارالىق چوڭ كارخانىلار) ۋەيران بولغانغا ئوخشاش.
دوستىمىز جون ئىلگىرى كونىچە كۆزقاراش بىلەن تۇرمۇشى بىر قېلىپقا چۈشۈپ قالغان بىر ئادەم ئىدى.ھازىر بولسا ئىلگىرىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر خىل جون پەيدا بولدى.ھازىر ئۇنىڭ كاللىسىغا ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان يېڭى خىيال،يېڭى تەسەۋۋۇرلار كەلمەكتە.خۇددى خىيال بوشلۇقىنى تولدۇرماقچى بولغاندەك.لېكىن ئويلىغانسېرى بۇ بوشلۇق چوڭايماقتا.جوننىڭ كاللىسىغا يەنە يېڭى خىيال كەلدى.ئۇ ماشىنا رېمونت قىلىشتىن باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا باشلىدى.بۇ قېتىملىق ئىقتىسادى كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ئۇلار ماشىنىلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟چىقىم كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ماشىنىلىرىنى قانداق رېمونت قىلدۇرىدۇ؟جوننىڭ بۇ ئىشلارنى ئويلاپ يېتەلىشى راستتىنلا ھەيران قالارلىق.ئىلگىرىكى جوننىڭ بۇ مەسىلىلەرنى بايقىيالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.ئىلگىرىكى جون ئېلىشنىلا ئويلايتتى.خوجايىن قانچىلىك بەرسە شۇنچىلىك ئالاتتى.ۋە ھەر قېتىم ئالغان مائاشىنىڭ ئازلىقىدىن ئاغرىناتتى.بۇ ئاغرىنىشمۇ جوننىڭ يەككە ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولغان سەۋەبتۇر.ئۇ ئۆزىنىڭ ئازغىنە پۇلغا ئىشلىشىدىن رازى بولمايتتى.تېخنىكىسىنى ئېلىۋاتقان مائاشىدىنمۇ كۆپ پۇلغا يارايدۇ دەپ ئويلايتتى.ئاخىر ئۇ ‹قىممىتىمنى خوجايىن ئەمەس بازار بەلگىلىشى كېرەك.تېخنىكام قانچىلىك پۇلغا يارىسا،شۇنچىلىك پۇل تېپىشىم كېرەك› دەپ ئويلىدى.ئەگەر سىز بىر سائەتتە 100 دوللار تاپسىڭىز،باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەش توغرا كەلسىمۇ سائەتلىك ئىش ھەققىڭىزنى 100دوللاردىن تۆۋەن قىلمايسىز.جون يەنە ئويلاشقا باشلىدى.دوختۇرلار قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟ توكچىلار قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟ بىر قېتىم ئۇ ئۆيىنىڭ توك يولىنى رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن توكچى تەكلىپ قىلغان ئىدى.‹بۇ يەردە قانداق بىر پۇرسەت بار؟›.يېڭى جوننىڭ كاللىسىغا شۇنداق سوئال كەلدى، ۋە ئەگىشىپلا سوئالنىڭ جاۋابىنى ئويلاشقا باشلىدى. كىشىلەرنىڭ ئۇچراۋاتقان ئوڭۇشسىزلىقلىرى ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تاللىشىغا مەلۇم خىل ئۇچۇرنى بېرىۋاتقان ئىدى.ئۇ ئويلىنىش ئارقىلىق يەنە يېڭى پىلان تۈزدى.‹‹ماشىنىسى بار كىشىلەرگە ماشىنا رېمونت قىلىشنى ئۆگىتىدىغان شىركەت قۇرسام بولامدۇ؟ئەگەر ماشىنا ئىگىلىرىگە ماشىنا رېمونت قىلىشنى ئۆگەتسەم،ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ چىقىمىنى مەلۇم مىقداردا تېجەپ بەرگىلى بولىدۇ.راستتىنلا شۇنداق شىركەت قۇرسام نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ ئىشنى نەدىن باشلايمەن؟›› .
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەقسىتى باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەندە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى يارىتالمايدۇ.پەقەت ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكىلگەندىلا ئاندىن قىممىتىنى يارىتىپ ئۆزىنى ھەقىقىي ئىسپاتلىيالايدۇ.لېكىن ئۇلار خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشمايدۇ.
كۆپىنچە ھاللاردا بىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىمىز پۇل بولۇپ قالىدۇ.سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا كىشىلىك قىممىتىمىزنى يارىتىشدۇر.بىراق بۇنىڭ كارخانا بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟بىر ھەقىقىي تۈردە كارخانىمىزنى ئويلىدۇقمۇ؟ سىز بەلكىم‹ مېنىڭ قىممىتىم كارخانامنىڭ قىممىتى ›دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.بۇ ھالدا سىزنىڭ كارخانىڭىز قىممىتىڭىزگە باغلىنىپ،مۇستەقىل بولالمىغانلىق تۈپەيلى مەغلۇپ بولىدۇ.
نۇرغۇن كارخانىچىلار ئۆز قىممىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.كارخانىنى ئۆز قىممىتىگە باغلىۋالماي مۇستەقىل قىلغاندىن سىرت ،كارخانىسى ئارقىلىق كىشىلىك سۈپىتىنى ئۆلچەيدۇ.بۇ ئىككى خىل مۇناسىۋەت ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.ئۆز ئارا نازارەت قىلىنىدۇ.لېكىن بەزى بىر كىشىلەر ئۆزى ئارقىلىق كارخانىنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەيدۇ.كارخانىسىنىڭ بارلىق پائالىيىتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان بولۇپ كارخانىنىڭ سۈپىتى كىشىلىك سۈپىتىگە مايىل قىلىنغان، بۇ خىل مۇناسىۋەتكە يېڭى ئامىللار كىرەلمەيدۇ.ئاقىۋەتتە يول ماڭغانسېرى تارلىشىدۇ.
يىراقنى كۆرۈش ئۈچۈن،ئالدى بىلەن باشقىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى،كارخانىڭىزنىڭ باشقىلار ئۈچۈن قانداق ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئويلىشىڭىز كېرەك.كارخانا قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ھازىرلىماقچى بولسا،ئالدى بىلەن خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاش كېرەك.ئەمما بىر قىسىم كىچىك كارخانىچىلار ئەكسىچە ئويلاشقا ئادەتلەنگەن.ئۇلار ئالدى بىلەن خېرىدارنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كېلىدىغان مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ.ئۆزى ۋە كارخانىسىنىڭ باشقىلارغا قانداق ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى،ۋە شۇ ياردەم ئارقىلىق ئۆزىگە قانداق پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاشمايدۇ.بۇ خىل ئىدىيە كارخانىڭىزنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.
بۇ ئىككى خىل ئىدىيەنىڭ پەرقىنى جوننىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق چۈشىنىپ باقايلى:
يېڭى جون ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىدى ، ‹بىر ماشىنا رىمونتچىسىنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى 100 دوللار.نېمىدېگەن يۇقىرى! › بۇ ئوي بىلەن ئۇ كارخانىسىنىڭ يېڭى مۇلازىمەت تۈرى ـــ رېمونت مەكتىپى ئېچىشنى قارار قىلدى.بۇ ئارقىلىق ئۇ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.ۋە بۇ خىل ئىدىيە ئارقىلىق ئاددىي ماشىنا رىمونتچىسىغا قارىغاندا تەرەققىي قىلالايدۇ،ئۇزۇنغا بارالايدۇ.
ئىلگىرىكى جون بولسا ئىشلارنى ئۆزىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلايدۇ.ئۇ خوجايىنىنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا كۆپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى،ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭمۇ كۆپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى،ئۆزىنىڭ بولسا ئائىلىسىنى قامداشقا ئارانلا يېتىدىغان پۇل تاپقانلىقىنى كۆرىدۇ.ئۇنىڭ كۆرگىنى پۇل ئۈچۈن ياشاۋاتقان ئادەم.
چوڭ كارخانىچىلاردا مۇنداق بىر قاراش بار: كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلىغان ئادەم،پۇلنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالماسلىقى كېرەك.بۇ گەپنى چۈشەنسىڭىز مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنىمۇ چۈشىنەلەيسىز.ئالىيجانابلىق قەلب زىننىتى ئەمەس،بەلكى ئۆمۈرلۈك لازىملىق ھەمراھ.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى